يېقىندا، ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزىتىش" ژورنىلىدا خىتايدا داۋاملاشتۇرىلىۋاتقان "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەتكە باھا بېرىپ يېزىلغان "مەنتىقىسىز نەزەرىيە" سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئاپتورى ياڭ لىلى.
"مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتە ماركس، ئىنگىلىز، لېنىن، ستالىن قاتارلىق ساقاللىق كىشىلەرنىڭ قاتارىغا، ئۇلارغا ھېچنىمىسى ئوخشىمايدىغان ساقالسىز ماۋ زېدوڭ ئۆزىنى قوشىۋالغان بىر رەسىم ئېسىپ قويۇلاتتى. ھەممىدىن قىزىق يېرى شۇكى، بۇ رەسىمنىڭ تېگىگە "ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسى ماركسىزم -لېنىنىزمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى" دەپ يېزىلاتتى، - دەپ باشلايدۇ ياڭ لىلى مەنتىقىسىز نەزەرىيە دېگەن ئوبزورىنى، - بۇنداق رەسىم دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىن تارتىپ ئېسىلمايدىغان بولدى. چۈنكى، بۇ دەۋردە دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن " 3 كە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسى" دېگەنلەر بۇ قاتارغا قوشىلىۋالدى. گەرچە بۇلار ئۆزلىرىنى قوشۇپ رەسىم سىزدۇرۇپ ئېسىپ قويمىغان بولسىمۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" دېگەننى بازارغا سېلىپ، ئۇمۇ ئۆزى بۇ قاتارغا قوشىلىۋالدى. ئېھتىمال كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى ئۆزلىرنىڭ نامىنى دۇنيادىكى ئەڭ نومۇسسىز كىشىلەر ئابىدىسىگە كىرگۈزىۋالمىسا كۆڭلى ئارام تاپمىسا كېرەك.
"3 كە ۋەكىللىك قىلىش" نەزەرىيىسى زادى نېمە؟
"مەنتىقىسىز نەزەرىيە" سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى نەزىرىيىلەرنىڭ ئىچىدە "3 كە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسى" دېگەن نەزەرىيە ئۆتكەنگىمۇ، ھازىرقىغىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ، ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلىمىز دەپ تۇرىۋالىدىغان ئۇچىغا چىققان ئۆكتەملىك.
سوراپ باقايلى، خىتايدا ئەڭ بۇرۇن يەر ئىگىلىرىنى، كارخانىچىلارنى بۇلاپ -تالىغان لۈكچەكلەر ئىلىم -پەن ۋە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرىنىڭ ۋەكىلىمىدى؟ 800 مىليون ئادەم پەقەت 8 خىل "ئۈلگىلىك تىياتىر" دىن باشقا چاڭچىلىنى كۆرمەسلىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يۆنۈلۈشىمىدى؟ سەكرەپ ئىلگىرىلەپ كوممۇنىزمغا يېتىپ بارىمىز دەپ، 30 مىليون خەلقنى ئاچارچىلىققا قويۇپ ئۆلتۈرگەنلىك پۈتۈن خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقمىدى؟ خىتايدا "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن بۇ نەزەرىيىنى جەمئىيەتتىكى لۈكچەك، بۇلاڭچى، قاراقچى، باندىتلار ھەممىدىن بۇرۇن چۈشىنىپ، ئۇلار "مانا مەن 3 كە ۋەكىللىك قىلىمەن" دەپ ئالدى بىلەن قوللىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما خەلق بۇنى ھازىرغىچە قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ.
"مەنتىقىسىز نەزەرىيە" سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا "كوممۇنىست پارتىيە ئىلغار" دېگەنگە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىئىسنىڭ يۇقۇرىي قاتلام ئەمەلدارلىرىدىن باشقا ئەقىل - ھۇشىدىن ئازمىغانلا كىشى قوشۇلمايدۇ. خىتاي دۆلىتىدە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش، ياپۇن جاھانگىرلىكى تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە قارشى تۇرماسلىق، پۈتۈن كۇچى بىلەن ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش، خەلققە توختىماي قىرغىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىيەتلەرنى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كىم ئىلغارلىق دەپ ئاتاپ باققان؟
خىتايدىكى مۇستەبىتلىك
-بىزنىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىمىز بار، دەپ ماختىنىدىغان خىتاي بىلەن خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى، - دەپ تەھلىلىنى داۋاملاشتۇرىدۇ "مەنتىقىسىز نەزەرىيە" سەرلەۋھىلىك ئوبزورنىڭ ئاپتورى، - خىتاينى دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەپ چىقالىغان ياپونىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورىيىلەر بىلەن بىلەن سېلىشتۇرماي، دەل خىتاي ئۆزى "ساپاسى تۆۋەن"، "دېموكراتىيە دېگەننى يولغا قويالمايدۇ" دەپ مەسخىرە قىلغان ئافغانىستان بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساقمۇ، شۇ ئافغانىستاندا ھازىر ھۆكۈمەتنى خەلق ئۆزى سايلاپ چىقىدىغان بولدى. خۇ جىنتاۋ "پارتىيىنىڭ ھەربىي قىسىملارغا بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش" دېگەننى تەكىتلەۋاتقاندا، پاكىستانننىڭ پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ ئەپەندىمۇ ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، پاكىستاندا ھەربىي قىسىملار پارتىيىلەرگە تەۋە ئەمەس، بەلكى پەقەت دۆلەتكىلا مەنسۇپ دەپ ئېلان قىلالىدى.
بېرمىدا 40 يىلدىن بۇيان مۇستەبىتلىك تۈزۈم يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەربىي ھۆكۈمەتمۇ، ھازىر ئاڭسەسۇجىدەك ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى. ئەمما خىتايدا بولسا تېخىچە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە قەدەر خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئوخشاشلا بىرخىل مۇستەبىت سىياسەت قوللىنىلىپ كەلمەكتە.
"مەنتىقىسىز نەزەرىيە" سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەنگەن دۆلەتلەردە خەلق سايلام ئارقىلىق دۆلەتنى باشقۇرۇشنى مەلۇم بىر پارتىيىگە ياكى مەلۇم بىر شەخسكە تاپشۇرىدۇ. خەلق ئۆزى ئۇنىڭغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھېلىمۇ ئۆزىنى "ئىلغار" ، "ھەممىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى"، "خەلق ئۈچۈن ھوقۇق تۇتقۇچى"، "خەلقنىڭ چاكىرى"، "ئىلغارلىقنى ساقلىغۇچى" دەپ ساختىپەزلىك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۇنيادا ئۇچىغا چىققان نومۇسسىز پارتىيە. (ۋەلى)