"تىبەت ئىككى خىل جاھانگىرلىككە دۇچ كەلمەكتە" دېگەن ماقالىنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟ (3)

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى دەستلەپتە "سېرىق ئاپەت" ناملىق بىر كىتاب يېزىپ تۇنۇلغان. ئۇنىڭدىن كىيىن تىبەت مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان "ئاسمان ئىلاھىغا ئاتاپ دەپنە قىلىش" ناملىق كىتابنى يازدى. ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تەتقىق قىلىش يولىدا ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە ئېلىنغان كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن "شىنجاڭ خاتىرىسى" دېگەن كىتابنى يازدى. ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنى بەزى ئوبزورچىلار ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايدىن قورقىدىغان قىلىش مەقسىتىدە ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى دەپمۇ قارايدۇ.

- زامانىمىزدا جاھانگىرلىك سىياسىي ۋە ھەربىي تۈس ئالغانلا جاھانگىرلىك ئەمەس، ئازغىنە ھوقۇقدارنىڭ خاھىشى بىلەن چەكلىنىدىغان مەسلەكمۇ ئەمەس. زامانىمىزدىكى جاھانگىرلىك بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتە، جاھانگىر دۆلەتنىڭ پۇخرالىرىمۇ قاتناشقان مەدەنىئىيەت كېڭەيمىچىلىكىنى يۈرگۈزۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىپادىلىنىدۇ - دەپ داۋاملىق بايان قىلىدۇ ئەركىن يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى بېيجىڭدە ئۆزىنىڭ تورالغۇسىدا يېزىپ ئېلان قلغان "تىبەت ئىككى خىل جاھانگىرلىككە دۇچ كەلمەكتە" ناملىق تەتقىقات ماقالىسدا - مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاقىۋىتى تېخىمۇ يامان. ئەگەر جاھانگىرلىك سىياسىي جەھەتتە گۇمران بولسا، ئۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە پەيدا قىلغان تەسىرى ئۇنداق تىز سۈرئەتتە ئۆزگۈرۈپ سەھنىدىن چۈشمەيدۇ، بەلكى جاھانگىرلىك مۇستەملىكە قىلغان جايلاردا داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى مەدەنىيەت جاھانگىلىكى ئۇ جايدا يەرلىك خەلق ئالدىدا "ھەممىدىن ئالى" ۋە "مەغرۇر" قىياپەت بىلەن تىكلەنگەن.

رۇخسەتسىز كىرىشكە بولمايدىغان باغچا

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى تىبەتتە پەيدا بولغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى چوڭ پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ ماقالىسىنى مۇنداق بايانلار بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ، - گوڭگا ئايرىدىرومىدىن لاساغىچە بولغان ئارىلىقتىكى چۇقۇي ناھىيىسىدە "تىبەتكە ياردەم بېرىش" دەپ ئاتىلىدىغان بىر چوڭ قۇرۇلۇش داۋاملاشماقتا. بۇ ناھىيىدە خىتايچە "تەيجۇ مەيدانى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش پەيدا بولدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەركىزىدە بىر ھەيۋەتلىك قۇرۇلمىغا ناھايىتى چوڭ پولات شار ئورنىتىلغان. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى كۆپ يەر-زىمىننى ئىگىلىۋالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە راۋاقلار، تاش كۆۋرۈكلەر، سۈنئى ئېقىنلار بار. ئۇنىڭدىكى چىمەنلىكلەر پولات چىۋىق بىلەن ئاھاتىلانغان. تاملاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى داھىلىئىرنىڭ رەسىملىرى بار. ئەمما بۇ ھەشەمەتلىك باغچا ھەممە پۇقرا كىرىپ تاماشە قىلىپ ھۇزۇرلىنالايدىغان جاي ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئىچىگە رۇخسەتسىز كىرمەسلىك كېرەك دەپ كىملەرگىدۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن تاختىلار ئېسىپ قويۇلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي خىتاي پوسۇنىدا. بۇنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بۇ قۇرۇلۇش ئۆزىنى ئىنتايىن باي، ھاكاۋۇر بىر تەبىقىگە مەنسۇپ مۈلك ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ جاھانگىرچە ھەشەمتلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىدا ئەتراپىدىكى يەرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ناچار ۋە قالاق بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بۇندا چوڭ پەرقىنى پەيدا قىلىش نىمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ بۇ جايدىكى ھاكاۋۇر مەدەنىيەت يەرلىك مەدەنىيەتلەرنى قىلچە كۆزىگە ئىلمەيدۇ. بۇ ئۇچۇق - ئاشكارا ھالدا داۋاملاشتۇرىلىۋاتقان مەدەنىيەت تىجاۋۇزچىلىقى ئىدى.

