ئامېرىكا كارخانىچىلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش: خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى" دىگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى، خىتاينىڭ رەھبىرى قاتلىمىدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار ۋە ئوفىتسېرلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ئارمىيىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلدى.
ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورنى بولغان ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز ۋە تەتقىقات قىلىش مەركىزىنىڭ دېرىكتورى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جەيمىس مۇلۋەنىن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئارمىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھوقۇق تالىشىش
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جياڭ زېمىننىڭ ئىككى يىل ئاۋالقى 16 - قۇرۇلتايدا مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بۆلۈنمە ھالەت شەكىللەنگەن. جياڭ زېمىن بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ھوقۇق كۈرىشى ئۆتكۈرلەشكەن. چۈنكى، خۇ جىنتاۋمۇ ئۆزىنىڭ ئارمىيىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. بۇ خىل ۋەزىيەت خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىدا ئوچۇق - يورۇقلۇق بولمىغاچقا، جىددىي مەسىلىلەر توغۇلغاندا، ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلىگەن.
جەيمىس مۇلۋەنىننىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە خۇ جىنتاۋ سارس كرىزىسى ۋە خىتاي- ياپونىيە سۇ ئاستى پاراخوتى كرىزىسى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن بولسىمۇ، ئەمما 2003 - يىلى 11 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىننىڭ مەركىزى ھەربىي كومىتېت رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى قايتا رەت قىلىشى، خىتاي ئارمىيىسىنى داۋاملىق تۈردە قوماندانلىق سىستېمىسى قالايمىقان بىر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان.
خىتاي قوماندانلىق سىستېمىسىغا تەسىرى
جەيمىس مۇلۋەنىن بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بىرەر جىددىي مەسىلە كۆرۈلگەندە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ھەربىي قوماندانلىق سىستېمىسىغا زور رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
-ئەگەر جياڭ زېمىنىڭ " ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" نەزىرىيىسى ھەققىدىكى ۋە ھەربىيلەرگە تارقاتقان تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى ئوقۇسىڭىز، ئۇنىڭ شەخسىگە چوقۇنۇشنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرىۋالالايسىز. 2001 - يىلدىكى ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ سوقۇلۇش ۋەقەسىدە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا ئىنكاس قايتۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ ۋەقە يەنە خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بىرلىكنىڭ يوقلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىككى مەركەزگە بۆلۈنۈش مەسىلىسىنى ئەيىبلىگەن.
جەيمىس مۇلۋەنىن جياڭ زېمىننىڭ ئاخىرى تەختتىن چۈشۈپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ھەربىي ھوقۇقنى قولىغا ئېلىشى بىلەن، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىلىشىش ئىشلىرىدا توسالغۇنىڭ ئاساسەن يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئەنەنىسى
يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا رەند شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى سىكوت تەنىر خۇ جىنتاۋنىڭ تەختكە چىققاندىن كىيىن ئىككى چوڭ رىقابەتكە دۈچ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىرى خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى ھوقۇق كۈرىشى ۋە خىتايدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار بىلەن ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى بولۇپ، جياڭ زېمىننىڭ ئۇزۇنغىچە ھەربىي ھوقۇقتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى، خۇ جىنتاۋنى داۋاملىق تۈردە جياڭ زېمىننىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى ئىستەشكە مەجبۇر قىلغان. چۈنكى خىتايدا ھەر قانداق بىر رەھبەرنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئالدىنقى قارار رەھبەرنىڭ يوليورۇقى ۋە شەخسىي خائىشى بىلەن بولىدۇ.
سىكوت تەنىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خۇ جىنتاۋ دۈچ كەلگەن يەنە بىر مەسىلە خىتاينىڭ سىياسىي بىلەن ھەربىي ساھەسى مۇناسىۋىتىنىڭ قالايمىقان بولىشى. مەسىلەن، خىتاي ئارمىيىسىدىكى نۇرغۇن قوماندانلار ھازىرغىچە خۇ جىنتاۋغا ئەمەس، بەلكى جياڭ زېمىنغا سادىق بولۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا ھەرساھە خەلقلىرىنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، سىكوت تەنىر بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەپ بىلدۈردى:
- خۇ جىنتاۋنىڭ، خىتاينىڭ رەھبىرى بولغان ۋاقتى دەل خىتايدىكى قارشىلىق پائالىيەتلىرى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىرىغا قارىغاندىمۇ، خىتايدا يۈز بەرگەن ھەر خىل نامايىش ۋە قارشىلىق پائالىيەتلىرى 1993 - يىلىدىكى 8700 قېتىمدىن ئۆتكەن يىلى 58 مىڭ قېتىمغا يەتكەن. ئەمما خۇ جىنتاۋ، تەختكە چىققان ئىككى يىلدىن بۇيان تېخى خەلق نارازىلىقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر مەيدانىنى بىلدۈرمىدى.
ۋاشىنگىتوندىكى مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى خارۋىي فىلدمەنمۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا سۆز قىلىپ، گەرچە نۆۋەتتە خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتايدا دېموكراتىك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنىڭ بارغانسىرى روشەن بىر پاكىتقا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)