ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى دەسلەپتە "سېرىق ئاپەت" ناملىق بىر كىتاب يېزىپ تونۇلغان. ئۇنىڭدىن كىيىن تىبەت مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان "ئاسمان ئىلاھىغا ئاتاپ دەپنە قىلىش" ناملىق كىتابنى يازدى. ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تەتقىق قىلىش يولىدا ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە ئېلىنغان كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن "شىنجاڭ خاتىرىسى" دېگەن كىتابنى يازدى. بەزى ئوبزورچىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇلاھىزىچىلىرى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنى رېئال مەسىلىلەرنى ئەينەن يازسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتاينى ناھايىتى كۇچلۇق ھەم قورقۇنچلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، ئەتراپتىكى كىچىك دۆلەتلەرنى خىتايدىن قورقىئىدىغان قىلىش مەقسىتىدە ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى دەپمۇ قارايدۇ.
ۋېسېر خانىمنىڭ تىبەتچە ھېسياتى دىنىي ئېتىقاتتىن كەلگەن
- تىبەتتە خىتايچە تىل - يېزىقتا ئەسەر يازىدىغان زىيالىيلاردا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە بار، - دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - ئۇلار خىتايچە تىل -يېزىقتا ئەسەر يازالايدىغان يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تىبەتچە تىل - يېزىقنى ياخشى بىلمەيدۇ. بۇنى مۇستەملىكىچىلىك مائارىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋېسېر خانىم مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا سىچۇئەندە تىبەت تىلىدا ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەر يوق قىلىنغان شارائىتتا خىتايچە ئوقۇپ، پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئەسەر يازىدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇ، ئادەتتە باشقا تىبەتلىكلەر بىلەن تىبەتچە ئەمەس، بەلكى، دەل شۇ مۇستەملىكە شارائىتىدا ئۆگەنگەن خىتاي تىلىدا سۆزلىشىپ ھېسىيات ئالماشتۇراتتى. دۆلەت سىرتىدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ بۇنداق زىيالىيلارغا قارىتا كۆز قارىشى باشقىچە. ئۇلار ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىنىمۇ بىلمىگەن ئادەمدە قانداق قىلىپ مىللىي ھېسىيات بولىدۇ ۋە ياكى ئۇ قانداق قىلىپ تىبەت مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ؟ تىبەتكە ئاسىيلىق قىلىدىغانلار مۇشۇنداق كىشىلەردىن چىقىدۇ، دەپ قارايتتى. ئەمما ۋېسېر خانىم ئۆزى تىبەتچە لاما دىنىغا چۇڭقۇر ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ تىبەتچە ھېسياتى دىنىي ئېتىقاتتىن كەلگەن. ۋېسېر خانىم بۇ نوقتىنى تىبەت مەدەنىيىتىنى خىتايچە تىل - يېزىقتا تۇنۇشتۇرىدىغان ئەسەر يېزىش ئارقىلىق تۇلۇق ئىسپاتلىدى.
سىياسى ئارزۇنى ئىپادىلەشنىڭ ئىككى خىل شەكلى
مىللەتچىلىك شەكلى بىلەن سىياسىي ئارزۇلارنى ئىپادىلىسە، ئۇنىڭدىن ئوڭايلا توقۇنۇش، قارشىلىق، ھېساب ئېلىش ھەرىكىتى كېلىپ چىقىدۇ، - دەپ تەھلىلىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، -ئەمما ئۇنى مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان قىزغىن سۆيگۈ ئارقىلىق ئىپادىلىسە، ئۇنى قارشى تەرەپمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. تىبەت مەدەنىيىتى ئاساسەن دىنىي يازمىلار ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغان. ۋېسېر خانىم گەرچە تىبەتچە تىل -يېزىقنى قوغداش ئۈچۈن، خۇددى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي تىل - يېزىق ۋە مەدەنىيىتىنى جان تىكىپ قوغداۋاتقاندەك ھەرىكەت قوللانمىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۆزى تىبەتچە يازمىلاردىن بىۋاستە پايدىلىنالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ تىبەتنىڭ لاما دىنىغا چۇڭقۇر ئېتىقات قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا، تىبەت مەدەنىيىتىنى ئۆزىنىڭ بىردىن -بىر مەدەنىيىتى دەپ بىلگەن. شۇڭلاشقا ئۇ يازغان ئەسەرلىرىدە، ئۆزىنىڭ دەل تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭ خىتاي تىلىدا يازغان ئەسەرلىرىمۇ خىتايلار ئارىسىدا بىۋاستە تەسىر قوزغىيالىدى.
