"تىبەت ئىككى خىل جاھانگىرلىككە دۇچ كەلمەكتە" دېگەن ماقالىنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟ (4)
2005.03.28
ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى دەستلەپتە "سېرىق ئاپەت" ناملىق بىر كىتاب يېزىپ تونۇلغان. ئۇنىڭدىن كىيىن تىبەت مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان "ئاسمان ئىلاھىغا ئاتاپ دەپنە قىلىش" ناملىق كىتابنى يازدى. ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تەتقىق قىلىش يولىدا ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە ئېلىنغان كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن "شىنجاڭ خاتىرىسى" دېگەن كىتابنى يازدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنى رىئال مەسىلىلەرنى ئەينەن يازسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتاينى ناھايىتى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتايدىكى ئازاسانلىق مىللەتلەرنى، ئەتراپتىكى كىچىك دۆلەتلەرنى خىتايدىن قورقىدىغان قىلىش مەقسىتىدە ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى، مۇشۇ ماقالىدىمۇ، كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن پۈتۈن خىتاي زىيالىلىرىنى ئاز سانلىق مىللەت مەسىلىسىگە كەلگەندە ئورتاق كۆز قاراشتا ئۇيۇشقان بىر قورقۇنچلۇق كۈچ دەپ كۆرسەتكەنلىكى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دېدى.
خىتاي زىيالىلىرىنى تىبەتنى چۈشىنىدىغان قىلىش، چۆمۈلىنىڭ پىلنى كۈتۈرۈشىدىنمۇ تەس
- ئەنگىلىيىدە تۇرىۋاتقان تىبەت مۇتەخەسسىسى سىرېن شاگا خىتاي زىيالىلىرى ھەققىدە توختالغاندا "چۆمۈلىنىڭ پىلنى كۆتۈرۈشى" شۇ قەدەر تەس، خىتاي زىيالىلىرىنى تىبەتنى راستچىللىق بىلەن چۈشىنىدىغان قىلىش ئۇنىڭدىنمۇ تەس. خىتاي زىيالىلىرىدا تىبەتنى توغرا چۈشىنىدىغان قابىلىيەت، كۆز قاراش، ۋىجدان دېگەن نەرسە يوق، دەپ يازغان ئىدى - دەپ داۋاملىق بايان قىلىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - مەيلى ئۇلار كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بولسۇن ياكى ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدىغان "دېموكراتىچى" لار بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت بىلەن سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئەربابلار بولسۇن، تىبەت ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن ئوخشاش. ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىمۇ مۇستەملىكىچىلەر توقۇپ چىققان يالغان تارىخنى ئاساس قىلغان - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - مەن ئۆزەممۇ بۇ چەكلىمىدىن تولۇق چىقىپ كېتەلمىگەن. تىبەت مۇتەخەسسىسى سىرېن شاگا بۇ سۆزنى گەرچە غەزەپلەنگەندە ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما مىنىڭ قارىشىمچە، مىللىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان خىتاي دىموكراتچىلىرى ئىچىدە مەدەنىيەت جاھانگىرىچە چۈشەنچە بار. ئۇلار دىموكراتىيە توغرىسىدا سۆزلىگەندە ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىنىڭ مىللەت جەھەتتە "ئالىي" ئىكەنلىكىنى ۋە ھاكاۋۇرلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. ئۆزىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالدىدا "ئادىل سوتچى" ئورنىغا قويىۋالىدۇ. يەرلىك خەلقلەرنى بولسا دىموكراتىيە ئۈچۈن خىتايلارغا ئەگىشىپ مېڭىشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۇلارنى چەكلەيدۇ.
