خىتاي كومپارتىيىسى يېقىندا مەخسۇس قارار چىقىرىپ، كومپارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيىنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتىپ بۇ ھەقتىكى ھەرىكەتلەرنى بىر يېرىم يىلغا قەدەر ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بۇ قارار مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلارنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرىماقتا.
ئۈچ باسقۇچلۇق ھەرىكەت
خوڭكۇڭدا نەشر قىلىنىدىغان ئىنگىلىز تىلىدىكى "خۇانەن ئەتتىگەنلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 68 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا بىر يېرىم يىلغا قەدەر ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتقان بۇ سىياسى ئىدىئولوگىيە ھەرىكىتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتىكى ھەرىكەت خىتاي مەركىزى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئورگانلاردا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئىككىنچى باسقۇچتىكى ھەرىكەت بولسا بۇ يىل 7 - ئايدا باشلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 3 - باسقۇچقا كەلگەندە كېلەر يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ، ھەرقايسى يېزا ۋە يېزا بازارلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مەزكۇر ھەرىكەت باشتىن ئاخىرى پارتىيە ئىچىدە "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" تا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
سىياسىي ئۆلچەم ھەمىشە بىرىنچى ئورۇندا
بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن، خىتاي كومپارتىيىسى مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ياش ئۆسمۈرلەر ۋە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە " سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىش ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھازىرقى ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى" دەپ كۆرسەتكەن.
كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ھەر قايسى ساھەلەردە ئەزەلدىن سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيىنى 1 - ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. مەسىلەن: مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن ياكى يېزىلاردا بولسۇن؛ مەيلى مەكتەپ ئورۇنلىرىدا بولسۇن ياكى ئىدارە ئورگانلىرىدا بولسۇن، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى باھالاشتا، مەيلى ئۇنىڭ باشقا جەھەتتىكى تۆھپىسى قانچە كۆپ بولسۇن، ئەگەر سىياسىي جەھەتتە ئاكتىپ بولماي ئۆلچەمگە توشمايدىكەن، ياخشى باھالىنىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.
سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيە ئارقىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس
ئامېرىكا يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇۋ زېخاۋ ئەپەندى "مەيلى قانداق پارتىيە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى چوقۇم خەلقنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىشى كېرەك، تاشقى دۇنيانىڭ بېسىمىسىز، خەلقنىڭ نازارىتىسىز، ئۆز ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارالىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس" دەپ تەكىتلەپ، "ھازىر خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ 68 مىليون پارتىيە ئەزالىرىنى خەلقنىڭ نازارەت قىلىشىدىن قاچۇرۇپ، ئۆزلىرى پارتىيە ئىچىدە سىياسى ئىدىئولوگىيە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنى يولغا سالىمىز دەۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ھەمدە ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
پارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس
پروفېسسور ياڭ لى يۈ ئەپەندىمۇ جۇۋ زېخاۋغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان چىرىكلىك مەسىلىسىنى مىسالغا ئېلىپ، " پارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى پەقەت ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"خىتاي كومپارتىيىسى ھازىر ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چېرىكلىشىپ، ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا قالغانلىقىنى ھىس قىلدى. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى خۇ جىنتاۋ ۋە ۋىن جيا باۋلار تەختكە چىققاندا، كىشىلەر پارتىيە ئىچىدە ئاز تولا بولسىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى دەپ ئۈمىد كۈتكەن ئىدى، لېكىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، ھىچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدى ، ھازىر خىتاي كومپارتىيىسى يەنە بىر قېتىملىق ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى باشلىدى. بۇنداق قىلىش قارىماققا ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، مەنچە بۇ خىل ئىدېئولوگىيىلىك تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس".
يەنە بىر قېتىملىق "ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى"
شىمالىي ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسەتچى لىڭ فىڭ ئەپەندى " خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيىلەش ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىملىق "ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى" دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇ خىل شەكىلدىكى ھەرىكەت بۇرۇندىن بار ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى تەشۋىق قىلىش سۆزلىرىمۇ ئىلگىرىكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ. كوممۇنىست خىتاي پارتىيە ئىچىدە بۇنداق ھەرىكەتلەرنى مەيلى قانداق شەكىلدە، قانچە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس چۈنكى بۇ پارتىيىدە ھېچقانداق بىر ئىلغار خۇسۇسىيەت قالمىغان، ھازىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆلچىمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى خىيانەتچىلىك قىلمىسىلا ئىلغار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەنچە ھېلىغۇ بىر يېرىم يىل ئىكەن، بۇ خىل ھەرىكەتنى 10 يىل داۋاملاشتۇرسىمۇ يەنىلا ھىچقانداق ئۈنۈمگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلار ئەگەر ھەقىقى ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بولمايدىكەن، بۇ خىل ئۆزىنى- ئۆزى تەربىيىلەپ، ئۆزىنى- ئۆزى ئۆزگەرتىش دېگەنلىك پۈتۈنلەي بىكار گەپ" دەپ كۆرسەتتى.(مېھرىبان)