خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى كۆپەيتىشى سەل قاراشقا بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. ئامېرىكا ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ، خىتاينىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەلبەتتە بۇ يەردە خىتاينىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانداق قىلىشى كېرەك ھەمدە خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا ئاكتىپلىق بىلەن تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىشىدىكى مەقسەت-مۇددىئالىرىغا قانداق قاراش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر مەيدانغا كېلىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن "خىتاينىڭ دۇنيادا ئېشىۋاتقان تەسىرى" دېگەن تېمىدا بىر ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا مەزكۇر كومىتېت رەئىسى رىچارد داماتو سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
"خىتاينىڭ دېپلوماتىيە، ئىقتىسات ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى خەلقئارالىق تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ۋە ماددىي ئەشياغا بولغان ئېھتىياجى، ئۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى پائالىيەتلىرىگە سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىلدۇر".
خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەسىر دائىرىسى قانچىلىك كېڭىيىۋاتىدۇ؟
مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روجېر روبېنسون ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ دۇنيادىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەسىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ گېرمانىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئاۋسترالىيىگە ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقداشلىرىغا يېقىنلىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە كۇبا، ئىران، سۇدان ۋە زىمبابۇۋى قاتارلىق، ئامېرىكا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ئەھۋالى مەۋجۇت دەپ قارىغان دۆلەتلەر بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا روبېنسون ئەپەندىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئاساسلىقى بۇ دۆلەتلەردىن ئېنېرگىيە ۋە ماددىي ئەشياغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
روبېنسون ئەپەندى سۆزىدە يەنە شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇشۇنداق كۈچىيىپ مېڭىۋەرسە، بۇنىڭ كەلگۈسىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزى مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىرىنىڭ مەيدانىنى تاللىشىغا توغرا كېلىشتەك ۋەزىيەت شەكىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا ئۇ ئامېرىكىنىڭ چوقۇم خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ، پەقەت قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادىي ۋە مالىيە پايدىسىنى دەپلا ئۇزۇن مەزگىللىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتنى قۇربان قىلماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاينىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىرى
مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا يەنە، ۋاشىنگتوندىكى دۇنيا بىخەتەرلىك ئانالىز تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى گەل لافت ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئېنېرگىيىنىڭ، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ھازىر خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ غەربىي يېرىم شاردا ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقان تەسىر دائىرىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
"خىتاينىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى ئېنېرگىيە كونتروللۇقى، ئامېرىكىنىڭ مۇقىمسىز ھالەتتىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بولغان بېقىندىچىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىمپورت قىلىۋاتقان نېفىتنىڭ يېرىمى غەربىي يېرىم شاردىكى رايونلاردىن كېلىدۇ. خىتاي جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن بىر باك نېفىت سېتىۋالدى دېگەنلىك، ئامېرىكا بىر باك نېفىتتىن قۇرۇق قالدى دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئامېرىكا غەربىي ئافرىقا، ئىچكى دېڭىز رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرققە ئوخشاش تېخىمۇ يىراق ۋە مۇقىم بولمىغان نېفىت مەنبەسىگە تايىنىپ قالىدۇ".
ئانالىزچىلار: ئامېرىكا ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى كونترول قىلىشى كېرەك
گەل لافت ئەپەندى يىغىندا يەنە، گەرچە سەئۇدىي ئەرەبىستان نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك قوغداش ياردىمىگە تايانسىمۇ، لېكىن ناۋادا ئامېرىكا بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، سەئۇدىلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىشى سەۋەبىدىن بۇزۇلسا، شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھەربىي كۈچىنى مۇشۇنداق توختىماي تەرەققىي قىلدۇرسا، ئۇ چاغدا بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان سىياسىتىگە قارىتا تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇشى زۆرۈر بولۇشتىن سىرت يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم ئىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ئېنېرگىيىسىنىڭ 2/3 قىسمىنىڭ قاتناشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ نېفىتنىڭ ئورنىغا ماشىنىلارغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا يېقىلغۇنى ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)