خىتايدا مىللىي زۇلۇم مەۋجۇت ھەممە مىللەتكە ئوخشاش ئەمەس
خىتاي زىيالىيلىرى ئەمەلىي پاكىتلارغا ھۈرمەت قىلمايدۇ، - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى تەھلىلىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - خىتايدا مىللىي زۇلۇم مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلار خىتاي خەلقىمۇ مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا ئېزىلىۋائىتدۇ، دەپ سەۋەپ كۆرسىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشىنى قايرىپ قويۇپ، خىتايلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ، خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ. - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت تۈزۈم ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە سېلىۋاتقان مىللىي زۇلۇمنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ. ھەممە مىللەتكە ئوخشاش ئەمەس. "كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىنى جازالايلى" ، " ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتنىڭ سېكرىتارىغا سۇئال" دېگەندەك ماقالىلەرنى خىتاي زىيالىلىرىلا يېزىپ ئېلان قىلالايدۇ. ئەمما خىتايلار يېزىشقا جۈئەت قىلغانغا ئاز سانلىق مىللەتتىن بىرەرسى جۈرئەت قىلسا، ئۇ بىۋاستە تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن بىرسى "كەپتەر" دەپ شىر يازسا تۈرمىگە ئالغان. تىبەت يازغۇچىسى ۋېسېر خانىم كىتابىدا دالاي لاماغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۇنى جازالاپ ھەممە ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلىك مىللەتلەرنى ئېزىشكە قاتنىشىدۇ
- مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - مۇستەبىت ھۆكۈمەت ھەممە مىللەتكە ئوخشاش زۇلۇم سالىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈۋاتقان "خىتاي دېموكراتچىلىرى" دا، ئەمەلىيەتتە، كەلگۈسىدە خىتاي دېموكراتىيىلەشكەندە، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇستەقىللىق يولىغا ماڭىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۇرۇش قوزغاش كېرەك، دەيدىغان ئورتاق كۆز قاراش بار. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا ئىزىلىۋاتىدۇدېيىلىۋاتقان ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى بارغانلىقى باشقا مىللەت رايۇنلىئىرىدا جاھانگىرلىكنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئېزىشىگە بىۋاستە قاتنىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئىچكىرىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى جاھانگىرلىكنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا بىۋاستە قاتنىشىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا باستۇرۇشتا ئىنتايىن ئاكتىپ. بەزىلىرى بولسا ئۆزىچە "مەسىلىلەرگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان" قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، بۇ رايوندا مىللىي خۇسۇسىيەتلەرنى تەكىتلىمەي "ئورتاق" لىقنى تەكىتلەش كېرەك، ئۇنداق بولمىسا دەھشەتلىك مىللىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ، دەپ چۇقان سالىدۇ.
جاھانگىرلىك مەدەنىيىتى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بار
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئادىللىق بىلەن يولغا قويۇلغان ئەمەس، - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - ئۇ جايدا يەنىلا جاھانگىرلىك مەدەنىيىتى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بار. بۇ جەھەتتە پەرق ناھايىتى چوڭ. چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكى ئاساسى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان بۇ جايدا ئادالەت مەۋجۇت ئەمەس. يەرلىك مىللەت مەھكۇملىققا يۈزلەنگەن. بۇ رايۇندا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتىۋالغان خىتاي مىللىتى بىلەن يەرلىك مىللەت ئوتتۇرىسىدا سان جەھەتتە چوڭ پەرق پەيدا بولماقتا. يەرلىك مىللەت بارغانسىرى ھوقۇقسىزلىققا، مەدەنىيەتلىرى يوقۇتىلىشقا يۈزلەنمەكتە. يەرلىك مىللەتنىڭ ھەتتا قارشىلىق ئىپادىلەيدىغان تىل - يېزىقىمۇ يوق. زامانىمىزدىكى مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىنىڭ ئالامەتلىرى شۇكى، - دەپ داۋاملىق بايان قىلىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - ئەگەر جاھانگىرلىك دېموكراتىيە شەكلى بىلەن جەمىيەتتە ئاساسى ئېقىمغا ياكى كۆپ سانلىققا ئىگە بولىۋالسىلا، يەرلىك خەلققە سىياسى بېسىم ئىشلىتىش ياكى زوراۋانلىق قىلىپ زۇلۇم سېلىش ھاجەت ئەمەس. جاھانگىر مىللەت ئۆزىنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلىكى بىلەن، "دېموكراتىيە" دېگەن نام ئاستىدا ھېچقانداق سىياسى زولۇم ياكى تۇقۇنۇش پەيدا قىلمايلا يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىئىتنى سىقىپ چىقىرىپ يوق قىلىۋېتىدۇ.(داۋامى بار) (ۋەلى)