خالىسانە پاراڭ ۋە ئۇچۇق ئىپادە
- ھۆكۈمەت تىبەتتە مۇقىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە داۋاملاشماقتا، دەۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، تىبەتلىكلەر ئارىسىدا " خالىسانە پاراڭ" داۋاملىشىۋاتاتتى، - دەپ تەھلىلىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - ھەتتا قاتتىق باستۇرىلىۋاتقاندىمۇ، خەلق يەنىلا ئۆز- ئارا "خالىسانە پاراڭ"لىشىش ئارقىلىق بىر - بىرى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ. خىتايلار ئۇنى ھەرگىز ئاڭلىيالمايدۇ. خىتايلار ئادەتتە تىبەتنى ھۆكۈمەتنىڭ "رەڭلىك كۆز ئەينەك" بىلەن كۆزەتكەن خەۋەرلىرى ۋە تەشۋىقاتى ئارقىلىقلا "ئەزەلدىن تارتىپ خىتايدىن پەرقلەنمەيدۇ" دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە توقۇنۇش مەۋجۇت. خىتايلارنىڭ سۇ ئۈزۈش ماھىرى جاڭ جەنزېڭ چىڭخەي كۆلىدە سۇ ئۈزۈش ماھارىتىنى كۆرسەتكەندە، تىبەتلەر بۇ ئىشقا كۆڭلىدە قاتتىق نارازى بولدى. چۈنكى تىبەتلەر بۇ كۆلنى "ئىلاھى كۆل" دەپ قارايتتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ "خالىس پاراڭ" لىرىدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىنتېرنېت تورلىرىدا بىۋاستە خىتاي تىلىدا ئىپادىلىگەندىن كېيىن، خىتايلارنىڭ يەنە بىر سۇ ئۈزۈش ماھىرى تىبەتتىكى "نامسو كۆلى" دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئىلاھى كۆلدىن سۇ ئۈزۈپ ئۆتۈش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. يەنە بىر خىتاي غەزەلچىسىمۇ تىبەتتىكى بودالا سارىيىنىڭ ئۈستىگە پاراشۇتتىن سەكرەپ چۈشۈش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ، تىبەتلەرنىڭ ھېسياتىنى ئۆزلىرى دادىللىق بىلەن ئۇچۇق ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
ۋېسېر خانىم ھىسياتىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ ئېغىر بەدەل تۆلىدى
- ۋېسېر خانىم ھىسياتىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، - دەپ تەھلىلىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، - ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازى سىرتقا يىراق - يىراق جايلارغىچە ئاڭلاندى. ئۇنىڭ ئاۋازى بىكارغا كەتمىدى. ھازىر دۇنيادا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش زۆرۈر بولغان مىللەتلەردە ھۆكۈمەت بىلەن سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر قوشۇنى بار. تىبەتتە بۇنداق قوشۇن شەكىللىنىشكە يەنە خېلى يىراق. ھۆكۈمەت جەمىيەتتىكى پۈتۈن ئۇچۇر تورلىرنى قامال قىلىۋېلىپ، خەلقنى "ئاغزىنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇش"قا مەجبۇرلايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ماقۇل دەپ ئاغزىنى يۇمۇپ تۇرىۋەرسە، نېمە دەردى بارلىقىنى كىم بىلىدۇ. ھۆكۈمەت دۇنياغا بۇ جاي تۇراقلىق، خەلقى بەخىتلىك دەپ تەشۋىق قىلىۋىرىدۇ، شۇ. ئۇزۇن يىللارغىچە ئاغزىنى يۇمۇپ تۇرىۋەرمەي، ھېسياتنى دادىل ئىپادىلەش كېرەك. (داۋامى بار) (ۋەلى)