كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى ئەمەس يالغانچىلىقى
2006.07.13
خىتاينىڭ "شىنجاڭ گېزىتى" دە خەۋەر قىلىنىشىچە، 7- ئاينىڭ 12 - كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەن ئۈرۈمچىدە "كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەتنى خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش يىغىنى ئاچقان. ئۇ يىغىندا "بىر مىليون بىر يۈز مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە 65 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتى، ئۇلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى" دېگەن.
"خەلق گېزىتى"دە خەۋەر قىلىنىشىچە، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا، بېيجىڭدە دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەشكىلات مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاۋياڭ سوڭ ئەپەندى "كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەتتىن 97% خەلق رازى بولدى ۋە ئاساسىي جەھەتتىن رازى بولدى، كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى پۈتۈن مەملىكەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى" دېگەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم "كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقى" دېگەن مەسىلە ھەققىدە، ھازىر تەيۋەندە تۇرىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇئا ئەپەندى "كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرى" دېگەن مەسىلە ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قارامايدىكى "ماي بۇلاق" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت نىياز قولغا ئېلىنغان
- پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى يەنىلا مۇقىملىقنى ساقلاش
- خىتايدا ھۆكۈمەت چەكلىگەنلىكى كىتابنى خەلق تېپىپ ئوقۇماي قالمايدۇ
- خىتايدا "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" دېگەن سىياسىي ھەرىكەت يەنىلا داۋاملاشماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى سىياسەتچىلەرنىڭ باشقۇرىشىنى تەكىتلىمەكتە
- "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى" دېگەنگە دۇنيادا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ
- خىتاي كومپارتىيىسى سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە