خىتايدىكى ساقتا پۇل مەسىلىسى ئېغىرلاشماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ساقتا مال ۋە ساقتا يىمەك - ئىچمەكلىكلەر بەكمۇ كۆپۈيۈپ كەتتى. بۇنى ئازدەپ ،ھازىر خىتايدا ساقتا پۇل مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ھەتتا پۇلنىڭ راست - يالغىنىنى پەرق ئېتىش ماشىنىسىمۇ ئىشقا يارىماس بولۇپ، ئادەمنى گۇمانغا قويىدىغان بولغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتىدا بىلدۈرىلىشىچە: بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە ساقتا پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان دىلولار سانى 1000 دىن ئاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان ساقتا پۇلنىڭ سانى 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ساقتا پۇل تەكشۈرۈش ئاپىراتىمۇ ساقتا

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە: ھازىرخىتايدا بۇ خىل ساقتا پۇلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا ۋە ساقتا پۇلنى پەرق ئېتىش ماشىنىسىنىڭ سۈپىتى ناچار بولغاچقا، پۇلنىڭ راست- يالغىنىنىمۇ پەرق ئېتەلمەيدىكەن، شۇڭلاشقا خەلق بۇ خىل ئەھۋالدىن قاتتىق نارازى بولغان. مەسىلەن، خىتاينىڭ جىېجىاڭ ئۆلكىسىدىكى شىن فامىلىلىك بىر ئايال ساقتا پۇلدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، مەخسۇس بىر پەرق ئېتىش ماشىنىسى ئالغان، لېكىن بۇ پەرق ئېتىش ماشىنىسىغا مەيلى راست پۇل ياكى ساقتا پۇل سېلىنسۇن، پەرق ئېتىش سىگنالى ئوخشاشلا بولۇپ، ھىچقانداق رولى بولمىغان. شىن فامىلىلىك بۇ ئايال بۇ خىل ماشىنىنى ئىشلەپچىقارغان شاڭخەيدىكى زاۋۇتقا تىلىفون قىلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندا، مەزكۈر زاۋۇت رەھبەرلىرى پەرق ئېتىش ماشىنىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە: " بىز ئىشلەپ چىقارغان ماشىنىنىڭ سۈپەت جەھەتتە ھىچقانداق چاتىقى يوق. تونۇشتۇرىشىدا ھەرخىل رولىنىڭ بار ئىكەنلىكى يېزىلغان،شۇڭا بىز بۇ ئشتا ھىچقانداق مەسئۇلىيىتىمىز يوق" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

زىيان تارتىدىغانلار يەنىلا پۇقرالار

خىتايدىكى ساقتا پۇلنىڭ كۈنسېرى كۆپۈيۈپ كېتىش مەسىلىسى ،ھەمدە پەرق ئېتىش ماشىنىسىنىڭمۇ ئىشەنچىسىز بولىۋاتقانلىقى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئىقتىساد سۇناسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامىرىكا ئىندئىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جىن يۈەنجۇ ئەفەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:

ساقتا پۇل مەسىلىسى پەقەت خىتايدىلا ئەمەس بەلكى ھەممە دۆلەتلەردە مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا. لېكىن خىتايدا بۇ مەسىلە بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، پۇقرارلارنىڭ تارتىۋاتقان زىيىنى تېخىمۇ زور بولماقتا. چۈنكى بانكا ئورۇنلىرىنىڭ ئىلغار سۈپەتلىك پەرق ئېتىش ماشىنىسى بولغاچقا، ئۇلار كۆپ زىيان تارتىپ كەتمەيدۇ، لېكىن شەھسىلەر ئۇنداق ياخشى سۈپەتلىك ماشىنا ئالالىشى ناتايىن،شۇڭا ئاخىرىغا بېرىپ ھەقىقى زىيان تارتىدىغانلار يەنىلا پۇقرالار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە بىر ئامال قىلىپ ئالدى بىلەن بۇخىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان قارا جەمىيەتنى تېپىپ، ئۇنى جازالىشى كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت پۇل ياساش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۇنى ياسىيالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالىشى كېرەك."

جىن جۈيۈەن ئەفەندى سۆزىدە يەنە خىتايدىكى پۇلنى پەرق ئېتىش ماشىنىسىنىڭمۇ ساقتىلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ،مۇنداق دىدى:

"بۇ بولسا پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ئەخلاقىغا تاقىشىدىغان بىر مەسىلە، خىتايدا ھازىر پۇرسەتپەرەسلىك ۋە ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى بەكمۇ ئېغىر، ئادەملەردە ئەخلاق دىگەن نەرسە قالمىدى. ئۇلار ئۈچۈن پۇللا بولسا بولدى، شۇڭا ھۆكۈمەت چوقۇم يېتەرلىك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پەقەت ساقتا پۇللارنى يىغىۋېلىشلا ئەمەس، بەلكى پەرق ئېتىش ماشىنىسىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك."

كىشىلەرنىڭ ساپاسى بىر قەدەر تۆۋەن

ئامىرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى چىن جىن سۇڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتايدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ساقتا پۇل مەسىلىسىدىن قىلچە ئەجەپلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

" مەنچە ھازىر خىتايدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ساپا سۈپىتىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقىدىن. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، خىتايدا ئىجتىمائى ئەخلاق دىگەن نەرسە بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە باشلىغان، بۇ خىل ھالەت خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەخلاقسىز بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا ھازىر خىتايدا ساقتا ماللار بەكلا كۆپ، ساقتا پۇلغا كەلسەك، بۇنى پەقەت كۆپلىگەن ساقتا ماللارنىڭ بىر تۈرى دەپ قارىساق بولىدۇ. شۇڭا مەن خىتايدەك بۇنداق بىر ساقتا ۋە زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ناھايىتى ماھىر بولغان دۆلەتتە،ساقتا پۇلنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە ھەرگىزمۇ ھەيران بولمايمەن."

چىن جىنسۇڭ ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە يەنە " ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ساقتا پۇل كۆپىيىپ كېتىش مەسىلىسىگە يەنىلا سەل قارايدىكەن، بۇ خىل ئەھۋال ئاخىرىغا بېرىپ پۇل پاخاللىغى قاتارلىق نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى:

" ئەگەر ساقتا پۇل بەك كۆپۈيۈپ كەتسە، ئاخىرىغا بېرىپ بىر دۆلەتنىڭ پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا دۆلەت ئىقتىسادىي ستاتىستىكىسىنىڭ توغرابولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ستاتىستىكىسىدا ئەزەلدىن نۇرغۇن ئېغىش ۋە خاتالىقلار بار، ئەگەر ساقتا پۇل مەسىلىسى ئېغىرلىشىدىكەن، بۇ جەھەتتىكى خاتالىق تېخىمۇ چوڭىيىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پەرق ئېتىش ماشىنىسىنىڭ ساختىلىشىشى تېخىمۇ كۆپلىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ يۈرەكلىك ھالدا ساقتا پۇل ياساپ چىقىرىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ". (مېھرىبان)