"خۇاشا مەدەنىيىتى" نىڭ ئىگىسى ھېچكىم

يېقىندا "يېڭى ئەسىر مۇلاھىزە مۇنبىرى" دە "خۇاشا مەدەنىيىتى" دېگەن مەدەنىيەت ھەققىدە بىر قاتار مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن بۇرۇن "تەيۋەن بىلەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سۆھبەت پرىنسىپى" ، " كېيىنكى كوممۇنىست پارتىيە دەۋرىدە پەيدا بولغان كرىزىس"، "دېموكراتىيىنى پۈتۈن دۇنياغا قانات يايدۇرايلى" ، "كېيىنكى كوممۇنىزم دەۋرىنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ھادىسىلىرى" ، "ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلارنىڭ نېگىزى" قاتارلىق مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلغان ليۇجېڭزوڭ ئەپەندى يېقىندا "خۇاشا مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى ھېچكىم" سەرلەۋھىلىك بىر يېڭى مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

تارىخى ئاساس يوق

- بەزى كىشىلەر - دەپ ماقالىسىنى باشلايدۇ "خۇاشا مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى ھېچكىم " دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ليۇجېڭزوڭ ئەپەندى، - "خۇاشا دېگەن تارىختا ئۆتكەن بەگلىكلەر ئىتتىپاقى" دەيدۇ، "خىتاينىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى بار" دەيدۇ، "جۇڭخۇئا مىللىتى بىر ئۇلۇق مىللەت" دەيدۇ، "جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى دائىرىسى كەڭ مەزمۇنى چۇڭقۇر مەدەنىيەت" دەيدۇ، "جۇڭگونىڭ 4 چوڭ كەشپىياتى بار" دەيدۇ. ئەمما مىنىڭ قارىشىچە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار "جۇڭگو مەدەنىيىتى" دەۋاتقان مەدەنىيەت ئەمەلىيەتتە تىپىك قۇلدارلار مەدەنىيىتى. ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاقلىشالايدىغان بىر مەدەنىيەت ئەمەس. تارىختا "خۇاشا" دېگەن بەگلىكلەر ئىتتىپاقىمۇ بولمىغان. "خۇاشا" دېگەن ئەمەلىيەتتە زامانىمىزدىكى ئۆزىنىلا مەركەز قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدىغانلارنىڭ نامى. تارىختا "جۇڭگو" دېگەن دۆلەت ياكى مىللەت نامىمۇ بولمىغان. "جۇڭگو" دېگەنمۇ ئەمەلىيەتتە زامانىمىزدىكى چوڭ مىللەتچىلەرنىڭ نامى، باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدىغانلارنىڭ تۇتىمى. "جۇڭخۇئا مىللىتى" دېگەن نام باشقا مىللەتلەرنى ئەزگۈچى، تار مىللەتچى ۋە مۇستەبىلەرنىڭ نامى. "جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى" دېگەن دائىرىسى كەڭ مەزمۇنى چۇڭقۇر مەدەنىيەتمۇ ئەمەس، بەلكى ئىگىسىنى تاپقىلى بولمايدىغان قۇرۇق گەپ، ئويدۇرما.

تۆت چوڭ كەشپىيات

- خىتايدا 4 چوڭ كەشپىيات بارلىققا كەلگەن، دېگەن گەپمۇ كۆپ - دەيدۇ ئاپتور "خۇاشا مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى ھېچكىم " دېگەن ماقالىسىدە، - بۇ سۆزنى خىتايدا ئەڭ ئىپتىدائىي، ئۈنۈملۈك ئەسۋابلار قوللىنىلغان، دەپ چۈشىنىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقاچان ئىلمىي كەشپىيات ئەمەس، خىتايدىكى 4 چوڭ كەشپىيات دېگەننىڭ ھېچقايسى غەرب ئەللىرىدە كەشىپ قىلىنغان پار ماشىنىسى، ئېلېكتىر، دۇربۇن، پويىز، ئايروپىلان، پاراخوت، ئاۋىئاماتكا، ئالەم كېمىسى، ئاتوم بومبا قاتارلىقلارغا تەڭ ئەمەس. بۇنى پەرق ئېتىش كېرەك. خىتاينىڭ نوپۇسى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن، ئۇنىڭ 4 چوڭ كەشپىياتى ئىنسانىيەتكە قوشۇلغان تۆھپە، دەۋىرىشتىن نۇمۇس قىلىش كېرەك.

نەزىرىيىلەرنىڭ ئاساسى

- چىن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئەدىپلەرنىڭ يازغانلىرىنى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن يارىتىلغان ئۇلۇق نەزىرىيىلەر، دەيدىغان گەپمۇ بار، - دەيدۇ ئاپتور "خۇاشا مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى ھېچكىم " دېگەن ماقالىسىدە، - ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. شۇ دەۋردىكى "پالنامە"، "ئالىينامە"، "نەزمىلەر"، "ئەدەپ پۈتۈكلىرى"، "باھار ۋە كۈز" دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي مۇنەججىملىك ھەققىدىكى بايانلار. ئۇلارنى ئۇلۇق ئىدىيە ياكى پەلسەپە دېگىلى بولمايدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە كوڭزىچىلار ئۇنىڭغا يەنە "پالنامە بايانى" ، "10 مەزھەپ" ، "يازما تىل" ، "لوغەت" ، "رەمنامە" دېگەنلەرنى قوشىۋالغان. بۇلارنىڭ ھەممىنى قوشقاندىمۇ، ئۇنىڭدىن ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بىر يۈرۈش ئىلمىي نەزىرىيە ياكى پەلسەپە ھاسىل بولمايدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بەزىلەر كوڭزىچىلىقنى ئۇلۇق نەزىرىيە دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كوڭزىچىلىق پۈتۈنلەي قوللۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان، ئادالەتسىزلىككە كۆز يۇمىدىغان دوگما. جۇگوڭدىن تارتىپ لاۋزى، جۇئاڭزى، موزى، كوڭزى، مىڭزى، لى سى، خەنفېي، سۇچىن، جۇشى، دوڭجوڭشۇ، كاڭ يۇۋېي، لى خوڭجاڭ، خۇ شى، لۇشۈنلەرگىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇستەبىتلىككە چىداشلىق بېرىشنى تەرغىپ قىلغان كىشىلەر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىدا زامانىمىزدىكى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دېگەن مەدەنىيەتلىك ئالەمشۇمۇل ئۇقۇملارغا ماس كېلىدىغان نەرسە يوق. ئەگەر خىتايلار ۋە خىتايلارنى دورىغان باشقا مىللەتلەر، - دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، - ئۆزلىرىنى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قۇللۇققا تۇتۇپ بەرگەن بۇنداق بىمەنە نەرسىلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالمىسا، دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىدۇ. (ۋەلى)