0:00 / 0:00
ئۇيغۇر ئېلى ھەقىقەتەن تەرەققى قىلدىمۇ؟ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار بەختىيار ياشاۋاتامدۇ؟ ئىگىز-ئىگىز بىنالاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلار، سودا قىلىۋاتقانلار كىملەر؟ ئۇيغۇرلارمۇ؟
ئالمۇتادىكى مۇخبىرىمىز يېقىندا قازاقىستاندىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر كىشىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە كۆرگەن ئەھۋاللار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ كىشى ئۈرۈمچىنىڭ ھەقىقەتەن تەرەققى قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەمەس بەلكى خىتايلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.