يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر بولۇۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭدە چىقىدىغان "مالىيە خەۋەرلىرى" دە بايان قىلىنىشىچە، مەركىزىي ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 43 ياشلىق شۇجىسى خۇ ۋېي 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە بەلگىلەنگەن.
بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، بىڭتۇئەننىڭ قوماندانلىقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن جاڭ چىڭلى بىلەن ئەۋۋەل تۇرپان ۋىلايىتىگە شۇجى قىلىپ، كەينىدىنلا ئاپتونوم رايونىغا مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ بەلگىلىگەن سوڭ ئەيروڭلارمۇ ياشلار ئىتتىپاقى سېستىمىسىدىن چىققان كىشىلەر. بۇنداق يېڭى ھوقۇق تەقسىماتى، شۇ گېزىتتا "خۇ جىنتاۋنىڭ شىنجاڭغا تىزىۋاتقان يېڭى ھوقۇق تەشتەكلىرى" دەپ ئاتالغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ۋەلى تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سورىدى.