"فرانسىيە ئاگېنتلىقى" ۋە "مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنىتى تەرەققىيات - تەتقىقات مەركىزىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ مېڭكۇي ئەپەندى يېقىندا "خىتاينىڭ ئىقتىسادى بۇلتۇر 9.5٪ ئاشتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە 8٪ دىن ئېشىپ ماڭىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي زور دەرىجىدە گۈللىنىدىغان ئالتۇن دەۋر، بۇ گۈللىنىش دۆلىتىمىزنىڭ پەن - ئىلىم كۈچى، تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى ۋە مول نوپۇس بايلىقىدىن كېلىدۇ" دەپ جاكارلىغان.
"مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا - تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسى يېقىندا بىر بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا خىتايدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ نەشرىيات ھوقۇقىنى ئوغرىلاپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ۋە يالغان - ساختا ماللار ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىگە 200 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق زىيان سالدى، خىتاي ھازىر بىزنىڭ سودا ساھەمىزنىڭ باش دۈشمىنى بولۇپ قالدى، دەپ ئەيىبلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭغا قارىتا قانۇنى تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىنىدا 4 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۇلۇك نورمال سودا مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا بىر تەكلىپ قانۇن لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋېرمانت شىتاتىدىن سايلانغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بېرنارد ئەپەندى سۆزىدە " ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە ئەگەر ئەمەلىيەتكە ھۈرمەت قىلغان ھالدا قاراپ چىقىلسا، ھەممە كىشى ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىتى ئۈزۈل- كېسىل ئاقمايدىغان سىياسەت بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىدۇ. ھازىر بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا يول يوق" دېگەن.
"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى"دە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىدا ئىككى دوكلات ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئۇچۇر - ئاخبارات كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلغان پۈتۈن يەر شارىئىنىڭ كېلەركى 5 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر. بۇ تەسەۋۋۇرىدا ئېيتىلىشىچە، 2020 - يىلىغا يەتكەندە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 2000 - يىلىدىكىدىن 80٪ كېڭىيىدۇ. پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم مىقدارى 50٪ ئاشىدۇ. ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، دۇنيا بويىچە نوپۇس سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر دەپ ھېسابلىنىدىغان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ جەرياندا پاكىستان بىلەن تۇقۇنىشىۋاتقان ھىندىستان ۋە تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋىتى جىددىلىشىۋاتقان خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي رېقابەتكە ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا دۇنيادا، خۇددى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ زالىملىقى تۈپەيلىدىن "چېكىدىن ئاشقان ھادىسىلەر" كېلىپ چىققاندەك چېكىدىن ئاشقان ھادىسىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىقتىسادشۇناس خې چىڭلەن بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا "ئەگەر خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتنىڭ دۇنيادا پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللىرى كۆپىيىپ، خەلق يەنىلا بۇرۇنقىدەك ‘چېكىدىن ئاشقان ھادىسىلەرئ گە ئۇچراپ "ھايۋاناتلار مەھەللىسى" دېگەن ئەسەردە تەسۋىرلەنگەندەك ئىقتىسادىي تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان بولسا، بۇنداق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمە كېرىكى بار؟" دەپ جىددى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن .
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى دوكىلاتنىڭ يەنە بىرى -باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھرىدە تۇرىدىغان "كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى كۆزۈتۈش ئورگىنى" نىڭ يىللىق كىشىلىك ھۇقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى دوكىلاتى. بۇ دوكىلاتتا خىتايدا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش يولغا قويۇلغانلىقى ۋە يەنە سوتچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش، ئۇزۇن مۇددەت قاماقتا تۇرىدىغان مەھبۇسلارنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن تۈزۈش دېگەن پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى قاتارلىقلارنى دەلىل قىلىپ "ھازىر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلىنىۋاتىدۇ" دېيىلگەن. شۇنداقلا يەنە "ئەمما خىتايدا يەنىلا قانۇن كونا قانۇن، بۇ دەل كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ مەنبەسى. ھازىر خىتايدا خەلق نامايىش قىلىپ قارشىلىق كۆرسۈتەلەيدۇ، ئەمما خەلقنىڭ كۇچىغا قارىغاندا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تېخىمۇ غالجىرلاشقان، ئۇلار خەلقنىڭ ھەر قانداق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرىۋېتىدۇ. بۇلۇپمۇ، خىتايدا ھازىر نەشرىيات- مەتبۇئات ۋە ئۇچۇر تارماقلىرىنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىش ئىنتايىن دەھشەتلىك، ھەتتا خىتايغا ئۇلىشىدىغان چەتئەل تور بەتلىرىمۇ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ" دەپ بايان قىلىنغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىقتىسادشۇناس خې چىڭلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئوبزورىدا "خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر مۇستەبىتلىكتىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئەمما ئۇ بىر مىليارتتىن ئارتۇق خەلقنىڭ ھەممىسىگە "ئالتۇن قەپەز" توقۇپ ، شۇ قەدەر كۆپ خەلقنى قەپەزلەرگە سۇلاپ ياكى قاناتلىرىنى بۇغۇچلاپ باشقۇرالايدىغان ئىقتىدارغىمۇ ئېگە ئەمەس" دېگەن. (ۋەلى)