خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى نېمە ئۈچۈن ھازىر "پاتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەتنى قوزغايدۇ؟

"ئامېرىكا ئاۋازى" 2005 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى يېقىندا "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن بىر كەڭ كۆلەملىك سىياسى ھەرىكەت قوزغاشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن سىياسى ھەرىكەت ھازىردىن باشلاپ بىر يېرىم يىلغىچە داۋام قىلىدىكەن. ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ، بىرىنچى باسقۇچتا، مەركىزى كومىتېتقا قاراشلىق ئورگانلاردا باشلاش؛ ئىككىنچى باسقۇچتا، 7 - 8 - ئايلاردا يەرلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا باشلاش؛ ئۈچىنچى باسقۇچتا، كېلەر يىلى ئەتىيازدا يېزا، بازار، رايونلاردا باشلاش. ئۇنىڭ مۇھىم نوقتىسى چىرىكلىككە ۋە خىيانەتچىلككە قارشى تۇرۇش.

ئاساسەن مۇنداق "بەش خىل ئادەم" جازالىنىدىكەن

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 2005 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5 خىل كىشىلەرنى قاتتىق جازالاش ھەققىدىكى قارارىنىڭ مەزمۇنلىرىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، قانۇنسىز ھالدا نەق پۇل قۇبۇل قىلغان ياكى ھەدىيە بەرگەنلەر، ئەمەلدارلاردىن مەنسەپ تەلەپ قىلغانلار، خوتۇن - بالىلىرىنى باشقۇرماي، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ سودا-تىجارەت قىلغان ئەمەلدارلار، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم - يىتىمدىن پايدىلىنىپ پۇل - مال توپلىغانلار؛ دۆلەت ئىچىدە ياكى چېگرا سىرتىدا قىمار ئوينىغانلار، بۇنداق 5 خىل كاتىگورىيەگە كىرىدىغان كىشىلەر قاتتىق جازالىنىدىكەن.

يەنە بىر كەڭ دائىرىلىك ۋە شىددەتلىك سىياسى ھەرىكەت

سىياسى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەت، ئەمەلىيەتتە زامانغا بېقىپ چىرايلىق سۆز بىلەن ئاتالغاندەك ئۇنداق ئىلغار سەۋىيىلىك، نازاكەتلىك ھەرىكەت ئەمەس. بۇ بەلكى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان بىر نەچچە يىلدا بىر قېتىم قوزغاش ئارقىلىق پارتىيە ئۆزىنى ساقلاپ قالىدىغان يەنە بىر چوڭ سىياسى ھەرىكەت. نامدا "پارتىيە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ" دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا خەلققە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى.

كوممۇنىست پارتىيە پەيدا قىلغان تارىخىي مەسىلىلەر دۆۋە – دۆۋە

يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ھەرخىل يېڭى مۇلاھىزىلەر "خەۋەرلەر مەجمۇئەسى" دە توپلاپ بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىشىچە، بىرىنجىدىن، كوممۇنىست پارتىيە پەيدا قىلغان تارىخىي مەسىلىلەر دۆۋە - دۆۋە. مەسىلەن: ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى باستۇرۇش، ئۈچ كە قارشى تۇرۇش، بەشكە قارشى تۇرۇش، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، چوڭ ئاچارچىلىق، خەلق كوممۇناسى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، دېگەن سىياسى ھەرىكەتلەردە پەيدا قىلغان ناھەق دېلولار. بۇ ماۋ زېدوڭنىڭ تارىخىي قەرىزلىرى، بۇلارنىڭ ھېچقايسىنى پارتىيە تېخى توغرا خۇلاسىلەپ بىر تەرەپ قىلغىنى يوق.

كوممۇنىست پارتىيە پەيدا قىلغان رىئال مەسىلىلەرمۇ دۆۋە - دۆۋە

50 نەچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلەر دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىن كېيىن پەيدا بولدى. خەلقنى دۆلەت ئارمىيىسى بىلەن قانلىق باستۇرۇشمۇ شۇ دەۋردە يۈز بەردى. جاڭ زېمىن دەۋرىدە بولسا، پارتىيە ئىچىدە خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك ئومۇملاشتى. خەلققە بەدنام توقۇپ قاتتىق زەربە بېرىشنى يولغا قويدى. ھازىرقى خۇجىنتاۋ دەۋرىگە كەلگەندە بولسا، خۇددى تەمسىللەردىكى "پۇخرالارنىڭ نامراتلىقىتىن سۈڭىكى كۆرۈنۈپ قالدى، ئەمما ئەمەلدارلارنىڭ ئىتلىرىمۇ سېسىق كىكىرىدۇ" دېگەن مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ دەۋردە، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىپ ئۈچۈن "جەمىيەتنى توراقلىق قىلىش بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ" دېگەن نام بىلەن خەلقنى باستۇرىۋاتىدۇ.

خىتاي كوممۇئىست پارتىيىسى ھازىر خەلقئارادىكى ئۇلۇغ ئېقىمدىنمۇ چەتنەپ كەتتى

21 - ئەسىردە خەلقئارادىكى ئۇلۇغ ئېقىم دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، ئۇچۇق - يۇرۇغلۇق، ھۆكۈمەتنى بىۋاستە سايلاپ چىقىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ ئۇلۇغ ئېقىمدىن چەتنەپ جىددى كىرزىسقا دۇچ كەلدى. ھازىر بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر شىددەتلىك سىياسى ھەرىكەتنى قوزغاتماقتا. ھازىر خىتايتا قوزغىتىلىۋاتقان "پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن بۇ ھەرىكەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار "ھازىر بىر شىددەتلىك قارا بوران چىقىۋاتىدۇ" دەپ تەسۋىرلىمەكتە.(ۋەلى)