كۆزەتكۈچىلەر، "ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، بېيجىجڭدا ئېچىلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە "ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگەندە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ئىشسىزلارغا خىزمەت تېپىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسىنى قۇرۇش، كىرىم تەخسىماتىدىكى تەڭسىزلىكنى تۈگىتىش شۇنداقلا يېزا- بازارلاردىكى نامراتلارنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلار، دەپ تەكىتلىگەن.

ئامما خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" تىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ماركسىزملىق دىنىي قاراش ۋە مىللەتلەر قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، دىنىي سىياسىتى شۇنداقلا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرىگە قىلغان ماركسىزملىق مىللەتلەر قارىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سۆزى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭدا مۇقىملىقنى قوغداش ھەممىدىن ئۈستىن دەيدىغان ئەنئەنىۋى كۆز - قاراشنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن تېخىچە قۇتۇلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرىنى مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.