"تيانشان تور بېتى" دە بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئايدا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن سىياسى ھەرىكەتنى ئېلىش بېرىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان چوڭ يىغىن ئېچىلغان. يىغىندا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قويغان شۇجىسى ۋاڭ لې چۇەن ئەپەندى، "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ " ، 1 مىليون 100 مىڭ نەپەر پارتىيە ئەزاسىنى توپلاپ تەربىيە ئېلىپ بارىغان بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بولۇپ باقمىغان ئىدى" دېگەن.
بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالاھىدىرەك ئېلىپ بېرىلىدىكەن
ئۇنىڭ سۆزىدە يەنە "بۇ ھەرىكەتنى شىنجاڭنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك" دېگىنىدىن قارىغاندا، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالاھىدىرەك ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ۋاڭ لې چۇەن ئەپەندىنىڭ "بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش" دېگىنىدىن قارىغاندا ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش دېگەن ھەرىكەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتىيە ئەزالىرىغىلا قارىتا ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن كادىرلارغىچە كەڭەيتىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇنداقلا، ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىن "كۆزگە كۆرۈنەرلىك مەسىلە" دەپ قارالغانلىرىلا ھەل قىلىنىدىكەن.
ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە بۇ ھەرىكەت پۈتۈن خەلققىچە كېڭەيتىلىپ ئېلىپ بېرىلماقتا
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى سى داگاڭ ئەپەندى ۋىلايەتلىك ئىدارە – ئورگانلارغا، مەكتەپ ۋە كارخانىلارغا بېرىپ " كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بەرگەن.
ئاقسۇ، باينغۇلىن، چۆچەك، بورتالا، ئىلى، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت -ئوبلاستلاردىمۇ، بۇ ھەرىكەت ھازىر ھەرخىل شەكىل قوللىنىپ كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. "ھەممە ئائىلىگە كىرىش" دېگەن شەكىلدىن قارىغاندا، "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن بۇ ھەرىكەت ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دائىرىسى ھەممە قاتلاملارغىچە، پۈتۈن خەلققىچە كېڭەيتىلىپ ئېلىپ بېرىلماقتا.
"كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى" دېگەنگە دۇنيادا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ
خەۋەرلەر مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەت، ماۋ زېدوڭنىڭ 7 - 8 يىلدا بىر قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش دېگەن سۆزنىڭ ئىجراسى دەپ مۇلاھىزە قىلىنغان.
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە ، ھازىر "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى" دېگەن گەپكە دۇنيادا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىمۇ، خۇددى دۇنيادا گۇمران بولغان باشقا كوممۇنىست پارتىيىلەرگە ئوخشاش ئاللىقاچان چېرىكلىشىپ كەتكەن پارتىيە. ئۇنى خەلقنىڭ سۆزى بىلەن تەسۋىرلىگەندە ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىدارە - ئورگانلىرىدا دەرۋازا ئالدىدا تىكلەپ قۇيۇلغان تاشتىن ياسالغان شىرنىڭ ھەيكىلىدىن باشقا يۇيۇپ - سۈرتسە پاكىزە بولالايدىغان ئەرباب تېپىلمايدۇ.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىستىل تۈزۈتۈش، ئېچىلىش - سايراش دېگەندەك خىلمۇ - خىل ناملار بىلەن سىياسى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇنىڭ ھېچقايسىدا ئىلغارلىق بولمىغان. ھەممىسىدە خەلق قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچراش بىلەن ئاياغلاشقان. بۇ قېتىم كوممۇنىست پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارى خۇجىنتاۋ يەنە "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن چىرايلىق نام بىلەن سىياسى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، كوممۇنىست پارتىيىدە ساقلانغان مەسىلىلەر "تەربىيە" بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىئىدىغان مەسىلە دەپ قارىغان.
ئەمەلىيەتتە چەتئەللەردە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە 9 باھا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇنىڭدا كۆرسەتكەن پاكىتلارنى ئىنكار قىلالمىدى. بۇ پارتىيىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈزۈل - كېسىل ئاشكارىلاندى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خۇ جىنتاۋ مەتبۇئاتلارنى قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق، قارشى ئاۋازلارنى بوغۇپ تاشلاپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى بىر مەزگىلگىچە ھالاكەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
"ئوغرىلار ئوغرىنى تۇت" دەپ سەھنىگە چىقىۋېلىپ ۋارقىراۋاتىدۇ
ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمايدىغان بىر كىشى مۇخبىرىمىزغا "ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش دېگەن ھەرىكەتنىڭ داغدۇغىسى ناھايىتى چوڭ بولىۋاتىدۇ، كىشىگە خۇددى يەنە بىر "قارا بوران" چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرماقتا. بۇ قېتىم يەنىلا "ئوغرىلار ئوغرىنى تۇت" دەپ سەھنىگە چىقىۋېلىپ ۋارقىراۋاتىدۇ" دېگەن.
كوممۇنىست پارتىيىدە ساقلاپ قالىدىغان نىمە ئىلغارلىق باركەن؟
ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمايدىغان يەنە بىر كىشى مۇخبىرىمىزغا "بۇ ۋاققىچە ھۆكۈمەت يالغان ئېيتىپ ياپقان مەسىلىلەر ئەمدى ئاشكارا بولدى، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ باي بولغانلىقى ياكى ئىنتايىن نامرات ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا ئايان بولدى. يېقىندا بەزى جايلاردا قار ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھەتتا قىشتا كېيىدىغان ئايىغى يوق، يالاڭاياغ قالغانلىقىنىمۇ دۇنيا كۆردى، بۇ پارتىيىدە ساقلاپ قالىدىغان نېمە ئىلغارلىق باركەن" دېگەن. (ۋەلى)