
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدا دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا سابىق باش سېكرىتار خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن "خۇ ياۋباڭ ئەسەلىرى" نى نەشر قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، جايلارمۇ ھەرخىل شەكىلدە خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە. بۇ زادى قانداق ئۆزگىرىش؟
خۇ جىنتاۋ جەمئىيەتنى مۇرەسسەگە ئېلىپ كەلمەكچى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 80 - يىللاردا "نۇر گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى بولغان، 89 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۈرمىگە ئېلىنغان، كېيىن ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسۈن مەركىزىدە تەكلىپ تەتقىقاتچى بولغان، خىتاينىڭ سابىق مارشالى يې جەنيىڭنىڭ بېقىۋالغان قىزى، ھازىر بېيجىڭدا تۇرىۋاتقان، پائالىيەتچان مۇلاھىزىچى دەيچىڭ خانىم ھازىرقى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ، بۇنىڭدىن 16 يىل بۇرۇنقى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدەك بىر ئالەمشۇمۇل ۋەقەنىڭ پارتلىشى ئۈچۈن پىلتە بولغان، شۇ سەۋەبتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن داۋاملىق ناتوغرا مۇئامىلىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان باش سېكرىتار خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى "بۇ ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتنى مۇرەسسەگە ئېلىپ كېلىش ئارزۇسى" دەپ تەھلىل قىلغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئۆزى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ پۈتۈن جەددىسىگە ۋارسلىق قىلىدىغان خاراكتېردىكى ئادەم. ئۇ ھازىر ماۋ زېدوڭنىڭ سىنىپى كۈرەش نەزەرىيىسىنى تاشلىۋېتىپ، ئەمما ئۇنىڭ بىر پارتىيە ھوقۇق تۇتۇش ئىدىيىسىنى ساقلاپ قېلىپ، بۇنداق مۇرەككەپ شەكىل بىلەن خەلققە قارىتا كۆيۈمچان سىياسەت يۈرگۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ. خۇ جىنتاۋ بۇ پىلانىنى خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشتىن باشلىماقچى.
خۇ جىنتاۋ خۇ ياۋباڭنىڭ بۇرۇنقى ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە ئىگە بولىۋالماقچى
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېن يۈشو ئەپەندى "خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقدارى خۇ جىنتاۋ ھازىر خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، خۇ ياۋباڭنىڭ بۇرۇنقى مەشھۇر ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە ئىگە بولىۋېلىشنى ئويلاۋاتىدۇ" دەپ تەھلىل قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ ياۋباڭ بۇرۇن سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان تەرەققىيپەرۋەر ئادەم ئىدى. خۇ جىنتاۋ بولسا بىر ئىخلاسمەن ماركسىزم -لېئىنىزمچى. ماركسىزم ئاقمىغان بۈگۈنكى كۈندە، خۇ جىنتاۋ ھازىر خۇ ياۋباڭدەك ئىسلاھاتچىلارنىڭ تېخىچە خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان ئابرۇيى ۋە نام - شەرەپلىرىدىن پايدىلىنىشقا مۇھتاج. خەلقنىڭ خۇ ياۋباڭغا بولغان ئەقىدىسىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا مۇھتاج. جاۋ زىياڭمۇ خۇ ياۋباڭغا ئوخشاش باش سېكرىتار بولغان، ئەمما خۇ جىنتاۋ جاۋ زىياڭنى ھايات تۇرغۇزۇپ 10 نەچچە يىل چەتكە قاققان بولغاچقا، ئۇ جاۋ زىياڭنى خاتىرىلىمەسلىكى، مۇبادا خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ خاتىرىلەشكە توغرى كەلسىمۇ، ئۇنى خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلىگەندەك ئۇنداق چوڭ داغدۇغا قىلىپ خاتىرىلىمەسلىكى تۇرغان گەپ.
ئالدىن پىلانلانغان "خاتىرىلەش"
"يۆنىلىش ژورنىلى"دا بايان قىلىنىشىچە، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، جەمئىيەتتە خۇ ياۋباڭ ئەسەرلىرى نەشرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خۇ ياۋباڭغا دائىر ھەر قانداق كىتابنىڭ چەتئەللەردە نەشر قىلىنىشىنى جىددىي توسۇپلا قالماي، بەلكى دۆلەت ئىچىدە ، خۇ ياۋباڭ ھەققىدە ماقالە يازغان كىشىلەرنىمۇ چەتكە قېقىپ كەلمەكتە. ھەتتا خۇ ياۋباڭ ئەسەرلىرىنى تەييارلاۋاتقان لى رۇي ئەپەندىنىمۇ پېنىسىيىگە چىقىرىش يولى بىلەن نەشرىياتتىكى تەھرىرلىك ئورنىدىن قوزغىۋەتكەن.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇيىل 1 - ئايدا، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن بۇرۇن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىرلىكسەپ مىنىستىرى، خۇ جىنتاۋنىڭ ياشلار ئىتتىپاقى سىستېمىسىدىكى ئىشەنچلىك ئادىمى ليۇ يەندوڭ خانىم خۇ ياۋباڭنىڭ ئوغلى خۇ دېپىڭنى چاقىرىتىپ كېلىپ "مەن باش سېكرىتار خۇ ياۋباڭ توغرىلىق تەييارلىنىۋاتقان ئىككى كىتابنى ئاڭلىدىم. باش سېكرىتار خۇ ياۋباڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا لى رۈي بىلەن ئۇزۇن سۆزلەشكەن ئىكەن. مەن شۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟" دېگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى خې گوچاڭ خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆيىگە بىر سېۋەت گۈلنى كۆتۈرۈپ "ئالدىن ھېيتلاپ" بارغان. چاغان مەزگىلىدە بولسا، خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋېن جاۋباۋ ئايرىم - ئايرىم ھالدا خۇ ياۋباڭنىڭ ئائىلىسىنى ھېيتلاپ كەلگەن. خۇ جىنتاۋ ئۆزى خۇ ياۋباڭنىڭ ئايالى لى جاۋ خانىمغا "11 - ئايدا باش سېكرىتار خۇ ياۋباڭنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ، بۇ مەركەزنىڭ بىر چوڭ ھەرىكىتى! خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى ئېچىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن "خۇ ياۋباڭ ئەسەرلىرى" نەشردىن چىقىدۇ" دەپ خوش خەۋەر يەتكۈزگەن. (داۋامى بار)