0:00 / 0:00
28- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رىچارد باۋچەر ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى شۇنىڭدەك ۋاشىنگتوننىڭ بۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا مۇنازىرە قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈشتى.