ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتەمدۇ؟

0:00 / 0:00
shht-200.jpg
ش ھ ت يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى. AFP Chongaytip korung

يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىلىرىنى تاقاشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ھەربىي قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ياكى ئۇنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى پەيدا بولدى. بۇ پەقەت ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇ تەكلىپنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ باشلامچىلىقىدىكى ئالتە دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان رايون خاراكتېرلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك ھەربىي-سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا بازىلىرى قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى ئايرىم كېلىشىملەر ئارقىلىق قۇرۇلغان

يېقىندا قىرغىزىستاندا بولۇپ ئۆتكەن سايلامدا غەلىبە قىلغان ۋاقىتلىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شۇنىڭدەك موسكۋانىڭ قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە قارار قىلىشى قاتارلىق يېڭىلىقلار مۇلاھىزىچىلەرنى ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى ساقلاپ قالامدۇ ياكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتەمدۇ؟ دېگەن تېما ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقا ئۈندىدى.

مەن قىرغىزىستاننى ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆز تۇپرىقىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ ئويلىمايمەن. مەن بۇنىڭدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنى قىرغىزىستانغا كۈچلۈك بېسىم قىلىۋاتىدۇ دەپ ھېسابلايمەن. قىرغىزىلار غەرب بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ، بىراق ئۇلار يەنە خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەنمۇ ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ تەكلىپى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى شۇنىڭدەك ۋاشىنگتون ئۆز ھەربىي بازىلىرىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەمەس، بەلكى قىرغىزىستان ،ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، كېلىشىم ئارقىلىق قۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ بازىلارنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئاندرېي دﯤ نېشنېرانىڭ "بەش بۇرجەكلىك بىنا ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىپ كېتىشى كېرەكمۇ؟" دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە تونۇشتۇرۇلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ پود-پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى ۋەكىلى جوۋ كارپېنتېر ئەپەندى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى بۇ بازىلارغا جايلاشقان ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ھەربىي ھەركەت ئېلىپ بېرىشقا ماسلىشىدىغانلىقى، ھازىر قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىدا ھاۋا ئارقىلىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان مىڭدەك ئادەم، ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىدا بازىدا بولسا، تەخمىنەن 800 دەك ئادەم بارلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ بازىلارنى تاقاش ھەققىدىكى تەلىپىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

" ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىلار "تالىبان" ۋە "ئەل قائىدى"گە قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ بازىلار يەنە ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى جايلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە شۇنىڭدەك يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پاكىستاندىكى دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنى ئەسلىتىشنى خالايمەنكى، ئافغانىستان داۋاملىق تۈردە قىيىن جاي بولۇپ قالىدۇ، بىرلەشمە قوشۇنلار، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ يەردە يەنىلا ھەربىي ئوپېراتسىيىلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا. يۇقىرىدا نامى ئاتالغان بۇ ئىككى بازا مەزكۇر ھەربىي ئوپېراتسىيىلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندا دېموكراتىك تۈزۈملەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە "تالىبان" ھەم "ئەل قائىدە" نى كۈچسىزلەندۈرۈش ئىشلىرىغا ياردەم كۆرسىتىشى مەقسەت قىلىنغان.

ئامېرىكا بازىلىرىنى تاقاش مەسىلىسىدە ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدا پەرق بار

قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومىدىكى ، ئۆزبېكىستاننىڭ قارشى –خان ئابادتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئافغانىستاندىكى "تالىبان" ۋە "ئەل قائىدە"گە قارشى ئۇرۇش باشلىغاندا قۇرۇلغان بولۇپ، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ بازىلارنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ھەتتا، قىرغىزىستان يېڭى ھاكىمىيىتى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايېۋا بىشكەكنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، 13-مايدىكى ئەندىجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلام كەرىموپ ھۆكۈمىتىنى ئەندىجان ۋەقەسى ھەققىدە خەلقارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرغان شۇنىڭدەك ئۇنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىپ، تەنقىد قىلغان ئىدى. نەتىجىدە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى تاقاش پىكرى مەيدانغا چىقتى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋاشىنگتوندىكى كارنېگى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور مارتا برىلل ئولكوت " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە. ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازىر ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى ئامېرىكا-ئۆزبېك مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ جىددىي باسقۇچ بولسا كېرەك. ئەگەر ئەندىجان ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا، ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى خالامتى –خالىمامتى ، مەن ئۇنى بىلمەيمەن" دەيدۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى مارتا ئولكوت يەنە قىرغىزىستاننىڭ پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا بازىسىنى تاقاش مەسىلىسىدە يوشۇرۇن ئامىللارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن؛

" مەن قىرغىزىستاننى ئۆز خائىشى بويىچە ئۆز تۇپرىقىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ ئويلىمايمەن. مەن بۇنىڭدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنى قىرغىزىستانغا كۈچلۈك بېسىم قىلىۋاتىدۇ دەپ ھېسابلايمەن. قىرغىزىلار غەرب بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ، بىراق ئۇلار يەنە خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەنمۇ ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ".

ھەربىي بازىلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى دونالد رامسفىئېلدنىڭ بىشكەك زىيارىتىدە مەلۇم بولىدۇ

خۇددى دوكتور مارتا ئولكوت ئېيتقاندەك، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش ھەققىدە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بېسىم قىلىۋاتقانلىقى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربى-سىياسىي تەسىرىنى ھەتتا ئىقتىسادىي تەسىرلىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەھلىللەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئانازلىچىلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنىڭدەك يېقىندا مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئاتاقلىق قىرغىز ئۆكتىچىسى فىلىكىس قۇلوپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامېرىكا بازىلىرىنى تاقاش تەكلىپىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بىشكەكتىكى باش ئەلچىسى بىلەن قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى ئۇچرۇشۇپ، ھەربىي بازىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. خەۋەرلەرگە قارىغادا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىئېلد كېلەر ھەپتىدە بىشكەككە يېتىپ كېلىپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى جۈملىدىن ئامېرىكا –قىرغىزىستان ھەربىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قارارغا كېلىدۇ. دونالد رۇمسفىئېلدنىڭ زىيارىتى يېقىنلىشىۋاتقاندا يەنى 21-ئىيۇل كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ھەققىدىكى ھۆججەتنى رەسمى تەستىقلىغان. بىشكەك يېنىدىكى قەنت رايونىدىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئامېرىكا بازىسىدىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، موسكۋا بۇ بازىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشى تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ پائالىيەت دائىرىسى، ئايروپلان ۋە ئەسكەر سانىنى ئاشۇرۇشنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرەر دۆلەتتە ھەربىي بازا قۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)