خىتاينىڭ غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى
2004.08.31
خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى دۈشەنبە كۈنى، غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولىنىڭ غەربىي بۆلىكىنى يەنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىن باشلىنىدىغان قىسمىنى پىلانىدىن تۆت ئاي بۇرۇن ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي نېفىت شىركىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرىشىچە، مەزكۈر تۇرۇبا يولىنىڭ غەربتىكى 2330 كىلومېتىر بۆلىكىدە چارشەنبىدىن باشلاپ، گاز يۆتكەش باشلىنىدىكەن.
بۇ ئاينىڭ باشلىرى،مەزكۈر قۇرۇلۇشنىڭ رويال-داچ شەل نېفىت شىركىتى باشچىلىقىدىكى چەتئەللىك شېرىكلىرى، خىتاي نېفىت شىركىتى بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلالماي، مەزكۈر قۇرۇلۇشتىن چىكىنىپ چىققاندىن كىيىن، خىتاي نېفىت شىركىتى ئۆزى يالغۇز ھالدا 24 مىليارد دوللار مەبلەغ كېتىدىغان بۇ غايەت زور تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەمما بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا، گەرچە مەزكۈر قۇرۇلۇشنىڭ سىياسى مەقسىتى، مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلماستىن، قۇرۇلۇشنى ئۆز ئالدىغا باشلاۋەرگەن. خىتاي نېفىت شىركىتى،ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي بۆلىكى يەنى شەنشىدىن شاڭخەيگە تۇتىشىدىغان 1660 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە گاز ئاقتۇرۇش ئىشىنى باشلىغان ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇرۇبا ياتقۇزۇشنى پۈتتۈرگەن .
تەتقىقاتچى مايكىل لەلىۋەلىدنىڭ بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ئەۋەتكەن ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئانالىزچىلار، خىتاي بىلەن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەزكۈر قۇرۇلۇشتىكى ھەمكارلىقىنىڭ بۇزۇلىشىدا،ئاساسلىقى خىتاي دائىرىلىرى چەتئەل شىركەتلىرىنى بۇ قۇرۇلۇشتىن پايدا ئالالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرەلمىگەن دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ ئەسلىدىنلا چەتئەل شىركەتلىرىنى شېرىك قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شوتلاندىيىدىكى دۇندى ئۇنۋېرسىتىنىڭ خىتاي ئىنىرگىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى فىلىپ سىپىدنىڭ قارىشىچە، خىتاي نېفىت شىركىتى چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى باشتىن ـ ئاخىر خالىمىغان. مەزكۈر شىركەت پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشتۇرۇشقا ماقۇل بولغان. فىلىپ سىپىد مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن:
ـ بۇ قۇرۇلۇش باشلىنىشىدىنلا بىر ئىقتىسادى ئۈنۈمنى كۆزلىگەن قۇرۇلۇش ئەمەسلىكى ئېنىق بولغان ئىدى. ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ب پ ئاماگو بۇنى دەرھال ھىس قىلىپ ، چىكىنىپ چىقىپ كەتتى. رويال-داچ شەل ، ئىكسان ، گاز پېرىم ۋە باشقا شىركەتلەرمۇ ئاخىرغىچە كىلىشىپ بېقىپ، پايدا ئالالىشىغا كۆزى يەتمىگەندىن كىيىن، بۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. ئەمما شۇنى سوراپ بېقىش كېرەككى، خىتاي نېفىت شىركىتى چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن زادى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقتىمۇ؟ خىتاي نېفىت شىركىتى خۇددى بۇ ھەمكارلىقنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئىپادىدە بولۇپ كەلدى.
مايكىل لەلىۋەلىدنىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاي بىلەن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيە ھەمكارلىقىدىكى رويال-داچ شەل شىركىتى غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىتقا ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى مۆلچەرلەش ئۈچۈن،2002 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پروگراممىسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە ب د ت تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرغان. ئاخىرىدا چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىنىڭ چىكىنىپ چىقىشى بىلەن، خىتاي نېفىت شىركىتى قۇرۇلۇشنى ھىچقانداق توسقۇنلۇقسىز ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
ئاپتۇر مايكىل لەلىۋەلىدنىڭ ماقالىسىغا قارىغاندا، ئانالىزچىلار بېيجىڭنىڭ ، " غەربنى ئېچىش ستراتىگىيىسى " نىڭ بىر قىسمى ھىسابلانغان تارىمنىڭ گېزىنى شاڭخەيگە يۆتكەش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى، تەبىئى بايلىققا تولغان ئۇيغۇر ئېلىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇلار شۇنداقلا يەنە، مەزكۈر قۇرۇلۇش ئارقىلىق، خىتايدىكى نېفىت ۋە كۆمۈرگە بولغان جىددىي ئېھتىياجنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىغىمۇ گۇمان بىلەن قارىماقتا.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۇ ئاينىڭ باشلىرى شاڭخەيدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 2010 - يىلىغىچە شاڭخەيدە تەبىئى گازنى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا ئاساسلىق يېقىلغۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئامېرىكا خەلقارا ستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزى ئىنىرگىيە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى روبېرت ئەبىل بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ گەرچە بۇنداق بىر تۇرۇبا يولىنى ياتقۇزۇش تېخنىكىسى بار بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادى ئۈنۈمى يۇقىرى قۇرۇلۇشلارنى لايىھىلەشتە تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن ، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى گاز قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنىڭ سوۋۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ مۇنداق دىدى:
- ھەممە ئادەم پايدا ئېلىشنى خالايدۇ. بىراق بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق مەلۇم بولغان ۋە تېخى مەلۇم بولمىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشمىدى. خىتاينىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ئىچىدىكى تەبىئى گاز قۇرۇلۇشى بولسون ۋە ياكى تەبىئى گازنى ئىمپورت قىلىش پىلانى بولسۇن، كىشىگە شۇنداق تەسىر بېرىدۇكى، خىتاي گەرچە بۇ ئۇزۇن مۇساپىلىق تۇرۇبا يولىنى ياتقۇزۇش ئارقىلىق، تەبىئى گازنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يىتەلمەيدىغاندەك كۆرىنىدۇ.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتايدا ھەر خىل شەكىلدىكى ئىنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، گەرچە تەبىئى گاز تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى مومكىن بولسىمۇ،بىراق نۆۋەتتە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ يۇقىرى بولىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىلىكتىر ئىستانسىلىرى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا تەبىئى گاز ئىشلىتىشنى كىچىكتۈرمەكتە.
مايكىل لەلىۋەلىدنىڭ ماقالىسدە يەكۈنلىنىشىچە، تارىمنىڭ گېزىنى شاڭخەيگە يۆتكەش قۇرۇلۇشىغا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ قاتناشماسلىقى ئۆز نۆۋىتىدە مەزكۈر قۇرۇلۇشنىڭ بىر ئىقتىسادى ئۈنۈمنى كۆزلىگەن تىجارىي خارەكتېرىنى يوق قىلغان. شۇنداقلا مەزكۈر قۇرۇلۇشتىن قانچىلىك زىيان چىقىدىغانلىقىنى،ھۆكۈمەتنىڭ بۇ زىيانلارنى قانداق تولدۇرۋالىدىغانلىقىنى بىلىشنى تولىمۇ قىينلاشتۇرغان. (ئارزۇ)