خۇ جىنتاۋ 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى بۇش بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشمەكچى ئىدى. بۇ پىلان ئاللىقاچان ئۆزگەردى. خۇ جىنتاۋ ئەمدى ئاقسارايغا قاچان بارىدۇ؟ ئەگەر بارمىسا، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇش بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ كەلگۈسى نېمە بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھازىر كىشىلەر مۇخبىرلاردىن ئۇچۇر سوراۋاتىدۇ.
شىنخۇئا ئاگېنېتلىقىنىڭ 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدا بۇش بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى كېچىكىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭ پۇرسەتنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان. خۇ جىنتاۋنىڭ ب د ت يىغىنىدا بۇش بىلەن ئۇچرىشىشى ئەسلى پىلانلانغان بۇنداق سۆھبەتنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ياكى ئوينىيالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىقلىما بەرمىگەن. پەقەت ئامېرىكىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە دېڭىز چاپقۇنى يۈز بەرگەنلىكتىن خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى كېچىكتۈردى، دەپ چۈشەندۈرگەن.
زىيارەتنىڭ خاراكتېرىغا ئوخشىمىغان قاراش
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن ئاقسارايدا بۇش بىلەن سۆھبەتلىشىش پىلانىنىڭ كېچىككەنلىكى سەۋەبتىن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇرۇشۇش ئۈچۈن قىلىنغان 8 ئايلىق تەييارلىق تامامەن بىكار بولغان. خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ دەرىجىسى ھەققىدە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇپ چىڭ تۇرىۋالغان، گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئورتاقلىقى بولمىسىمۇ. قىسقىسى خىتاينىڭ باياناتچىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى دۆلەت زىيارىتى دېگەن بولسا، ئامېرىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ بىر دۆلەت زىيارىتى ئەمەس، پەقەت بىر ۋاخ چۈشلۈك غىزا، دېدى.
چېن يوڭلىن: ئامېرىكا خۇنى قارشى ئېلىشنى خالىمىغان
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ئەلچىخانىسىدىن يۈز ئۆرۈپ چىققان دىپلومات چېن يوڭلىننىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان پىلانىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىشنى خالىمىغانلىقدىن بولدى. چۈنكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سادىق پۇشتى جۇ چېڭخۇ ئامېرىكىغا يادرو پوپوزىسى قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىن خۇ جىنتاۋنى ئەڭ ئالىي دەرىجىدە كۈتۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئامېرىكا خەلقىنى قاتتىق يىركەندۈرگەن ۋە قوي تېرىسىگە كىرىۋالغان كوممۇنىست بۆرىلەرگە ئەمدى يەم بېرىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
خۇ جىنتاۋنىڭ ئالدىدىكى يول
ئانادا گېزىتلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كانادانىڭ تورانتو ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات ئىنىستۇتىدا تكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر "خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن ئاقسارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ئەمدى ئاقسارايغا قاچان بېرىش ئەمەس، بەلكى ھازىر ئۇ ئۆزى ئۈچۈن دەرھال يول تاللاشقا مەجۇر بولماقتا" دەپ كۆرسەتكەن.
تەتقىقاتچى خېڭخې ئەپەندى " خىتاي ھازىر كوممۇنىست پارتىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ رېقابەتكە دۇچ كەلدى. كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە كوممۇنىزمغا ئىشىنىدىغان ئادەم قالمىدى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قانۇنلۇق ئورنى رىقابەتكە دۇچ كەلدى " دەپ كۆرسەتكەن.
خىتايدىن يۈز ئۆرىگەن شېنياڭ شەھەرلىك قانۇن ئىدارىسىنى باشلىقى خەن گۇئاڭشېڭ "خۇ جىنتاۋ ھوقۇق تۇتقان ئىككى يىلدىن بۇيان سىياسىي جەھەتتە مۇستەبىتلىك تېخىمۇ ئېھىر بولدى. ھازىر خۇ جىنتاۋ يا داۋاملىق خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىپ ئاغدۇرۇلۇش يا خەلقنىڭ رايىغا بېرىپ ئىسلاھاتېلىش بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.
مېدېتسىنا پەنلىرى دوكتورى فېڭ لىلى خانىم "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 50 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈن دۆلەت خەلقىدە ئىنتايىن ئېغىر روھى سىقىنجى ۋە ۋەھىمىلىك روھى ھالەت پەيدا قىلدى. دەريالار، كۆللەر بۇلغاندى. خىتايدا ھازىر تەبىئىي ئورمانلىقلار مەۋجۇت ئەمەس. خەلق ھازىر ساپ ھاۋادا نەپەسلىنىش ئەمەس، بەلكى كۈندە 2 قاپ تاماكا چېكىۋاتقاندەك ھالدا تۇرىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۇچى ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلاپ كەتتى" دەپ كۆرسەتكەن.
مۇستەقىل يازغۇچى، مۇلاھىزىچى شېنشۆ خانىم " خۇ جىنتاۋ خىتاي خەلقنىڭ قوسىقى تويغانلىقى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە بولغانلىق دەپ قارايدىغان، گۇيجۇ، تېبەتلەردە خىزمەت قىلغاندا دېموكاراتىيىنى باستۇرغان، ھازىر پۈتۈن دۆلەتتە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش دەپ ئاتىلىدىغان سىياسىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان كوممۇنىست سولچىسى. بىز كانادا باش مىنىسىتىرىنىڭ خۇ جىنتاۋدەك بۇنداق كوممۇنىست سولچىسىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسدە قەتئىي يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەن
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەجرى يوق بولغان
ئۇلۇق ئىرا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋنىڭ ئاقساراينى زىيارەت قىلىش پىلانى كېچىككەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ باشقا تەييارلىقلىرىمۇ بىكار بولغان.
خەۋەر ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىلىرى خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن خۇ جىنتاۋ نى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ھەق بېرىپ قوشۇن تەشكىللىگەن. خۇ جىنتاۋنى نامايىشچىلاردىن خالى قىلىش ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋ ئالدى بىلەن زىيارەت قىلىدىغان سىياتىل شەھىرىگە كەلگەندە خەلقئارالىق ئايرىدورومغا چۈشمەي، مەلۇم بىر بويىن شىركىتىنىڭ ئايرودرومىدىن تىك ئۇچار بىلەن مىھمانخانىغا كېتىشنى مەخپى ئورۇنلاشتۇرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ بىلەن بىللە زىيارەتكە كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كانادادا فالۇنگوڭچىلار ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئادۋۇكاتلىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن بىللە زىيارەتكە كېلىدىغان خىتاينىڭ سودا مىنىسىتىرى بو شىلەي قاتارلىق ئەمەلدارلارنى ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىدىغان، يولدىن ئۆتۈشىنى چەكلەيدىغان، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلغان. (ۋەلى)