خۇ ياۋباڭنى ئاقلىسا، دېڭ شاۋپىڭ ئىنكار قىلىنماي قالامدۇ

DengHu200.jpg
1981 – يىلى خۇ ياۋباڭ (ئوڭدا) دىڭ شاۋپىڭ بىلەن. AFP

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ مۇخبىرلارغا خىتايدا 18 - نويابىر كۈنى خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولىدىغانلىقنى جاكارلىغان. ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ ياۋباڭ خىتايدا سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشقا تىرىشقان، خىتايدا 1989 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى باشلانغان دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان كىشى. ئۇ 1987 - يىلى پارتىيە ئىچىدىكى مۇتەئەسسىپلەر قوزغىغان "ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش" دەپ ئاتالغان سىياسىي ھەرىكەتتە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، خۇ ياۋباڭنىڭ ئورنىغا باش سېكرىتار بولغان جاۋ زىياڭنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قارىتا مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش تەشەببۇسى يەنە كوممۇنىست مۇتەئەسسىپلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، ئاخىر خىتايدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قوراللىق باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە بۇ مەسىلە بىر "چەكلەنگەن" رايون بولۇپ قالغانلىقتىن، خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش ياكى ئۇنىڭغا ئاشكارا باھا بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

زەنجىرسىمان ئىنكاس كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە

بۇرۇن خۇ ياۋباڭنىڭ كاتىبى بولغان، ھازىر بېيجىڭدە تۇرىۋاتقان لىنمۇ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشتىن زەنجىرسىمان ئىنكاس كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

لىنمۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت خۇ ياۋباڭنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە دەسلەپتە بۈيۈك خەلق سارىيىدا 2000 كىشىلىك خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلىدۇ، يىغىنغا خۇجىنتاۋ ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، دەپتىكەن. كېيىن 300 كىشىلىك يىغىن بولىدۇ، يىغىنغا ۋېنجاباۋ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، دېيىلىپتۇ، ھازىر ۋۇ گۇئەنجېڭ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، دەپتۇ، دېمەك خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆلىمى بارغانسىرى كىچىكلىتىلىۋاتىدۇ، دەرىجىسى بارغانسىرى تۆۋەنلىتىلىۋاتىدۇ، كونتروللۇق بارغانسىرى كۈچەيتىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ھازىر زەنجىرسمان ئىنكاس پەيدا بولۇشتىن ئەندىشە قىلسا كېرەك. چۈنكى بۇ دېڭ شاۋپىڭغا بېرىلگەن باھاغا، جاۋ زىياڭغا ۋە 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە بېرىلگەن باھاغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئەگەر راستىنى ئېيتسا، دېڭ شاۋپىڭنىڭ بىرمۇنچە ئىشلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى ئىنكار قىلىنىپ كېتىدۇ. راستىنى ئېيتسا يەنە جاۋ زىياڭ بىلەن خۇ ياۋباڭنىڭ تۇتقان يولى ئوخشاش بولغانلىقتىن، خۇ ياۋباڭنى توغرا، جاۋ زىياڭنى خاتا دەپ چىقالامدۇ؟

خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاشتىن دېرەك بەرمەيدۇ

ـــ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە مىنى ھەرگىز تەكلىپ قىلمايدۇ، ـــ دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان لىنمۇ ئەپەندى. ئۇ ھازىرقى خۇ جىنتاۋ – ۋېن جاباۋ ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىدېئولوگىيە جەھەتتە كونتروللۇقنى ناھايىتى قاتتىق يولغا قويىۋاتقان، ئەركىن پىكىر قىلىش چەكلەنگەن بۇنداق سىياسەت شارائىتىدە خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان.

-ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ ياۋباڭ خىتايدا دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان ئوبراز، تەسىرى كۈچلۈك ئەرباپ. ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرى خەلقنى ياۋۇزلۇق بىلەن باستۇرۇپ، خەلقتە يامان تەسىرات قالدۇرغان، لەنەت -نەپرەتكە قالغان دائىرىدىكى كىشىلەر، ئۇلار ھازىر خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ياقلايدىغانلارنىڭ ۋارىسى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولسا كېرەك. ئۇلار بۇنى پەقەت پارتىيە ئىچىدىلا قىلالايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى جەمئىيەتتە قانۇنلاشتۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتتە رەسمى سايلام ئارقىلىق سايلانغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئورنى بەرىبىر قانۇنسىز. لىنمۇ ئەپەندى بايانىدا يەنە خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھېچقايسى تېخى بۇنداق قىلىشنى ئويلىغىنى يوق، دەپ قارىغان.

ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ھەرخىل باھالار بار. خىتايدىن يېزىلغان بىر باھادا "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدە ئالاقىلانە رەھبەر يوق، ئۇلارنىڭ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلىشى يەنىلا ئۆزىنىڭ غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن" دەپ بايان قىلىنغان.

ئامېرىكىدىن يېزىلغان بىر باھادا "خۇ جىنتاۋ ھازىر ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇ ياۋباڭنىڭ روھىغا تاۋاپ قىلىۋاتسا كېرەك" دەپ بايان قىلىنغان. شاڭخەيدىن يېزىلغان بىر باھادا "ئەگەر 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاپ چىقالمىسا، جەمئىيەت ھەرگىز ئۇلارنى كېچىرمەيدۇ" دەپ بايان قىلىنغان. ئۇيغۇرلار يازغان بىر باھادا "خۇ ياۋباڭ ھايات ۋاقىتىدا تىبەت توغرىسىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى چەكلەيدىغان 4 ماددىلىق سىياسەت تۈزگەن ئىدى، ئۇنى شىنجاڭغىمۇ ماس كېلىدۇ، دېگەن. بۇنى خۇ جىنتاۋ ئىجرا قىلمىدى، ئەمدى ئۇ خۇ ياۋباڭنى قانداق خاتىرىلەيدۇ؟" دەپ بايان قىلىنغان. (ۋەلى)