ئۇيغۇر ياشلىرى تېخىمۇ ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە يۈزلەنمەكتە


2005.01.27

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە 2004 - يىلى9 - ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا يىلىغا 400 مىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپەيمەكتە دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشسىزلىق كرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قانداق؟ ئۇلارنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرى ئىش تاپالماي، جەمىيەتتە يۈرىدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.