ھىندىستاندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتۇرى سۇدھا راماچاندىران ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە دۈشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە يېڭى دېھلىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە، ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ تۈنجى رەھبىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ زىيارىتىنى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىلەن ھىندىستان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى شۇنداقلا خىتاي- ھىندىستان مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى دەپ بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ قېتىم ھىندىستاندىكى زىيارىتى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھىندىستان سانائەت مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن ھىندىستانغا تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇش ئىمكانىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلغان. ئىسمايىل تىلىۋالدى شۇنداقلا ھىندىستان دائىرىلىرىگە ئىككى تەرەپنى تۇتاشتۇرىدىغان قورۇقلۇق يولى ئېچىشقا قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئىككى تەرەپ يەنە يېزا- ئېگىلىك، يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مىدىتسىنا، ئېنېرگىيە ۋە ساياھەت ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش ئىھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
ئاپتۇرنىڭ ماقالىدە ھىندىستاندىكى داڭلىق سىتىراتىگىيە تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور راجا موخاننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تەھلىل قىلىشىچە، ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ زىيارىتى، يېڭى دېھلىنىڭ ئۇزۇندىن بويان ئۇيغۇرئېلىگە قاراتقان پاسسىپ سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
بىراق تۈركىيىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ياۋرۇ- ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھىندىستان زىيارىتىنىڭ ھىندىستان خىتاي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە چوڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
سادھا راماچاندارىننىڭ " ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى" دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇرئېلى بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن بۇرۇن، قەدىمىي يىپەك يولى ئۈستىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەردىن ھىسابلانغان قەشقەر بىلەن يېڭى دېھلىنىڭ سودا مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان، ھىندىستاننىڭ ھەتتا قەشقەردە سودا ئىشخانىسى قۇرۇلغان . بىراق بۇ مۇناسىۋەتلەر 50 - يىللاردىن كىيىن بارا- بارا سۇسلىشىپ كەتكەن. 1962 - يىلىدىكى ھىندىستان - خىتاي ئۇرۇشىدىن كىيىن بولسا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھىندىستاننىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. 80 - يىللارغا كەلگەندە، خىتاي- ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئاستا- ئاستا نورماللاشقان. ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھىدىستاننى زىيارەت قىلالىشىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بويان ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ئىختىلاب ۋە دۈشمەنلىكلەرنى قايرىپ قويۇپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشنى خالاۋاتقانلىقى ھەتتا سىياسىي جەھەتتىن ئىنتايىن سەزگۈر بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە ھەمكارلىقنى باشلاشقا تەييار بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
ئاپتۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ھازىرغىچە كېچىكتۈرىشىدىكى يەنە بىر ئامىل چېگرا مەسىلىسى بولۇپ، ھىندىستان يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئاقساي چىن رايۇنىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى تەلەپ قىلماقتا.
ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئىقتىسادىنىڭ كۆتىرىلىشى ۋە ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول بولغان ئوتتۇرا ئاسىيارايۇنلىرىغا يېقىن بولىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھىندىستان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە يۈزلەنگەن. ھىندىستاننىڭ ئىسمايىل تىلىۋالدىنى تەكلىپ قىلىشىمۇ يېڭى دېھلىنىڭ بۇ يۆلۈنۈشكە قاراپ تاشلىغان مۇھىم قەدىمى ھىسابلىنىدىكەن.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھىندىستان- خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، مۇنداق دەپ بىلدۈردى:
ئاپتۇر راماچاندارىننىڭ ماقالىسىدا يەكۈنلىشىچە، ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشى ھىندىستان- خىتاي ھەمكارلىقىدا يېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بويان بېيجىڭ ۋە يېڭى دېھلى ئۆز ئارا گۇمان ۋە ئىختىلابلىرىنى قايرىپ قويۇپ، سودىدا ھەمكارلىشىشنى خالاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شوڭا ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە تەرەققىي قىلىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھىندىستاننىڭ سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن بولۇپمۇ غەربىي رايۇندىكى چىگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىشى ئىنتايىن زۆرۆر ئىكەن. (ئارزۇ)