ئۇيغۇرلاردا ئاتا – ئانىنىڭ مۇقەددەسلىكى


2007.03.16

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەڭ ئېسىل ئەنئەنە ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە خەلق. ئاتا – ئانىنى ئۇلۇغلاش بۇ مىللەت. ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بۇرچ. "ئاتا – ئاناڭنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمە"، "ئاتاڭ رازى خۇدا رازى" ، دېگەنگە ئوخشىغان ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن، "جەننەت ئانا ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا" دېگەن ھەدىسنىڭ ئۆزگەرمەس تەلىمات شەكلىدە كەڭ تارقىلىپ، ئەسىرلەردىن بىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. چۈنكى ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. بالىلار ئاتا ئانىلارغا قانچىلىك كۆپ ياخشىلىق قىلسىمۇ، ئاتا ئانىلارنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان توختىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.