0:00 / 0:00
يېقىندىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خىتاي بويىچە "پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" دېگەن نامدا سىياسىي ھەرىكەت قوزغىدى. خىتاي ئىچىدە بۇ سىياسىي ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنى ھەر قايسى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلىرىننىڭ خىزمەت ئىستىلى، سىياسىي ئىدىيىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك، ھوقۇقىدىن قالايمىغان پايدىلىنىشقا ئوخشاش خاتا قىلمىشلارنى تۈزىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئەجەپلىنەرلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ ھەرىكەت " مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش" ھەرىكىتى بولۇپ قالماقتا