ئۇيغۇرلار فامىلە قوللىنىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ يېقىنقى زامانلارغىچە ئاساسەن فامىلىگە ئېتىۋار بېرىپ كەلگەن مىللەت ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تەسىرلىرى شۇنداقلا دەۋرىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ فامىلە مەسىلىسىگە نىسبەتەن بىپەرۋالىقى ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن بولسا كېرەك، ئۇيغۇرلار بارغانچە فامىلىسىز بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قېلىش گىردابىغا كېلىپ قالغانىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بەس- مۇنازىرىلەردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ئۆز نەسەبىنى ئىزدەش، يىلتىزىنى قوغلىشىش جەمەتىنىڭ فامىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنىلا فامىلىنى قانداق تاللاش، قانداق قوللىنىش مەسىلىلىرىدە بىرلىك بولمىغاچقا، بۇ ھەقتە كۈچلۈك مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋەرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق. ئۇ بىر مىللەتكە نىسبەتەن فامىلە مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.