گۇتمان: دۇنيا خىتاينىڭ تەپەككۇرى بويىچە ماڭمايدۇ

2004 - يىلى 1 - ئايدا، پېشقەدەم مۇخبىر، مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرگە مەسلىھەت بەرگۈچى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوراللارنى كونترول قىلىش تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتمان ئەپەندىنىڭ "يېڭى جوڭگو بىلەن خوشلىشىش" ناملىق كىتابى "ئىنكانتېربۇك" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىدى.

بۇ كىتابتا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا -مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىشى، دەسلەپتە كۈتكەن ئۈمىدلەر ۋە كېيىن پەيدا بولغان ئۈمىدسىزلىكلەر بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ 7 - بابىدا يەنە، مەخسۇس خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى تونۇشتۇرۇلغان.

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇ يادرو قوراللىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەندىن كېيىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابنىڭ ئاپتورى ئېتان گۇتمان ئەپەندى مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، دۇنيا خىتاينىڭ تەپەككۇرى بويىچە ماڭمايدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

- جۇ چېڭخۇ ئەپەندى سۆزىدە ، خىتاي تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلەتسە، ئامېرىكىنىڭ ئارىلاشماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇرۇشنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، دەپ قارىغان - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە ، - ئۇ، خىتاي قانچە كۈچلۈك بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىش ئېھتىمالى شۇنچە ئاز بولىدۇ، ياپونىيىمۇ بىتەرەپ ھالەتتە تۇرۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. ئەمما جۇ چېڭخۇ ئەپەندى خىتايدا نۇرغۇن خەلقنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇرۇش بولسا نېمە نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان.

- ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش ياكى يۈز بەرمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىسىمۇ، - دەپ بايان قىلىدۇ گۇتمان ئەپەندى، - ئەمما كوممۇنىست خىتاي تەيۋەن ئارمىيىسىنى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى يوقىتىدۇ. خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارىلىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ؛ ياپونىيىنىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىغان ھامان دەرھال بىر قۇدرەتلىك ھەربىي قوشۇن تەشكىللەپ چىقىشقا ئۈلگۈرمەيدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلماسلىقى كېرەك. بولمىسا، ھەربىي جەھەتتە تەسەۋۋۇر خاتالىقى يۈز بېرىدۇ - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - گېتلېر ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن، ئەنگىلىيىلىكلەرنى پەقەت بىر توپ تىجارەتچىلەر، بومبا پارتلىغان ھامان پۈتۈنلەي ھوشىدىن كېتىدۇ؛ رۇسىيىنىڭ دەرۋازىسى بىر قاتتىق تېپىك بىلەن ئېچىپ تاشلانسىلا ئۇ دۆلەت غۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. خىتاي ھازىر، خۇددى فاشىست گېتلېرگە ئوخشاش، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى سەل چاغلىغان بولسا كېرەك. ئۇلار پرېزىدېنت بۇشنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن مايك مور ئەپەندى رېجىسسورلىقىدا تەييارلانغان "سېلسىيە 911 درادۇس" دېگەن كىنو فىلىمىدىكى، ئامېرىكىدا ناھايىتى كۆپ خەلق كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان كۆرۈنىشلەرنىلا كۆرۈپ، دېموكراتىك تەيۋەندە كىشىلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جىدەللىشىپ كەتكەن كۆرۈنىشلەرنىلا كۆرۈپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى بىر مۇشقا يارىمايدۇ دەپ ھېسابلىغان بولسا كېرەك. دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان پارتىيىلەرنىڭ دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن جىدەللىشىشتىن ھاسىل بولغان كۈچ - قۇدرەتنى، سوغۇقچىلىق ئۇرۇش دەۋرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئېنىق كۆرگەنغۇ! ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى بولغاندا، ئىككى پارتىيىنىڭ جەڭگى - جىدىلى تازا ئەۋجىگە چىققاندا، ئوساما بىن لادىن يەنە بىر قېتىم قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىدى، شۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ خەلق بۇشنى سايلاشقا ئاۋاز بەردى. تەيۋەندە سايلام بولغاندا، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇ روڭجى تەيۋەنگە تەھدىت سالغان ئىدى، تەيۋەن خەلقنى دەرھال چېن شۇيبيەننى سايلىدى. يېقىندا يەنە، دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى رەئىس سايلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ما يىڭجيۇ ئەپەندىنىڭ سايلىنىشىنى ئۈمىد قىلماي، گېنېرال جۇ چېڭخۇ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا سۆز قىلغان ئىدى، گومىنداڭمۇ دەرھال ما يىڭجيۇ ئەپەندىنى رەئىسلىككە سايلىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزى باشقىلارنى داۋاملىق بوزەك قىلىش مەقسىتىدە، دۇنيانى قورقۇتۇپ ئارىلاشمايدىغان قىلىمەن دېمىسۇن، دۇنيانىڭ ئىشى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە يۈرۈشمەيدۇ!

- ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىسى ئەزەلدىن تارتىپ كۈچ - قۇۋۋەت ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش. - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - بەش بۇرجەك بىنانىڭ ئامېرىكىغا نىشانلاپ ئېتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى توسىۋېلىش ئىقتىدارى بار. خىتايدا ئامېرىكىنىڭ كارىلادو شتاتىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا بارلىقى تېخى بىزگە نامەلۇم. خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى پەرق ئېتىش - ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان، ئۇ ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرىغا يېقىنلىشالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى قوغدىنىش جەھەتتە ناياھىتى ئېھتىياتچان. ئۆزىنى چاغلىيالمايدىغانلار، ئادەتتە، خاتا مۆلچەرگە تايىنىپ ھۇجۇم قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن. - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، -- شۇڭلاشقا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ كېلىپ كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ، ئۇلارنى خاتا مۆلچەرلەپ قويمىسۇن دەيدۇ. 1996 - يىلى تەيۋەندە سايلام بولغاندا، خىتاي باشقۇرىلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ تەھدىت سالغان ئىدى، شۇ ھامان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئاۋىئاماتكىسى ۋە چارلىغۇچى ئايرۇپىلانلىرى تەيۋەن بوغۇزىدا پەيدا بولدى. خىتاي ئىغۋاگەرچىلىكىنى دەرھال توختاتقان ئىدىغۇ! (ۋەلى)