ئەركىنلىكنى ئاللاھ ئۆزى ھەر بىر ئىنسانغا تەقدىم قىلغان


2006.09.19

9 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2006' ‏- يىللىق خەلقئارا دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى' ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى 'ھوقۇق خىتابنامىسى' نىڭ بىرىنچى ماددىسىدىكى 'پۈتۈن دۇنيادا دىنى -ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆزلەش ئەركىنلىكى، توپلىنىش ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى، ھەممە دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر چوقۇم ھۈرمەت قىلىشى كېرەك بولغان ئاساس' دېگەن ئىبارىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. بۇ دوكلاتتا دۇنيا بۇيىچە خەلقىدە ئەركىنلىك بار دۆلەتلەر بىلەن خەلقىدە ئەركىنلىك يوق دۆلەتلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى، يەنى پۈتۈن دۇنيادا ئەركىنلىكنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا كېڭىيىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى باھالاپ تۇرۇۋاتقان 'ئەركىنلىك ئۆيى' دېگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1972 ‏- يىلى دۈنيا بۇيىچە خەلقىدە ئەركىنلىك بار دۆلەتلەرنىڭ سانى 44 ئىدى، بۇ سان يىلدىن ‏- يىلغا كۆپىيىپ، بۇلتۇر 89 غا يەتتى. 1972 ‏- يىلى پۈتۈن دۈنيا بۇيىچە خەلقىدە ئەركىنلىك يوق دۆلەتلەرنىڭ سانى 68 ئىدى، بۇ سان يىلدىن ‏- يىلغا تۆۋەنلەپ بۇلتۇر 45 كە چۈشۈپ قالدى.

خىتاينىڭ بەزى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەسىلىسى كىشىنى چۈچىتىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2006 ‏- يىللىق خەلقئارا دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى'نىڭ خىتايغا دائىر قىسمىدا 'خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى ئېتىقاد قىلماسلىق ھەر بىر كىشىنىڭ ئەركىنلىكى دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ 'رۇخسىتى' ئاستىغا ئېلىپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ 'باشقۇرۇشى' ئاستىغا قويۇپ چەكلەشكە ئۇرۇندى. يېقىنقى يىللاردا خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش يۈز بەردى. بەزى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەسىلىسى كىشىنى چۈچىتىدۇ' دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.

چىن گاڭ: جۇڭگودا ھەر قايسى مىللەتلەر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ ئامېرىكىنىڭ 2006 ‏- يىللىق 'خەلقئارا دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى' دىكى خىتايغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى 'دىنىي مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلغانلىق' دەپ قارىغان. چىن گاڭ ئەپەندى دۇنياغا ھازىر 'جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداۋاتىدۇ، جۇڭگودا ھەر قايسى مىللەتلەر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىغان.

مۇھەممەت سالىھ ئارتىش ھاجىم چىنگاڭنىڭ ئېنىقلىمىسىنى رەت قىلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇۋاتقان مۆتىۋەر زاتلىرىدىن مۇھەممەت سالىھ ئارتىش ھاجىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھازىر 'ھەر قايسى مىللەتلەر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ' دېگەن ئېنىقلىمىسىنى تارىخىي ۋە ئەمەلىي جەھەتلەردىن رەت قىلدى.

ئامېرىكىدا دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولماسلىقتەك ئېغىر مەسىلە يوق، دەپ قارىلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بيۇروسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس خانىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ 2006 ‏- يىللىق 'خەلقئارا دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى' مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتۇقىدا 'ئامېرىكىدا دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولماسلىقتەك ئېغىر مەسىلە يوق، دەپ قارىلىدۇ، بىزنىڭ دۆلىتىمىز دەل مۇشۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دېموكراتىيىنىڭ يادروسى، بىز ھازىر بۇ جەھەتتە رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز' دېگەن. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئامېرىكىنىڭ 2006 ‏- يىللىق 'خەلقئارا دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى' مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتۇ قىدىمۇ، ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى قىممەت قارىشىنى تەكىتلەپ ' دۇنياغا ئەركىنلىكنى ئامېرىكا بەرمەيدۇ، ئەركىنلىكنى بولسا ئاللاھ ئۆزى ھەر بىر ئىنسانغا تەقدىم قىلغان، بىز ئامېرىكىدا ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرگەندە بۇ نوقتىنى ئەستە تۇتىمىز' دېگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.