جاڭ زېمىننىڭ ئەسلىي قىياپىتى (7)

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "جاڭ زېمىننىڭ بېيجىڭ شەھىرىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ "ئىككىنجى ئەۋلاد ھوقۇق يادروسى" دېڭ شاۋپىڭ جاڭ زېمىنگە ھوقۇق ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ دېڭ شاۋپىڭنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن، جاڭ زېمىن ئومۇميۈزلۈك ھوقۇق ئىگىلەشكە كىرىشكەن.

جاڭ زېمىننىڭ بېيجىڭ شەھىرىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى

دېڭ شاۋپىڭنىڭ قەتئىي ھىمايىچىلىرىدىن بولغان ياڭ فامىلىلىك گېنىراللار 14 - قۇرۇلتايدا ھەربىي سەپتىن تازىلاپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جاڭ زېمىن ھەربىي قىسىملار ئۆزىنىڭ قوماندىسىغا بوي سۇنماي قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، كوممۇنىست قېرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ غېمىنىلا قېلىشقا باشلىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەربىي قىسىملارغا ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى كىرگۈزۈشكە، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنى كونترول قىلىشقا باشلىغان.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 1966 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" باشلىنىشتىن بۇرۇن، ماۋ زېدوڭ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نى قوزغاش ئۈچۈن ياۋ ۋېنيۇئەنگە يازدۇرغان "خەيرۇينىڭ مەنسەپتىن قالدۇرۇلىشى" دېگەن ماقالىنى پېڭ جېننىڭ رەھبەرلىكىدىكى بېيجىڭ شەھىرىدە ئېلان قىلغۇزالماي، ئاخىرى شۇ ماقالىنى شاڭخەيدە ئېلان قىلغۇزۇپ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نى باشلىغاندىن كېيىنلا، ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى پېڭ جېن بىلەن مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى لۇ دىڭيىنى مەنسىپىدىن قالدۇرۇپ بېيجىڭنى كونترول قىلغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن جاڭ زېمىنمۇ بۇ قېتىم ئالدى بىلەن بېيجىڭنى ئىشغال قىلىشقا جىددى تۇتۇش قىلغان.

جاڭ زېمىننىڭ چېن شىتوڭنى مەسەپتىن چۈشۈرۈشى

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "جاڭ زېمىننىڭ بېيجىڭ شەھىرىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، دېڭ شاۋپىڭ داۋاملىق تۈردە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ زېمىن ئىسلاھاتچىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىغان.

دېڭ شاۋپىڭ 1992 - يىلى پايتەخت پولات زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغاندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن شىتوڭنى "ئىسلاھاتچى" دەپ ئاتىغان. دېڭ شاۋپىڭ شۇ ۋاقىتتا يەنە "مىنىڭ گېپىمىنى ھازىر بەزىلەر ئاڭلايدۇ، بەزىلەر ئاڭلىمايۋاتىدۇ، مەركىزىي كومىتېتتىمۇ ئاڭلىمايۋاتقان ئادەم بار. ئەمدى كىم ئىسلاھاتنى يولغا قويمىسا، مەنسەپتىن چۈشۈرىۋىتىلىدۇ" دەپ جاكارلىغان. دېڭ شاۋپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرىنى "بېيجىڭ گېزىتى" ناھايىتى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلغان. جاڭ زېمىن شۇنىڭدىن باشلاپ چېن شىتوڭنى قارىغا ئالغان.

جاڭ زېمىننىڭ بېيجىڭ شەھىرىنى كونترول قىلىشنى تىزلىتىشىگە سەۋەپچى بولغان يەنە بىر ۋەقە بار. ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىنلا "تىنچ ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش" دېگەن نام بىلەن جاۋ زىياڭ تەرەپدارلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاشقا كىرىشكەن. بۇچاغدا، " 4 - ئىيۇن ۋەقەسى" دىن كېيىن ئاغدۇرۇۋىتىلگەن دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ۋەن لى بىلەن جاۋ زىياڭنىڭ قوللىغۇچىلرىئىدن بولغان خۇ چىلىغا، بېيجىڭنىڭ شەھەر باشلىقى چېن شىتوڭ پايتەخت مېھمانخانىسىدا بىر سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەن. ياپونىيە مۇخبىرلىرى بۇنداق بىر سۆھبەتنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىۋەتكەن. جاڭ زېمىن شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ "ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى" ئارقىلىق بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ھامان، چېن شىتوڭنى تىز يىقىتىشقا بەل باغلىغان. چېن شىتوڭمۇ، دېڭ شاۋپىڭ ھايات ۋاقىتىدا جاڭ زېمىننى يىقىتىشقا كىرىشىپ، 1995 - يىلى 7 نەپەر ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە دېڭ شاۋپىڭغا خەت يېزىپ جاڭ زېمىننى پاش قىلغان. دېڭ شاۋپىڭ بۇ خەتنى جاڭ زېمىننى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسەتكەن بو يىبوغا بەرگەن. بو يىبو ئۆزىنىڭ ئوغلى بو شىلەينى سىياسىي سەھنىگە چىقىرىش ئۈچۈن جاڭ زېمىننى قوغداپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جاڭ زېمىن "چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش" شۇئارىدىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن چېن شىتوڭنى يىقىتىشنى تىزلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بو يىبونىڭ ئوغلى بوشىلەينىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈرۈشنى تىزلەتكەن.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن بويىبونىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە، چېن شىتوڭنى يىقىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلغان. بۇ جەرياندا، ئالدى بىلەن پايتەخت پولات زاۋۇتىنىڭ دائىرىسىدكى 5 چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باشلىقى جۇ گۇئەنۋۇ توساتتىن تۈرمىگە ئېلىنغان. ئۇنىڭ كەينىدىنلا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ باۋسېن خۇئەيرۇسەن ناھىيىسىدە ئۆلگەن. ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى، دەپ خەۋەر قىلغان. ساقچىلار ۋاڭ باۋسېننىڭ ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ دوكلات قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن شىتوڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغىچە، دېڭ شاۋپىڭمۇ جاڭ زېمىن مەسىلىسىنى قايتا - قايتا ئويلىنىپ بىر قارارغا كېلىپ بولغىچە، شىخۇئا ئاگېنتلىقى 1998 - يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى "چېن شىتوڭ 1991 - يىلىدىن 94 - يىلىغىچە جەمئىي 22 قېتىم سوۋغات قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 8 دانە ئالتۇن - كۈمۈش بۇيۇملىرى، 6 دانە ئالى دەرىجىلىك قول سائىتى، 4 دانە قەلەم، 3 دانە فوتو ئاپپاراتى بار، قىممىتى 550 مىڭ يۇئەن" دەپ خەۋەر تارقاتقان. شۇنىڭدىن كېيىنلا، چېن شىتوڭغا 13 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلىنغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)