خۇ جىنتاۋ راستىنلا خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ؟(2)

DengHu200.jpg
1981 – يىلى خۇ ياۋباڭ (ئوڭدا) دىڭ شاۋپىڭ بىلەن

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدا دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا سابىق باش سېكرىتار خۇ ياۋباڭنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن "خۇ ياۋباڭ ئەسەلىرى"نى نەشر قىلىشقا، جايلارمۇ ھەرخىل شەكىلدە خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە. بۇ زادى قانداق ئۆزگىرىش؟

"يۆنىلىش ژورنىلى"دا ئېلان قىلىنغان "خۇ جىنتاۋنىڭ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق كۆرۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىنلا ھۇجۇم باشلىغان. چاغان بايرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، "خۇ ياۋباڭنىڭ تەرجىمىھالى" نى تەييارلاۋاتقان مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى 84 ياشلىق لى گوڭتيەن، مەملىكەتلىك مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ سېكرىتارى 75 ياشلىق تاڭ فېي، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى 81 ياشلىق جاڭ دىڭ، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىنقى زامان تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يەن رۇپىڭ، "خۇ ياۋباڭنىڭ تەرجىمىھالى" نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ۋاڭ جەنگوڭلارنى يوقىرى دەرىجىلىك ئورگان رەھبەرلىرى چاقىرىتىپ كېلىپ سۆزلەشكەن. ئۇلارغا كىتابنىڭ تەييارلانغان نۇسقىسىنى يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ئۈچۈن يوللاش كېرەك، چەتئەللەردە نەشر قىلىشقا رۇخسەت يوق، خىلاپلىق قىلىنسا، قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

6 - ئايدا، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى "خۇ ياۋباڭنىڭ تەرجىمىھالى" نىڭ 1 - كىتابىنى نەشر قىلىشقا بولىدۇ، بۇنى پارتىيە مەكتەپ ئۆزى نەشر قىلىدۇ، كىتابنى 5 ئورۇن تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ" دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگە كەلگەندە "خۇ ياۋباڭنىڭ تەرجىمىھالى" خەتمۇ - خەت تەكشۈرىلىدۇ، دەپ ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇ ياۋباڭ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇزۇن سۆزلەشكەن لى رۈي ئەپەندى دەرھال پېنسىيىگە چىقىرىۋىتىلكەن. ئۇ يازغان 2000 خەتلىك كىرىش سۆز قىسقارتىلىپ ئاران 800 خەت قالغان. 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گاڭ 3 ماددىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇيرۇقتا بىرىنچىدىن، "خۇ ياۋباڭنىڭ تەرجىمىھالى" نىڭ 1 - كىتابى (بالىلىق دەۋرى) تەھرىرلەپ نەشر قىلىنىدۇ، 2 - ، 3 - كىتابلىرى نەشر قىلىنمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، كىتابنى مەركىزىي خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ، چەتئەللەردە نەشر قىلىشقا رۇخسەت يوق؛ ئۈچۈنچىدىن، "جاۋ زىياڭنىڭ تەرجىمىھالى" نى نەشرگە تەييارلاشقا رۇخسەت يوق ، دېيىلگەن.

"خۇ جىنتاۋنىڭ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق كۆرۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ ياۋباڭ ئۆزى ئەسلىدىلا بىر ئىخلاسمەن كوممۇنىزمچى ئىدى. ئۇ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن لى رۈي ئەپەندى بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 7 سائەت سۆزلەشكەن. ئۇ سۆزىدە پارتىيىدىن ئۆزىگە ئەتراپلىق بىر يەكۈن چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، يەكۈندە ئۆزىگە "ماركسىزمچى" دەپ نام بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خۇ ياۋباڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئىككى ئىشنى تاماملىغانلىقىنى، بىرىنچىدىن، ناھەق دېلولارنى تۈزىتىپ، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن تارتىپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ناھەق زەربىگە ئۇچرىغان كادىرلار ۋە 5 خىل ئۇنسۇر دەپ قالپاق كەيگۈزۈلگەن كىشىلەرنى ئازاد قىلغانلىقىنى؛ ئىككىنچىدىن، "ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى" ھەققىدىكى مۇنازىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، "رەئىس ماۋزېدوڭ بىكىتكەنلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى توغرا" دەيدىغان كۆز قاراشنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە خۇ ياۋباڭ مۇشۇ نەتىجىلىرى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى گۇمران بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى. بۇ بىر چوڭ تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ باش سېكرىتار بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە دېمۇكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، زىيالىلارغا كەڭچىلىك قىلىدىغان بىرخىل "يېڭى ھاكىمىيەت" يولىنى تۇتقان. بۇ خۇ ياۋباڭ قالدۇرۇپ كەتكەن چوڭ سىياسىي مىراس ئىدى. شۇڭلاشقا خۇ جىنتاۋ خۇ ياۋباڭنى بۈيۈك خەلق سارىيىدا خاتىرىلەش، خۇ ياۋباڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش، خۇ ياۋباڭنىڭ ئىسلاھات ئىدىيىسى ھەققىدە دوكلات ئۇيۇشتۇرۇش، خۇ ياۋباڭ ئىزلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ ھەرىكەتنى باشلىغان. "خۇ جىنتانىڭ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق كۆرۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ھوقۇق تۇتۇشى ھازىر ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەچكە، خۇ ياۋباڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىدا ئەڭ ئابرۇيلۇق باش سېكرىتار بولغاچقا، خۇ جىنتاۋ ئۇنىڭ شان- شەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى پەدەزلەشكە ئۇرۇنغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ماۋ زېدوڭ، دىڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىنلەرنىڭ مۇستەبىتلىكىگە تۇلۇق ۋارسلىق قىلغان خۇ جىنتاۋغا، گەرچە خۇ ياۋباڭنىڭ مىراسلىرى ماس كەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ، خۇ ياۋباڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خۇ ياۋباڭنىڭ سىياسىي مىراسلىرىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى ئۆز خاھىشى بويىچە قايتىدىن لايىھىلەپ، خۇ ياۋباڭنىڭ ئوبرازىنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرخىل ئوبرازغا ئايلاندۇرۇشقا ئورۇنۇپ كۆرەلەيدۇ.(داۋامى بار) (ۋەلى)