ئىنتېرنېتنىڭ قىرغىزىستان ئىنقىلابىدىكى رولى


2005.03.30

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاكايېۋنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى بېشكەك ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قازىنىشىدا، ئىنتېرنېت پەۋقۇلاددە مۇھىم رول ئوينىغان.

كارنىگىي خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسىسىسى مارتا ئولكوتنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، ئىنتېرنېت پرېزىدېنت ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى بېشكەك ئىنقىلابىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا " پەۋقۇللادە مۇھىم رول ئوينىغان."

ئولكوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدە ئىنتېرنېت ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان دۆلەت بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى زىيالىيلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىغاندا ئىنتېرنېت بىلەن بىر قەدەر كۆپ شۇغۇللىنىدىكەن." مارتا ئولكوتنىڭ كۆرسىتىشىچە، " پرېزىدېنت ئاقايېۋ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان "قىرغىزىستان خەلقىغە مۇراجەتنامە" نى ئىنتېرنېت ئارقىلىق جاكارلىغان.

ئىنقىلاب ئىنتېرنېتتىكى مۇنازىرىدىن باشلاندى

ئولكوتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېشكەكتىكى قوزغىلاڭ كۈنى قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئازات قىلىنغان تۈرمىدىكى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى فىلىكس قۇلوۋ، تۈرمىدە قوللىغۇچىلىرى تەمىنلىگەن قول تېلېفون ئارقىلىق ئىنتېرنېتكە كىرەلىگەن.

ئولكوت، ئاقايېۋ جەمەتىنىڭ خىيانەتچىلىكى قىرغىزىستاندىكى ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىدا كەڭ مۇنازىرە قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مارتا ئولكوت مۇنداق دەيدۇ: " ئاقايېۋ ئائىلىسى يىللاردىن بېرى پەۋقۇلاددە زور مىقتاردىكى مال - مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغاندىن سىرت، بۇ مال - مۈلۈكلەرنى ئائىلىسىدىكى ئوغلى، قىزى، جىيەنى شۇنداقلا كۈيوغلى قاتارلىقلارغا بۆلۈپ بەرگەن."

قىرغىزىستان تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن

قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئۆكتىچىلەرنىڭ قىرغىزىستان تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئولكوت، يېڭى ھۆكۈمەت ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. ئولكوت مۇنداق دەيدۇ: " ئۇلارمۇ تەكىتلەۋاتىدۇ، شۇنداقلا مەن، بىز ئۇلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن، ئۇلارنىڭ قىرغىزىستان تاشقى سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلىش غەرىزى يوق.ئۇلار ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ھەربىي بازىسىنى شۇنداقلا قىرغىزىستاننىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسۋىتىنى ساقلاپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ."

رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتى داۋاملىشىدۇ

قىرغىزىستاننىڭ ئۆتكۈنچى پرېزىدېنتى باقىيېۋ، ھوقۇقنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ، قىرغىزىستان- رۇسىيە ئەنئەنىۋى مۇناسۋىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا رۇسىيە پرېزىدېنتىنى خاتىرجەم قىلغان. ئامما ئولكوت، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى سىياسى كرىزىستىن چوڭقۇر قايغۇغا پاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئولكوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار قىرغىزىستاندىكى ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىلەن بىرگە، بۇ دۆلەتكە سالىدىغان مەبلىغىنى كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىدىغان يېڭى ترانسپورت ئۆتىڭى."

بېشكەكتىكى بۇلاڭچىلىقنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنىشى بارمۇ ؟

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بېشكەكتىكى قوزغىلاڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىقتىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى خىتاي تىجارەتچىلەر يۇرتىغا قايتىشقا باشلىغان. ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى" بېشكەكتىكى بۇلاڭچىلىقنىڭ ئاقايېۋ جەمەتىنىڭ ئىگىلىكى بىلەن زىچ مۇناسۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. قىرغىزىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روزى مەمەت باقىيېۋ، بۇلاڭچىلىقنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنىشى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامما "كۈندىلىك تېلېگراف " گېزىتى، قىرغىزلارنىڭ بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سودا دۇككانلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

قىرغىزىستاندىكى ئۆزگىرىش خىتاينى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى بېشكەكتىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، قىرغىزىستانغا چىقىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنى 28 - مارتقا قەدەر تاقىغان. قىرغىزىستان بىلەن خىتاي رايوندىكى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بىردىن بىر دۆلەتلەر. مارتا ئولكوتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قىرغىزىستاندىكى يېڭى ھۆكۈمەت خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيىتىگە قارشى تۇرۇش مەيدانىنى داۋاملىق قوللىشى مۇمكىن.

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر، ئاقايېۋنىڭ 2002 - يىلى كۆلىمى 90 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىر پارچە زىمىننى خىتايغا بېرىۋەتكەنلىكىگە قارشى چىققان ئىدى. مارتا ئولكوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆكتىچىلەر ئەمدى ئاقايېۋ چىقارغان بۇ قارارنىڭ قانۇنى ئاساسىنى تالاش - تارتىش قىلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.