خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئەسلىدىكى پىلاندا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت، يەنە سىياتول شەھىرىنى زىيارەت قىلماقچى ۋە داڭلىق يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىمەكچى ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىكى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنغان. ئەمما ئۇ 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يەنىلا نيو يوركقا كېلىپ ب د ت نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن . خەۋەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش ب د ت نىڭ يىغىنى جەريانىدا خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرىشىدىكەن.
كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبلىرى
ئامېرىكا ۋە خىتاي دائىرىلىرى، خۇ جىنتاۋ زىيارىتىنىڭ كېچكتۈرىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئورلىيان شەھىرىدە يېقىندا دېڭىز چاپقۇنى ئاپىتى يۈز بەرگەچكە، خىتاي دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ پەيتتە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئامېرىكا تولەيدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى راۋ بوگۇڭ ئەپەندى، خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىنى كېچىكتۈرىشىدە، يېڭى ئورلىياندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدىن سىرت، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆز- ئارا ئورتاق كۆز قاراشقا كېلەلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان ئاۋازنىڭ يۇقىرىلىقى ئاساسلىق سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"يېقىندا، ئامېرىكىدا خىتايغا قارشى كەيپىياتلار يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكىلەر خىتايدىن نارازى. سودا مەسىلىسى، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتى مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلەلمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئاپىتى بولدى. مېنىڭچە ئاساسلىق سەۋەبلەر مۇشۇلار".
ئامېرىكا ۋە خىتاي تەرەپ ئەسلىدە، بۇ قېتىمقى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى سودا ئىختىلابى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا دۇنيا ۋەزىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقچى ئىدى.
مۇۋاپىق پەيت ئەمەس
ئامېرىكا ئوكلىخوما ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى پروفېسسور لى شياۋبىڭمۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ داغدۇغىلىق زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ھازىر ئامېرىكا بىر نەچچە تەرەپتىن خىتايدىن نارازى. مەسىلەن، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىنىڭ كۆلىمى ئەسلى پىلاندىكىدىن چوڭ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئامېرىكىغا تولۇق يەتكۈزمىگەن. ئەسلىدە ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەربىي ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرىدىغان مېخانىزمى ئورناتقان. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ۋە خىتاي سودا ئىختىلاپى ھەققىدىكى سۆھبىتىنى ئۇزارتقان بولسىمۇ، بىراق ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايۋاتىدۇ. خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمايۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ سەۋەبلەردىن قارىغاندا، ئىككىلا تەرەپ ئۇچرىشىشقا ئانچە قىزىپ كەتمەيۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇچرىشىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆزى يەتمىسە، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئالدىرىمايدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بىر پۇرسەت بولغاچقا، ئىككىلا تەرەپ بىراز ساقلاپ، پەيتىنى كۈتۈپ تېخىمۇ چوڭ سىياسىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى خالاۋاتىدۇ".
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ قاچانغىچە كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ، خىتاي بىلەن كېلىشىپ يەنە بىر مۇۋاپىق ۋاقىتنى تېپىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)