ئولىمپىك يىغىنى ۋە ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق

0:00 / 0:00

گرېتسىيە پايتەختى ئافىنادىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىدا قولغا كەلتۈرگەن 32 دانە ئالتۇن مېدال ، خىتايلاردا 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى . بىراق بېيجىڭ شەھەر باشلىقى، ئافىنادىكى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى كۈنى ئولىمپىك بايرىقىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا تاپشۇرۇۋالدى .

كۆپ ساندىكى خىتايلارنىڭ 2001 - يىلنى خىتاي تارىخىدىكى مۇھىم يىل دەپ قارايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس . چۈنكى بۇ يىل خىتايلارنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ، خىتاي دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ، بېيجىڭنىڭ 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان بىر يىل بولدى . شۇڭا بۇ بىر يىل كۆپ ساندىكى خىتايلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي تارىخىدىكى ئالتۇن يىل دەپ قارالماقتا . بېيجىڭ 1993 - يىلى 2000 - يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئاۋسترالىيىگە تارتقۇزۇپ قويغاندا ، ئەينى چاغدىكى سابىق بېيجىڭ شەھەر باشلىقى چېن شىتوڭ كۆز يېشىنى تۇتالمىغان ئىدى .

بىراق ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى خىتايلار ئۆزلىرىنى 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىشقا ھەقلىق دەپ ھىساپلايدۇ . بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاخىرقى يىللاردىكى تەرەققىيات سۈرىتى ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە كېرەكلىك بولغان ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇنىڭغا خىتاي تەنتەربىيەچىىلەرنىڭ ئافىنادىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ئالغان 32 دانا ئالتۇن مىدالىنى قوشقاندا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاينى 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيەسىنىڭ تەبىئى ساھىپخانى دەپ چۈشىنىدىغانلىقى شۈبھىسىز .

خىتاي ، خەلقئارا تەنتەربىيە سەھنىسىدىكى يېنىك ئاتلىتىك ، گىمناستىكا ، ۋالىبول ، ۋاسكېتبول ، تىكتاك توپ ، سۇغا سەكرەش ۋە قارىغا ئېتىش تۈرلىرىدە كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ۋە دۇنياۋى رىكورتلارغا ئىگە . خىتاي تەنتەربىيە ئۆمىكى، ئافىنادىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا 32 دانا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن كېيىنكى دۇنيادىكى 2- چوڭ تەنتەربىيە دۆلىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقا ئۆلگۈردى . بېيجىڭ دائىرىلىرى، خىتاي تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ئافىنادىكى غەلىبىسىنى 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىيەسىنىڭ تەييارلىقى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمدكتە .

بىراق 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەسىلىسى ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك تەنتەربىيە كۈچىگە ئىگىلىكى مەسىلىسى ئەمەس . بەلكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەتبۇئات ئەركىنلىكى ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن تەنقىتلىنىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى دوستلۇق ، قېرىنداشلىق، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك سىمۋولى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى مەسىلىسىدۇر . ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ، بېيجىڭنىڭ 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ، بولۇپمۇ خىتاي تەنتەربىيەچىلەرنىڭ بۇ قېتىمكى ئولىمپىك يىغىنىدا ئېرىشكەن غەلىبىسىنى ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشتىكى دەسمايە قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى .

خىتايدا تەنتەربىيە مەيدانلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خەن مىللەتچىلىكىنى كۆرسىتىش سورۇنى بولۇپ قالماقتا . بۇ يىل 7 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسىدا ياپونىيە كوماندىسى خىتاي توپ مەستانىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . خىتاي توپ مەستانىلىرى ياپونىيەگە بولغان تارىخىي ئۆچمەنلىكىنى ، مۇسابىقىدا غەلىبە قىلغان ياپونىيەنىڭ دۆلەت مارشى چېلىنىۋاتقان كۆرسەتكەن . كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشىگە بولغان نارازىلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى . خەلقارا ئولىمپىك كومېتىتى 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭغا بەرگەندە ، خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانتى .

مەركىزى نيۇ-يوركتىكى خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق كۈزۈتىش ئورگېنى ، ئاتىنادىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېپىلىشنىڭ سەل ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ ، كىشىلىك ھوقۇق كۈزۈتىش تەشكىلاتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ، 2008 -يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغىچە كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ئاخبارات ئەېكىنلىگى بويىچە دەرھال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان . مەركىزى فرانسىيەدىكى چىگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ، 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن بىر دۆلەتنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى پاكىزلاشتەك نۇرغۇن ۋەزىپىلەر كۈتىۋاتىدۇ دەپ خاتىرلاتقان .

چىگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسۇل خادىمى ۋېنسېن ئەپەندى ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن چاغدا بەرگەن ئولىمپىك يىغىنى توغرىسىدا خەۋەر بېرىش ئەركىنلىكىنى قويۈۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دەپ تەنقىتلىدى . خىتاينىڭ ئولىمپىك مەسىلىسىدە ئۇچرايدىغان ئاۋارىچىلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىتى بىلەن چەكلەنمەيدىغاندەك قىلىدۇ . بېيجىڭ دائىرىلىرى ئاتىنادىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىك ھەركىتىگە دۇچ كەلدى . تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار يېپىلىش مۇراسىمىدا تىبەت بايرىقىنى چىقىرىش ئارقىلىق بېيجىڭ دائىرىلىرىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن .