خىتاي ھالقىلىق ئۆزگىرىش بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى

0:00 / 0:00

خىتاي ئالىملىرى ۋە نەزىريىچىلىرى خىتاي ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى شۇنداقلا ئومومىي يۈزلىنىشىنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىرقانچە ساھەدىكى ئىسلاھاتنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىمۇ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ھالقىلىق ئۆزگۈرۈش بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزىمۇ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.