"تىبەت ئىككى خىل جاھانگىرلىككە دۇچ كەلمەكتە" دېگەن ماقالىنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟ (5)

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى دەستلەپتە "سېرىق ئاپەت" ناملىق بىر كىتاپ يېزىپ تۇنۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن تىبەت مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان "ئاسمان ئىلاھىغا ئاتاپ دەفن قىلىش" ناملىق كىتاپنى يازدى. ئۇنىڭدىن كىيىن بولسا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تەتقىق قىلىش يولىدا ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە ئېلىنغان كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن "شىنجاڭ خاتىرىسى" دېگەن كىتاپنى يازدى. بەزى ئوبزورچىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇلاھىزىچىلىرى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنى رىئال مەسىلىلەرنى ئەينەن يازسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتاينى ناھايىتى كۇچلۇق ھەم قورقۇنۇشلۇق قىلىپ كۆرسۈتۈش ئارقىلىق خىتايدىكى ئازاسانلىق مىللەتلەرنى، ئەتراپتىكى كىچىك دۆلەتلەرنى خىتايدىن قورقىئىدىغان قىلىش مەقسىتىدە ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى دەپمۇ قارايدۇ.

خىتايچە يېزىپ، خىتايغا ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش مۇھىممۇ؟

- يەرلىك مىللەت مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۆزى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى "تىبەت ئىككى خىل جاھانگىرلىككە دۇچ كەلمەكتە" دېگەن ماقالىسىدا. - مىللىي مەدەنىئەيەتنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى مۇستەقىل بولۇپ مىللىي دۆلەت قۇرۇش، ئەلۋەتتە. ئەمما مۇستەقىللىق ئۈچۈن ناھايىتى يۇقۇرى بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ مىللەت كۈچى جەھەتتە ناھايىتى چوڭ پەرق بار ئەھۋال ئاستىدا شۇنداق - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى - ئەگەر يەرلىك مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداشنىلا مەقسەت قىلسا، ئۇلار پۈتۈن خىتاي مىللىتىدىكى جاھانگىرلىك خاھىشىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۆز مەدەنىيىئىتنى، ئۆز ئارزۇلىرىنى خىتاي مىللىتىگە خىتايچە تىل - يېزىقتا چۈشەندۈرۈشكە، مۇۋاپىق قانۇن -تۈزۈم تىكلەپ جاھانگىرلىك ئالامەلىرىگە خاتىمە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، ئاجىز مىللەتنىڭ ئۆز ئارزۇلىئىرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللىنىشى مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىگە ھېچبىر تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. تارىختا مانجۇرلار پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنى ئىشغال قىلالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ھەتتا پۈتۈن مىللىتى يەنىلا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ تۈگىگەن ئىدى - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى. ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى بۇ ماقالىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايچىنى ياخشى ئۆگىنىپ، خىتايچە تىل - يېزىقنى قوللىنىپ، خىتايچە ئەسەر يېزىپ ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى خىتايلارغا چۈشەندۈرىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى ئاساسى ئورۇنغا قويغان. - ھازىر تىبەتتە خىتاي تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان زىيالىلار قۇشۇنى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى - دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - بۇنداق زىيالىلار ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش ئۈچۈن چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۇئەن، يۈننەن ئۆلكىلىرىگە تەۋە قىلىۋەتكەن تىبەت رايۇنلىرىدا تۇغۇلۇپ خىتايلىشىپ چوڭ بولغان زىيالىلار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساپ تىبەت قېنىدىنمۇ ئەمەس.بەزىلىرى ھەتتا تىبەت تىلىنىمۇ بىلمەيدۇ. ۋېسېر خانىم شۇلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئەڭ بۇرۇن تىبەتكە كىرگەن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. تىبەتتە كىشىلەر خىتايچە ئەسەر يازىدىغان بۇنداق زىيالىلارنى "جاھانگىرلىك يېتىشتۈرگەن يازغۇچىلار" دەپمۇ ئاتايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ تىبەتنى خىتايلارغا، دۇنياغا تۇنۇتۇش جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى ئالاھىدە بولدى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىئىتنى دۇنياغا تۇنۇتۇش جەھەتتە بۇلارچىلىك ئىش قىلالمىدى.

ئۇيغۇرلاردا خىتايچە ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار چىقمىدى

- بۇنىڭدىن 20 - 30 يىل بۇرۇن، خىتايلار تىبەتلىكلەرنى ئادەمنى تىرىك تۇرغۇزۇپ تېرىسىنى سويىدىغان، كۆزىنى ئۇيۇپ تاشلايدىغان "قالاق"، "ياۋۇز" خەلق دەپ چۈشىنەتتى. - دەپ خىتايچە تىل - يېزىقتا ئەسەر يازىدىغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ھەققىدىكى تەھلىلىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - ھازىر ئۇنداق چۈشەنمەيدۇ. تىبەت يازغۇچىلىرى، ھەتتا تىبەتتىكى دىنى زاتلارمۇ خىتاي تىلىدا ئەسەر يېزىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى خىتايلارغا كۆپ تۇنۇتتى. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ئۇلارچىلىك قىلالمىدى. 60 - -70 يىللاردا ئۇيغۇرچە تىل - يېزىق ئۆزگەتىش يولغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىغا نۇرغۇن خىتايچە ئاتالغۇ كىرگەن ئىدى. ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭغا قارىتا جىددى قارشىلىق داۋام قىلدى. ھەتتا ھازىر تۈرمىلەردىمۇ، ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى خىتايچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ سالسا، ئۇنى قاتتىق مەسخىرە قىلىدۇ. 80 - يىللاردا خىتايچە كىتاپلاردا ئىسلام دىنىغا زىت كېلىدىغان ئىبارىلار بولغانلىقى سەۋەپتىن ئۈرۈمچىدە بىر چوڭ نامايىش بولغان ئىدى. مۇشۇنداق قارشىلىق ھېسسىيات تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، ئۇيغۇرلاردا خىتايچە ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار چىقمىدى. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالدى. بىر ھېساپتا، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيدۇ دېسىمۇ بولىدۇ. - دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى دۇنياغا تۇنۇتۇشتا خىتايچە ئەسەريېزىش شەكلىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، - تارىختا ‘جاھاننى ئالغان باتۇر" دەپ ئاتالغان چىنگىزخان ئالدىدا تىبەت يېڭىلمىگەن ، بەلكى چىنگىزخاننىڭ پۈتۈن مىللىتى تىبەتنىڭ دىنىنى قۇبۇل قىلغان . تىبەتلىكلەرنىڭ "پاختا بىلەن تاشنى تېشەلەيدىغان" بۇنداق روھىدىن ئىلھام ئېلىش كېرەك. (داۋامى بار). (ۋەلى)