"تىبەت ئىككى خىل جاھانگىرلىككە دۇچ كەلمەكتە" دېگەن ماقالىنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟ (2)

خىتايدىكى ئەركىن يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى دەستلەپتە "سېرىق ئاپەت" ناملىق بىر كىتاب يېزىپ تونۇلغان. ئۇنىڭدىن كىيىن تىبەت مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان "ئاسمان ئىلاھىغا ئاتاپ دەپنە قىلىش" ناملىق كىتابنى يازدى. ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تەتقىق قىلىش يولىدا ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە ئېلىنغان كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن "شىنجاڭ خاتىرىسى" دېگەن كىتابنى يازدى. "تىبەت ئىككى خىل جاھانگىرلىككە دۇچ كەلمەكتە" دېگەن ماقالە ئۇنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتلىرىنىڭ بىرى.

تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋاقەلەر بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يۈز بەرگەن ۋاقەلەر سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىنغان بۇ ماقالىنىڭ 1 - قىسمىنى، يەنى تىبەت يازغۇچىسى ۋېسېر خانىم "تىبەت خاتىرىسى" دېگەن كىتابنى يېزىپ گۇئاڭدوڭدا نەشىر قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان جەرياننىڭ باشلىنىشى ھەققىدىكى قىسمىنى ئۆتكەن ھەپتىدە بېرىلگەن ئىدى. بۇ شۇنىڭ داۋامى.

- خىتايچە تىل - يېزىقتا ئەسەر يېزىپ تونۇلغان تىبەت يازغۇچىسى ۋېسېر خانىم دالاي لامانى ھۆرمەيتلەيتتى، دالاي لاماغا چوقۇناتتى - دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئەركىن يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى بېيجىڭدە ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا تۇرۇپ يېزىپ ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، - شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئاغزىدىن ، خۇددى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ سابىق دايىمى ئەزاسى لى رۈيخۇن ئەيتقاندەك "دالاي لاما تىبەتتىكى مۇستەقىلچى، بۆلگۈنچى سىياسى گۇروھلارنىڭ ئەڭ چوڭ كاتتىۋېشى" دېگەن گەپ ھەرگىز چىقمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "ئۆزىنى تەكشۈرۈش"، "ئۆتكەلدىن ئۆتۈش" دېگەن شەرتىنى رەت قىلدى. پارتىيە ئەۋەتكەن "ياردەم قىلغۇچىلار" ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا قايتا- قايتا "ئىدىيېۋىي تەربىيە" ئېلىپ باردى.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى يېزىپ مۇشۇ قۇرلارغا كەلگەندە "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'ئىدىيېۋىي تەربىيە' دېگىنى كىشىلەرگە قاتتىق روھى زۇلۇم سېلىشتىن ئىبارەت ئىدى" دەپ ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن ماقالىسىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، - ۋېسېر خانىم چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنى ياساشقا قارشى تۇراتتى. شۇڭلاشقا كوممۇنىست پارتىيە ئۇنى تىبەت - چىڭخەي تۆمۈر يولى ياساۋاتقان ئورۇنلارغا "قايتا تەربىيە ئېلىش"قا ئەۋەتتى. بۇ، ۋېسېر خانىم ئۈچۈن ئېغىر جىسمانىي زۇلۇم ئىدى. ۋېسېر خانىم ئاخىر تىبەتتنى تاشلاپ سىرتقا كېتىش قارارىغا كەلدى. ۋېسېر خانىم تىبەتنى تاشكاپ كېتىدىغان سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، - ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سىياسەت بەلگىلەيدىغان پارتىيە گۇرۇپپىسىغا "مەن مەڭگۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان تىبەت يازغۇچىسى" دەپ مەۋزۇ قويۇپ بىر پارچە خەت يازدى. ئۇ خېتىدە "مىنىڭ 'تىبەت خاتىرىسى' دېگەن كىتابىم تىبەتنىڭ دىنىنى ۋە رېئاللىقىنى ئىنكاس قىلىدىغان كىتاب. مىنى 'ئۆتكەل' دىن ئۆت دېگەنلىك دىنىي ئىتىقاتتىن كەچ، دىننى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تىلى بىلەن ئىپادىلە، دېگەنلىك. مەن بۇ 'ئۆتكەل'دىن ئۆتمەيمەن. بۇنداق 'ئۆتكەل' دىن ئۆتۈش يازغۇچىنىڭ بۇرچىغا ۋە ۋىجدانىغا خىلاپ. سىلەر ھازىر ماڭا بېرىۋاتقان 'تەربىيە' دىن ھېچقانداق ئۈنۈم چىقمايدۇ. سىلەر ئاۋارە بولماڭلار. مەن 'تىبەتنى تاشلاپ كېتىش' دېگەن يولنى تاللىۋالدىم. جازالانساممۇ ئۆزەمنىڭ ئانا ماكانىم بولغان تىبەتتىن باشقا جايدا - خىتاي يۇرتلىردا جازالىناي. يۇقۇرىدا دېگەن گەپلىرىمگە ئۆزەم جاۋاپكار" دەپ يازغان.

