خۇجىڭتاۋنىڭ لاتىن ئامېرىكا سەپىرىنىڭ مەقسىتى نىمە؟

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىڭتاۋ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سەپىرىدە بىرازىلىيە ۋە ئارگېنتىنادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پەيشەنبە كۈنى چىلىغا يېتىپ كەلدى. خۇجىڭتاۋ ئارگېنتىنادىكى زىيارىتى داۋامىدا ئارگېنتىنا پرېزىدېنتى نېستور كىرشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنۇتۇشتا بىرلىككە كەلدى. شۇنداقلا خۇجىڭتاۋ بۇ قېتىم ئارگېنتىناغا قۇرۇق قول كەلمىگەن بولۇپ، ئۇ ئارگېنتىنا پرېزىدېنتىغا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بۇ زىيارىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە گىئو ستراتىگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە مەقسىدى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

ئامېرىكا ئىستۋېست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئىشلار پروفىسسورى ياڭ لىيۈ خۇجىڭتاۋنىڭ لاتىن ئامېرىكا سەپىرىنى خىتاينىڭ پۇتۇن دۇنيادىكى دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن چۈشىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى بىر خىلدىكى پۈتۈن دۇنيا دېپلوماتىيە ستراتىگىيىسىنى يولغا قويغانلىقىنى، خىتاي ياۋروپادا فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتسە، ئاسىيادا ۋېيتنام ۋە ھىندىستان دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى شۇنداقلا ئافرىقىدا بولسا جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتىگە ئوخشاش بىر قانچە دۆلەتلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ مۇشۇنداق پۈتۈن دۇنيا دېپلوماتىيىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ۋاشىنگتوندىكى "ئامېرىكا قىتئە سۆھبىتى تەتقىقات مەركىزى" نىڭ تەتقىقاتچىسى ئېرىكسون ئەپەندى خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدە سىياسىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي رەئىسى خۇجىڭتاۋ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى برازىلىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، چىلىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا تىنچ-ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشماقچى.(پەرىدە)