خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ، خىتايدا غەرب ئىستىلىدىكى دىموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىھتىماللىقىنى رەت قىلدى. خۇ جىڭتاۋ، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا چارشەنبە كۈنى تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى ھازىرقى مەۋجۈت خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ماختىدى، غەرب ئىستىلىدىكى دىموكراتىك تۈزۈلمىنىڭ خىتايدا ئاقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، خىتايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ : خىتايدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى، يېقىنقى زاماندىن بېرىقى خىتاي جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەتى ۋە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومېتىتىنىڭ 198 ئەزاسى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا پارتىيە 16 - قۇرۇلتېيىنىڭ 4 - ئومۇمى يىغىنىنى باشلايدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ، تارىخ جوڭگودا غەرپ ئىستىلىدىكى دىموكراتتىك تۈزۈلمىنى ئۆلگە قىلىشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، - دەپ تەكىتلىگەن.
گۈزەتكۈچىلەر، خۇ جىڭتاۋنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتېيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن قىلغان چارشەنبە كۈنكى تېلېۋىزىيە نۇتۇقى، خىتاي ئەركىن بازار ئىگىلىكىگە كۆچكەندىن كېيىنكى كومۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ۋە سوسيالىستىك ئىدىلوگىيىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى يىتەكچىلىك رولىنى قانداق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەپ قارىماقتا. بېيجىڭ دائىرىلىرى، پەيشەنبە كۈنى باشلىنىپ 19- سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان كومپارتىيە مەركىزى كومېتىت يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھىچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. ئامما خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق خائىشىغا خاتىمە بېرىش ياكى بېرەلمەسلىك مەسىلىسى، خىتاي رەھبەرلىرى تەرىپىدىن كومپارتىيىنىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ياكى تۇتۇپ تۇرالماسلىقىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، كومۇنىستىك پارتىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش - تۇرالماسلىقى، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئىچىدىكى پارىخورلۇق ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىش خائىشىنى يوقۇتۇش ياكى يوقۇتالماسلىقىغا باغلىق، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. خۇ جىڭتاۋنىڭ تېلېۋىزىيە نۇتۇقى، خىتايدىكى سىياسى ئىسلاھات ئۈمىدىنى خۇ جىڭتاۋ -ۋېن جياباۋ گۇرۇھىغا باغلىغان خىتاي دىموكراتىك كۈچلىرىنى ئۈمىتسىزلەندۈرگەن بولۇشى مۈمكىن. خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق مەسىلىسى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلە بولۇش ئىھتىماللىقى چوڭ بولسىمۇ بىراق گۈزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدىكى خۇ جىڭتاۋ - ۋېن جياباۋ گۇرۇھى بىلەن جاڭ زېمىن كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلەشكەن مەزگىلىگە توغرا كېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.
زىددىيەتنىڭ نىگىزى، بۇ يىل 78 ياشتىكى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسى جاڭ زېمىننى پىنسىيىگە چىقىرىئىش ياكى داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن. خىتاي دائىرىلىرى، پارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلسىمۇ بىراق بېيجىڭدىكى دىپلوماتىك كۈزەتكۈچىلەر، پارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇق كۆرىشىنىڭ جىددىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. جاڭ زېمىننىڭ پارتىيە ھوقۇقى بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىنى خۇ جىڭتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىگە ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئامما جاڭ ِزېمىننىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىنى خۇ جىڭتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى خىتايدىكى مەملىكەت خارەكتىرلىك مەسىلە بولۇپ قالغان. جاڭ زېمىننىڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىش نىيىتى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىدىكى خامىلتون ئىنىستۇتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە پراففېسسورى چېڭ لى، ھوقۇقتىن ئايرىلىشنى خالىماسلىق خىتايدا يېڭى رەھبەرلەردىكى بىر ئىستىل بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا قىلغان سۈزىدە ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ : خىتايدىكى سىياسەتنىڭ خاراكتىرى ئۆز ئارا يول قويۇش، سودىلىشىش ۋە ھوقۇق تەقسىماتى ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇڭا بىز جىددى خارەكتىردىكى ھوقۇق كۈرىشىنى كۆرمەيمىز، بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر يىغىنلاردا ھەل قىلىنىدۇ. رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى دىپلوماتىك كۈزەتكۈچىلەر، جاڭ زېمىننىڭ بۇ قېتىمقى مەركىزى كومېتىت يىغىنىدا پىنسىيەگە چىقىش ئىھتىماللىقى چوڭ ئەمەس دەپ قارىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاڭ زېمىن بىلەن خۇ جىڭتاۋنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىتاينىڭ مۇقىملىغى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەققىياتىغا ئىھتىياج، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشى قانچىلىك كەسكىن بولغان تەقدىردىمۇ بىراق بۇ ئاشكارە قارشىلىشىش تۈسىنى ئالماسلىقى مۈمكىن دەپ قارالغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاڭ زېمىن - خۇ جىڭتاۋ گۇرۇھىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسى گۇ بوشيوڭ يېقىندا گەنسۇ بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى زىيارەت قىلغانغاندا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن قىسقارتىۋېتىلگەنلىكىدە كۆرۈۋالغىنى بولىدىكەن. گو بوشيوڭنىڭ گەنسۇ ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا قىلغان سۆزى، » ئازاتلىق ئارمىيە « گېزىتىنىڭ 13 - سىنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. گۇ بوشيوڭ، قوراللىق قىسىملار ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە مەركىزى كومېتىتى، ھەربىي ئىشلار كومېتىتى ۋە رەئىس جاڭ زېمىننىڭ قوماندانلىقىنى قوبۇل قىلىشغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.
بىراق شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى گو بوشيوڭنىڭ سۆزىدىكى، ئارمىيە جاڭ زېمىننىڭ قوماندانلىقىنى قەتئى قوبۇل قىلىش، 3 كە ۋەكىللىك قىلىش نەزىرىيىسىنىڭ ئارمىيە ئىچىدىكى يىتەكچىلىك رولىنى تىكلەش كېرەك دىگەن سۆزلىرىنى چىقىرىپ تاشلىغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، جاڭ زېمىن زېڭ چىڭخوڭنى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەن.بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئەگەر جاڭ زېمىن پىنسىيىگە چىقىش شەرتى بىلەن زېڭ چىڭخوڭنى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەن تەقدىردە، زېڭ چىڭخوڭنىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىغا كىرىدىغانلىقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدۇ دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)