ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوراللارنى كونترول قىلىش تەتقىقاتچىسى، پېشقەدەم مۇخبىر، "يېڭى جوڭگو بىلەن خوشلىشىش" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئېتان گۇتمان ئەپەندىنىڭ خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇنىڭ يادرو ئۇرۇشى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قارىتا ئېلان قىلغان مۇلاھىزلىرىدە يەنە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ:
- خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇنىڭ يادرو ئۇرۇشى ھەققىدىكى سۆزلىرى مەن ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - چۈنكى، بۇنىڭدىن بورۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قارىتا ئېلېكترونلۇق ماگنىت دولقۇنلىرىنى بۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنداق قورال زامانىمىزدا 3 - ئەۋلاد يادرو قوراللىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاپ قوماندانى شوڭ گۇئاڭكەيمۇ جۇ چېڭخۇدىن 10 يىل بۇرۇنلا "ئامېرىكا تەيۋەننى دەپ لوس ئانجىلىس شەھرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك" دەپ تەھدىت سالغان ئىدى. بۇنداق تەھدىت جۇ چېڭخۇنىڭ ئاغزى ئارقىلىق يەنە چىقتى. ئەمدى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خۇددى جۇ چېڭخۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرسە، ئۇ چاغدا يادرو ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى يوقىتىدۇ.
- خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇنىڭ شىئەننىڭ شەرقىدىكى ھەممىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىغا يادرو قوراللىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا، خەلقئارادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇنىڭغا جىددىي قاراپ ئىنكاس قايتۇردى. شۇنداقلا، خىتايدىكى پۈتۈن خەلقنىڭ رايىغا ئۆزى زورمۇ-زور ۋەكىللىك قىلىپ، پۈتۈن خەلقنىڭ ھاياتىنى بەدەل تۆلەشكە تەييار بولۇپ، ئەسەبىيلىشىپ جۆيلىگەن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قاتتىق غەزەپلەندى. خىتايغا ھازىر پۈتۈن دۇنيادىن لەنەت ياغماقتا. بۇنداق ۋاقىتتا، خىتاينىڭ تور بەتلىرىدىن "خىتاي يادرو قوراللىرى" دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىلارنى ئىزلىسە، خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇنىڭ سۆزلىرى دەرھال تېپىلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭدا "جۇ چېڭخۇنىڭ سۆزلىرىدە 'يوقىتىش' ، 'قورقىتىش' ، 'ئالدىنى توسۇش' ، 'كۈچ تىكلەش' دېگەن نەزىرىيىلەر بار؛ ئۇنىڭدىكى 'يوقىتىش' دېگەن ياپونىيە بىلەن تەيۋەننى يوقىتىش، 'قورقىتىش' دېگەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى قورقۇتۇش ، 'توسۇش' دېگەن ئامېرىكىنىڭ ئالدىنى توسۇش، 'كۈچ تىكلەش' دېگەن پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنى تىكلەش دېگەندىن ئىبارەت دەپ يېزىلغان تەپسىلى ئىزاھاتلارمۇ بار. لېكىن، خەلقئارادا جۇ چېڭخۇنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىلگەن ماقالىلارنى ئۇنىڭدىن تېپىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئۇچۇرلارنى خەلقتىن يوشۇرىۋاتىدۇ.
- خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇ شىئەننىڭ شەرقىنى تىلغا ئېلىپ، غەربىنى تىلغا ئالمىغان. جۇ چېڭخۇنىڭ نېمە مەقسەتتە شۇنداق دېگەنلىكىدىن قەتئىي نەزەر، - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - مىنىڭ ئېنىق بىلىشىمچە، دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ بومبىلىرى يېتىپ بارالمايدىغان جاي يوق. ئامېرىكىغا قارىتا يادرو ئۇرۇشى قوزغاش، بىر ھېسابتا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق بىلەن تەڭ. ئامېرىكا تەييارلاپ قويغان نىشانلارنى ئۆزى ئىزلەپ تېپىپ تېگىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىلار يەر ئاستىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى، بولۇپمۇ قوماندانلىق شىتابلىرىنى خاراپ قىلالايدۇ. بۇنداق قوراللار بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردا تېخى ئىشلىتىلىپ باقمىدى. ئەگەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى شىئەننىڭ غەرب تەرىپىدىكى رايونلاردا ئۆزى قۇرۇۋالغان ھەربىي ئەسلىھەلەرگە يوشۇرۇنۇپ، ئۇ جايلارنى خەتەرلىك رايونغا ئايلاندۇرسا، بۇنىڭ ئۈچۈن، - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىم تارتىشىدىن ساقلىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئامېرىكا خىتايغا قارىتا، خەلق ياشايدىغان شەھەرلەرنى ئەمەس، بەلكى بىۋاستە ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يوشۇرۇنغان قوماندانلىق شىتابلىرىنى ئالدى بىلەن پاچاقلايدىغان "باش يەنجىش" دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىنىشى تۇرغان گەپ.
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر يادرو قوراللىرى بار دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى، - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - ئەمما ئۇ تېخى يادرو قوراللىرىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان دائىرىدە ئەمەس. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي جەھەتتە تېخى زامانىۋىيلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ھەربىي تېخنىكىلارغا ئېسىلىپ، يەنىلا ماۋ زېدوڭچە پەسكەشلىك يولىدا كېتىۋاتىدۇ. يادرو ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ئۈچۈن خەتەرلىك شامال چىقىرىۋاتىدۇ.- دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تىركەشكەن يىللاردىمۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە "پەۋقۇلئاددە مۇقىملىق" ساقلاپ قېلىنغان ئىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو پاراخوتلىرى يېقىنلىشىپ قالسا، ھەر ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى بىر-بىرىگە دەرھال خەۋەر يەتكۈزۈپ، سۈركىلىش پەيدا بولۇشتىن ساقلانغان. خەتەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مىنۇتلاردا، دۆلەت رەھبەرلىرى بىۋاستە سۆزلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش بىر خەلقئارالىق قائىدىلا ئەمەس، بەلكى ناھايىتى مۇھىم مەسئۇلىيەتچانلىق. ئەمما ، - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، - يۇگۇسلاۋىيىدە ئۇرۇش بولۇۋاتقاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون جاڭ زېمىن بىلەن بىۋاستە سۆزلەشمەكچى بولۇپ تېلېفون قىلسا، جاڭ زېمىن تېلېفوننى رەت قىلغان ئىدى. ھازىر خىتاي قوللىنىۋاتقان تاكتىكا غەلىتە. ئۇ ئۆزىنىڭ تېخى زامانىۋىيلىشالمىغانلىقىغا باقماي، ھە دېسىلا يۇقىرى تېخنىكىغا ئېسىلىپ، مەخسۇس ئامېرىكىنىڭ سۈنئى ھەمرالىرىنى، ئاۋىئاماتكىلىرىنى ۋە ياكى خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان نوقتىلىرىنى توساتتىن پاچاقلاپ پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان يامان غەرەزدىلا بولىۋاتىدۇ.
- خىتاي ھازىر بىر خەتەرلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى، - دەيدۇ گۇتمان ئەپەندى، -ئامېرىكا خىتاينىڭ ئاسىيادا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلىنىشىدىن ئەنسىرىگىنى يوق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىتى مەدەنىيەتكە تەھدىت سېلىش. ھازىرچە ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى چوڭ ئەمەس، ئەمما ، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ۋاقىت جەدىۋىلىنى بەلگىلىسە، بۇنىڭدىن ئۇرۇش كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار. خىتاي ھازىر "تىنچ تەرەققى قىلىش" دېگەن نام بىلەن پۈتۈن دۇنياغا سىڭىپ كىرىش، كېڭىيىشنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ۋە مىللەتچىلىك بايرىقىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى تىكلەشنى كۆزلەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ، خىتاي ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى، خىتاي بۇ جەھەتتە جىددىي ھەرىكەت قىلسىلا، ئۇ، پۈتۈن دۇنيادا قاغىش -لەنەتكە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ئېھتىمال، ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ تەھدىتىنى چۈشەنمەي قېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتسا كېرەك. (ۋەلى)