كىملەر ھورۇن، كىملەر ئىشچان؟

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى تىبەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تەسۋىرلەپ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: - تىبەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى يەرلىك خەلق ئالدىدا ئىنتايىن ھاكاۋۇر. ئۇلار يەرلىك خەلقنى ھۇرۇن، مۇتەئەسسىپ، مەدەنىيەتسىز، ساپاسى تۆۋەن، پەن - ئىلىمدىن خەۋەرسىز، سودا-تىجارەت ۋە بازار ئىگىلىكى دېگەننى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر دەپ كەمسىتىدۇ. ئۇلار ھەتتا ھېچبىر تەپ تارتماستىن تۇرۇپ قانداق مەجبۇرىي ۋاستىلارنى قوللىنىپ يەرلىك خەلقنى جازالاپ ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ پەخىرلىنىدۇ. تىبەتكە كەلگەن ئادەتتىكى خىتايلارمۇ ئۆزلىرىنى تىبەتلىكلەرگە قارىغاندا "ئالى سورتلۇق ئادەم" دەپ قارايدۇ. "تىبەتكە ياردەم بېرىش" دېگەن ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تىبەت ئاپتونوم رايۇنلۇق يېز ئىگىلىك سېستىمىسىنىڭ بىر خىتاي خادىمى ئۆزى تارتقان بىر مۇنچە رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، بۇ ئارقىلىق تىبەت خەلقنىڭ نەقەدەر "ھۇرۇن" ئىكەنلىكىنى، مېڭىسىدە "ئەقىل" ئالامەتلىرى يوقلىقىنى "ئىسپاتلاش" قا ئۇرۇندى. بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر تۇڭگان پروفېسسورىمۇ بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئامېرىكىغا كېلىپ، تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر "ھورۇن" ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا نامرات قالغانلىقىنى، ئەمما ئۇ جايغا بارغان خىتايلارنىڭ بولسا نەقەدەر "ئىشچان" ئىكەنلىكى ئىسپاتلاش ئۈچۈن "ئىلمىي دوكلات" بەرگەن ئىدى - ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ، - ئۇزۇن يىللاردىن بىرى دالاي لامانىڭ تىبەتكە كىرىشىنى، ئۆز خەلقى بىلەن كۈرۈشىشىنى چەكلىگەنلىكنىڭ ئۆزىلا دەل جاھانگىرلىكنىڭ تىپىك ئىپادىسى . تىبەتتە ھەر قانداق بىر يەرلىك يازغۇچىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە بەلگىلىگەن نەرسىدىن باشقا ئۆزى ئەمىلىيەتتە ھېس قىلغان، ئىلھاملانغان نەرسىنى يېزىش ھوقۇقى يوق. تىبەت مەدەنىيىتى تىبەتنىڭ ئۆزىدە پەقەت "دىكراتسىيە بۇيۇمى" بولۇپ قالغان، خالاس.

- ئەنگىلىيىدە تۇرىۋاتقان تىبەت مۇتەخەسسىسى سىرېن شاگا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى، - دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ قىلىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - "چۆمۈلىنىڭ پىلنى كۆتۈرۈشى" شۇ قەدەر تەس، خىتاي زىيالىلىرىنى تىبەتنى راستچىللىق بىلەن چۈشۈنۈشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۇنىڭدىنمۇ تەس. خىتاي زىيالىلىرىدا تىبەتنى توغرا چۈشىنىدىغان قابىلەت، كۆز قارش ياكى ۋىجدان يوق. مەيلى ئۇلار كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بولسۇن ياكى ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدىغان "دېموكراتچى" لار بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت بىلەن سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن جازاغا ئۇچراۋاتقان ئەربابلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىبەت مەسىلىسىگە كەلگەندە ئوخشاش. ئۇلارنىڭ تىبەتكە بولغان كۆز قارىشى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تىبەتكە قاراتقان ئۆچمەنلىكى بىلەن ئوخشاش. ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىمۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يالغان سەپسەتىلىرىنىڭ دائىرىسىدىن چىقالمايدۇ، - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - مەن ئۆزەممۇ بۇ چەكلىمىدىن تۇلۇق چىقىپ كېتەلمىگەن. تىبەت مۇتەخەسسىسى سىرېن شاگا بۇ سۆزنى ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن ئېيتتى. (ۋەلى)