ئۇزۇن مۇددەت مۇستەبىتلىك تۈزۈم ئاستىدا مۇڭلانغان ئىراق خەلقى كۆيۈۋاتقان ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە دېموكراتىيە يولىغا مېڭىپ بىر چوڭ قەدەم باستى، - دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ ليۇ شاۋبو ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۆز ئۆيىدە تۇرۇپ، - مۇستەبىت سادام ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغان جايى ئىراق خەلقى ئۈچۈن دېموكراتىيە سەھنىسى بولدى. بۇ سەھنىدە دېموكراتىك سايلام غەلىبە قىلىپ، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئىراق دائىرىسىدە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەش ئۈچۈن داغدام يول ئېچىلدى. ئىراق خەلقى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆز قولىغا ئالدى.
بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قاراپ بىۋاستە سايلامغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى ئۆلچەمگە يەتمەي سايلام مەغلۇپ بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. بۇ چاغدا تېررورچىلارنىڭ ئۇچتۇمتۇت پارتلىتىش ھەرىكەتلىرى ھەدەپ كۆپىيىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئىراق خەلقى ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئۆيلىرىدىن چىقىپ سايلام پونكىتلىرىغا باردى. بېلەت تاشلاش نىسبىتى تەسەۋۋۇردىن ئېشىپ 72٪ گە يەتتى. بۇ ئەمەلىيەت دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئەركىنلىككە تەلپۈنمەيدىغان خەلق يوقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
"دېموكراتىيە ھەممىلا جايغا مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدۇ" دەپ كاپشىۋاتقانلانىڭ ئاغزى تۇۋاقلاندى
مەيلى ئۇ قانداق مەدەنىيەت، قانداق دىن، قانداق مىللەت بولسۇن، ھەتتا ئۇنىڭ ساپاسىدا پەرق بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەممىسى تېررورلۇق كۈلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىكتە ھايات كۆچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئەركىنلىكنى ياقلاش ئادەمنىڭ تەبىئىتى. بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللارغىچە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا ئېزىلگەن خەلق ئەركىنلىكنى، دېموكراتىيىنى، تىنچلىقنى تېخىمۇ بەك ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز دۆلىتىدە دېموكراتىيە پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنى، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەپ ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىنى مەڭگۇ ئۆز قولىدا تۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مۇشۇ قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئاۋغانىستاندا، پەلەستىندە، ئىراقتا بىۋاستە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ غەلىبە قازانغان بۇ ئەمىلىيەت "دېموكراتىيە ھەممىلا جايغا مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدۇ" دەپ كاپشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى.
مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى ئاغدۇرۇپ دېموكراتىيىنى تىكلەش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ، ئەقىل پاراسەت ۋە باتۇرلۇق كېرەك
مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى ئاغدۇرۇپ دېموكراتىيىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن قۇدرەتلىك كۇچ كېرەك. ئەقىل -پاراسەتنى دەل جايىغا ئىشلىتەلەيدىغان، ئۇلۇغۋار غايىسى بار، زۆرۈر تېپىلغاندا خەيم - خەتەردىن قورقماي باتۇرلۇق قىلالايدىغان بۇشىزىمچە يېتەكچى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ قۇربان بېرىشتىن يانماي، ئەقىل پاراسەتلىك ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىپ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرغانلىقىغا ئىراق خەلقى تەشەككۈر ئەيتسا، ئامېرىكا خەلقىمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالىدىغان مۇستەبىتلەرنى ئاغدۇرۇشقا ماسلاشقا ئىراق خەلقىغە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايدۇ.
پۈتۈن دۇنيادا خەلقىنى ئەركىنلىككە يەتكۈزۈش تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى
ھازىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتكەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، پۈتۈن دۇنيادا تىنجلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ھەربىر ئادەمنىڭ كىشىلىك ئىپتىخارىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان بولۇشنىڭ ئالدىنىقى شەرتى. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. جىنايەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنى تۈزەتمەيۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر، مەيلى قانداق ئۇسۇل بىلەن بولمىسۇن، پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندا، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىقشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئەمما ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قۇربى يەتمەيۋاتقان خەلقلەر پۈتۈنلەي ئەركىنلىككە ئېرىشكەندە، ئاندىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئەركىنلىك كاپالەتكە ئېگە بولىدۇ. 11 - سېنتەبىر ۋاقەسىدىئەك ۋاقە دۇنيادا قايتا يۈز بەرمەيدۇ.
پۈتۈن دۇنيا خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قۇربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ نامى تارىخقا يېزىلىدۇ
ئىراقتا دېموكراتىيىنى تىكلەش يولىدا ئامېرىكىنىڭ 1300 جەڭچىسى قۇربان بولدى. بۇ يولدا يەنە نۇرغۇن بىگۇناھ ئىراق خەلقى تېررورچىلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەمما ئىراق خەلقى ئەركىنلىك ۋە دېمۇكراتىيە ئۈچۈن ھاياتى خەۋپكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا قارىماي ئۆيلىرىدىن چىقىپ سايلام پونكىتلىرىغا كېلىپ ئاۋاز بەردى. ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئىشلەتتى. بۇ باتۇرلۇق. ئەركىنلىك ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ نامى ئابىدىلەرگە يېزىلىپ مەڭگۇ تارىختا خاتىرىلىنىدۇ. (ۋەلى)