خىتايدا 250 مىليون ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى تېخى بىر دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ


2005.12.15

خوڭكوڭدىكى خىتاي فىلولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، 3 - قېتىملىق خوڭكوڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تاۋجې ئەپەندى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلى كۆزەتكەندىن كېيىن يازغان ئوبزورىنى "ھازىر خىتايدا 250 مىليون ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدا بىر دوللارغا يەتمەيدۇ. بۇ ئادالەتسىزلىك ئۈچۈن خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەشكىلاتى ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەمگەكچىلەرتەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن خىتاي خەلقى ئۆزى ئەجەبلەنمەي دۇنيا خەلقى ئەجەبلىنىدۇ؟ بۇنى كىم قىلىۋاتىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ياكى دۇنيا سودا تەشكىلاتىمۇ؟ " دەپ باشلايدۇ.

ئەڭ جاپالىق ئىشلەپ ئەڭ ئاز ھەق ئالىدۇ

تاۋجې ئەپەندى خىتاي بىلەن خىتاينىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن، دۇنيادا ئۆزگىرىش بولدى. پۈتۈن دۇنيا خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بازىرىنى تالىشىدىغان بولدى. خىتايدا ئىشچىلار جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ بىر كۈن ئىشلىسە، تاپىدىغىنى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدۇ. "خىتايدا ئىشلەندى" دەپ ماركا چاپلانغان ماللارنىڭ باھاسى ئەرزان. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك روجدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە كۆپ سېتىلىدىغان ماللارنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئەرزان بولۇپ كېتىدۇ. ئامېرىكىدا ئوتتۇراھال ئاھالىلارنىڭ ئۆيىدىكى جۇلالىق بايرام بېزەكلىرىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىشچىلارنىڭ، بولۇپمۇ خېنەندىكى ئەڭ جاپالىق ئىشلەپ، ئەڭ ئاز ئىش ھەققىگە ئېرىشەلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ سىڭدۈرگەن قان -تېرى، ئىشلەپ قاپارغان بارماق ئىزى بار. دۇنيا بازىرىدا بايرام بېزەكلىرىلا ئەمەس، كىر ئالغۇ، كىيىم-كېچەك، ئوچاقبېشى ئەسلىھەلىرى دېگەندەك جىددىي ئېھتىياجلىق، ئەمما باھاسى ئەرزان ماللارنىڭ كۆپىنچىسى "خىتايدا ئىشلەندى" دېگەن ماركا چاپلانغان ماللار. چەتئەللەردە "خىتايدا ئىشلەندى" دېگەن ماركا چاپلانغان كىيىمنى كىيگەن ھەر بىر ئادەم خۇددى خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ تېرىسىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ سويۇۋېلىپ ئۈستىگە كىيىۋالغاندەك بولىدۇ.

ئەمگەك كۈچى شۇنداق ئەرزان باھادا سېتىلىشىغا خەلق ئۆزى رازىمۇ؟

تاۋجې ئەپەندى ئوبزورىدا يۇقىرىقىدەك ئادالەتسىز ھادىسىنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىشقا تىرىشىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىمىز بار دەپ ماختىنىپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان خىتاي دۆلىتى بازار ئىگىلىكىگە مۇشۇنداق كىردى. خىتاي خەلقى قۇل بولۇشنى خالايدىغان، بۇنى باشقىچە تەسۋىرلىگەندە، مۇشۇنداق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ياكى پاراۋانلىقنى قوبۇل قىلىدىغان خەلقمۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچى شۇنداق ئەرزان باھادا سېتىلىشىغا خەلق ئۆزى رازىمۇ؟ ئەگەر بۇ سوئالنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دېگەن ئورگاننىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى بار خوڭكوڭلۇق بايلاردىن سورىساڭ، قىلغان سۆزۈڭ ئەگەر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ھازىر ئاجايىپ تەرەققى قىلىپ كەتكەنلىكىنى ماختايدىغان "ۋەتەنپەرۋەرلىك" سۆز بولمىسىلا، ئۇلار ستانفورتتا ئۆگەنگەن ئىنگلىزچە تەلەپپۇزدا چالا سۆزلەپ "قاۋاقخانىغا بارغىن، شۇ جايدا سۆزلىشەيلى" دەپ سىنى رەت قىلىدۇ. خىتايدا ئەمەلدارلار ئاساسەن مۇشۇنداق.

خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى خەلق ئۈچۈن ئەمەس

تاۋجې ئەپەندى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىمۇ ياخشى چۈشەنگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، سۇڭخۇئاجياڭ دەرياسى زەھەرلەندى، كان ھادىسىلىرى بەك كۆپ يۈز بەردى، سەنۋېي شەھىرىدە كەنت پۇقرالىرىنى ھۆكۈمەت باستۇردى، خىتايدا باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇش تېخىمۇ ياۋۇزلاشتى. خىتاي جەمئىيىتى مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرغاندا، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك خادىم بولۇش ئۈچۈن، 1 مىليارد 300 مىليون خەلققە رەھىمسىز بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلقنى باستۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئىشچىلار كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن بىر ئامېرىكا دوللىرىنى ئاز كۆرسە، شۇنىڭغىمۇ ئېرىشەلمەي ئىش كۈتۈپ تۇرغان يەنە كۈرمىڭ ئادەم بارلىقىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك. ئۇلارنى ھۆكۈمەتكە رەخمەت ئېيتقۇزۇشى كېرەك. خىتايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خەلق ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت كىرگەنلىكىنى ، مەنپەئەتنى ھۆكۈمەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇلارغا سەزدۈرمەسلىكى كېرەك. كىم ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى ئېزىۋاتقانلىقىغا نارازى بولسا، دېڭ شاۋپىڭنىڭ "ۋەتەنپەرۋەرلەرنى يىتىشتۈرسەكلا، خوڭكوڭنىمۇ ئىدارە قىلىۋېرىمىز" دېگەن سۆزىنى ئەستە تۇتۇپ، خەلقنى، بولۇپمۇ تەبىئىي بايلىقلىرى مول رايونلاردىكى خەلقنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرمايدىغان ‘ۋەتەنپەرۋەرلىك’ يولىغا باشلىشى كېرەك. خىتايدا مۇشۇنداق قىلالىغانلار ئاندىن سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك دۆلەت خادىمى بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.