2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، ۋېسېر خانىم كوممۇنىست پارتىيە قوللانغان جازا ئاستىدا تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتىدۇ.-- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - بىرىنچىدى، كوممۇنىست پارتىيە ۋېسېر خانىمنى 'ئۆزلىكىدىن خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلدى' دېگەن نام بىلەن ئاستىدا ئىقتىسادىي كىرىمدىن مەھرۇم قالدۇردى؛ ئىككىنچىدىن، كوممۇنىست پارتىيە ۋېسېر خانىمنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيىنى تارتىۋالدى؛ ئۈچۈنچىدىن داۋالىنىش، پىنسىيە سۇغۇرتىلىرىدىن مەھرۇم قالدۇردى؛ تۆتىنچىدىن، پاسپورت ئېلىشىنى چەكلىدى. پارتىيە ۋېسېر خانىمنى تېخى تۈرمىگە قاماپ قويمىغاندىن باشقا قالغان ھەممە ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇپ بولدى. ئەركىنلىك بار جەمىيەتتە ياشايدىغان پۇخرالار ، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ياشايدىغان كىشىلەرمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە مۇشۇنداق جازا قوللىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ - دەپ ئىزاھات بېرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - خىتايدا ھازىر خەلق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەندىن باشقا بىر نەچچە خىل تەركىپكە بۆلۈنۈپ بولدى، بىر قىسىم كىشىلەر ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ تۈزۈمىگە تايانمايمۇ ئۆزى بىلگەن يولغا مېڭىۋىرىدۇ. ئەمما تىبەتتە ئۇنداق ئەمەس. تىبەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مالىيە جەھەتتىن تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا ھۆكۈمەت تورغا سولىۋالغان بۇ ساھەنىڭ پارچىلىنىشى قىيىن. تىبەتتە دىنى زاتلاردىن باشقا زىيالىلار پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت سېستىمىسىنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاينماي تۇرۇپ 'زىيالى' دېگەن نامنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بۇ "تور"دىن ئايرىلسا ھەتتا جېنىنىمۇ باقالمايدۇ. مەن مۇنداق بىر مەسىلىنىڭ تازا تېگىگە يېتەلمەيۋاتىمەن، - دەپ يازىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - بۇرۇن كوممۇنىزم تۈزۈمىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ، شەرقى ياۋرۇپادا زۇلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ‘سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان زىيالىلارئ پەيدا بولغان ئىدى. ھەتتا خىتايدىمۇ شۇنداق. تىبەتتىمۇ خەلق شۇنداق زۇلۇم ئاستىدا، تىبەت خەلقىگە يەنە دۇنيادىن مەدەت كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ دىنى داھىسىمۇ بار، ئەمما تىبەتتە دىنى ساھەدە ھۆكۈمەتكە قارىتا ئازراق قارشىلىق مەۋجۇت بولىۋاتقاندىن باشقا، قالغان مەدەنىيەت ساھەسى بويىچە ھېچقانداق ‘سىياسى كۆز قارشى ئوخشاش بولمىغان زىيالىلارئ تەبىقىسى شەكىللەنمىدى. چۈنكى زىيالىلار پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ تورىغا كىرىپ قالغان. ئۇلار بۇ توردىن ئايرىلىپ ياشايدىغان بوشلۇققا ئىگە ئەمەس. ئۇلار بۇ تورنىڭ ئىچىدە تۇرمىسا "زىيالى" بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈش ياكى ھايات تۇرىشىنى ھۆكۈمەت بەلگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تىبەت خەلققە بېسىم ئىشلىتىشنىمۇ تىبەتتىكى ھەممە زىيالىنى ‘تورغا سۇلاپ باقىدىغانئ بۇنداق تۈزۈم بىلەن يولغا قۇيىدۇ. ئېنىقكى، كوممۇنىست پارتىيە تىبەت يازغۇچىسى ۋېسېر خانىمغا قوللانغان جازا "بىرنى بۇغۇزلاپ مىڭنى چۇچۇتۇش" دېگەن مەقسەتتە قوللىنىلغان جازا. (داۋامى بار) (ۋەلى)