رېستورانلاردىكى ئىسراپچىلىقنىڭ ئارقىسىدا ...

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قانداق شەھەر ناھىيە ھەتتا يېزا بازارلىرىغىچە ئېچىلىۋاتقان مۇلازىمەت قىلىۋاتقان چوڭ كىچىك رېستورانلارنىڭ سانى يوق. ئەلۋەتتە رېستورانلار ھەشەمەتلىك سەرەمجانلىرى، مەززىلىك تاماقلىرى، كۆڭۈلدىكىدەك مۇلازىمەتلىرى ۋە يەنە ئارتىستلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى گۈزەل سەنئەت نومۇرلىرى ھەم بۇنىڭ بىلەن مەيدانغا كەلگەن قىزغىن كەيپىياتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، مېھماندارچىلىقلىرىغا، شاتلىق ھەم قولايلىقلار ئېلىپ كەلدى.

تاماقلار شۇ پېتى تۆكۈلىدۇ

ھەر قانداق رېستوران ئۈستەللىرى مۇقىم باھا بىلەن بېكىتىلگەن، ئەڭ تۆۋىنى بىر نەچچە يۈز يۈئەندىن بىر قانچە مىڭ يۈئەنگىچە. ئەڭ ئەرزان بولغاندىمۇ ئون كىشىلىك بىر ئۈستەلگە ئون نەچچە تۈرلۈك تاماق قورۇمىلار تارتىلىدۇ. شىرەلەرگە ئۈستى -ئۈستىلەپ دۆۋىلىنىپ كەتكەن قورۇمىلار، تاماقلارنىڭ كۆپ قىسمى ئېشىپ قالىدۇ، ئېشىپ قالغان تاماقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىغانلار ناھايىتى ئاز سانلىق بولۇپ، ئاشقان تاماقلار ئاساسەن تۆكۈلىدۇ. رېستورانلاردا داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىسراپچىلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېمىسىغا ئايلاندى. ئەمما رېستورانلاردا داۋاملىشىۋاتقان ئىسراپچىلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش يەنىلا ئىختىلاپ تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولماقتا. چۈنكى بۇ يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ سىڭىپ كەتكەن.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئون نەچچە رېستورانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر مېھمانلارنىڭ ياكى ساھىپخانلارنىڭ ئىچىدە ئاشقان تاماقلارنى ئېلىپ ماڭىدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى، بەزى تويلاردا ھەتتا 20-30 ئۈستەللىك تاماقلارمۇ شۇ پىتى تۈكۈلىدىغانلىقىنى بىلدۇق.

"180 مىڭ يۈئەنلىك تويلارنى ئۇزاتتۇق "

ئۈرۈمچىدە ئەڭ چوڭ ياق ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ رېستوران دەپ سانىلىۋاتقان كۈنىگە ئون مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا غىزالىنالايدىغان دۆڭكۆۋرۈكتىكى چوڭ بازار رېستورانىنىڭ بىر درېكتورى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ رېستوراننى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ياخشى رېستوران دەپ ماختىدى.

ئۇ " رېسۇرانىمىزدا ئەڭ ئەرزان جوزا ئىككى مىڭ بەش يۈز سەكسەن يۈئەن، ھەر كۈنى شۇنداق ئالدىراش مېھمان بەك جىق، توي قىلىپ بىراقلا كۆتۈرىۋالىدىغانلار بار قىممەت بولغاندا 180 مىڭ يۈئەنلىك تويلارنى ئۇزاتتۇق، " دېدى.

ئۇ يەنە تاماقلارنىڭ موللۇقىدىن ھەر كۈنى كۆپ تاماقلارنىڭ ئېشىپ قالىدىغانلىقى بۇ تاماقلارنى بىرنى قويماي تۆكۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاماقلارنىڭ ئېشىپ قالغاندىن كېيىن تۆكۈلىدىغىنى مۇقەررەر، ئەمما بۇ تاماقلارنىڭ تۆكۈلگەندىن كېيىن قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالغان جاۋابىلىرىمىز بىزنى تېخىمۇ ئويغا سالدى.

بارغانچە ھەشەمەتكە ئۆگىنىپ كەتكەن خەلقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋاقىت كېرەك

نۆۋەتتە بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرى "رېستوراندىكى ئىسراپچىلىقلارنى تۈگىتىش، توي - تۆكۈن ئۇزۇتۇش ئادەتلىرىمىزنى، رېستوراننىڭ تاماق چىقىرىش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، ئۆزى تاللاپ ئېلىپ يەيدىغان ئۇسۇل بويىچە، رېستورانلارنىڭ بىر چېتىگە تاللاپ يەيدىغان مېھمانغا قاراپ تەييارلاپ باشلىسا، بۇنداق بولغاندا تاماقلار ئېشىپ قالسىمۇ مەينەت بولمايدۇ. توي ئىگىلىرى ئېشىپ قالغاننى ئېلىپ كەتسىمۇ بولىدۇ. تاماق تۆكىدىغان، زايە قىلىدىغان ئىشمۇ ئۆزگەرتىلىدۇ " دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلماقتا.

يەنە بەزىلەر "ئىسراپچىلىق راستىنلا ئېغىر. ئاساسلىقى رېستوران خوجايىنلىرى بىر ئۈستەل مانچە پۇل دەپ مۇقىم بىكىتىۋەتكەن بولغاچىقا ئۇنى ئۆزگەرتىشكە سىزنىڭ ئامالىڭىز يوق. بۇمۇ ئىسراپچىلىقنى تۈگىتىمەن دىگەنلەرنىڭ يۇلىنى تۇسۇپ قۇيىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى"، دەپ قارىماقتا. ئەمما ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر رېستوراننىڭ دىرېكتورى بۇ خىل پىكىرلەرنى رېستوران باشقۇرغۇچىلىرى قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ بارغانچە ھەشەمەتكە ئۆگىنىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىغا ھەم ئادەتكە ئايلانغان ئىسراپچىلىقنى تۈگىتىشكە بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بەزى زىيالىيلار گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىسراپچىلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر زىياليلىرى، جەمئىيەت ھەمدە مىللەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قەدەر ئىلغار كىشىلەر ئارىسىدا تەكىتلىنىۋاتقان ھەتتا ماقالىلار ئېلان قىلىنىۋاتقان، تور بەتلەردە تالاش تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ ئەمما مەزكۇر تېمىلار يەنىلا ئوقۇشقا تېگىشلىك ھەقىقىي ئوبيېكتلاردىن مۇستەسنا قالماقتا. ئەمەلىيەتتە دەل شۇ كىشىلەر يەنى ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرىۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئىسراپچىلىقنىئازايتىشقا ھەركەت قىلىشقا ئۈندەش ئىدى " دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)