"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىننىڭ ئېتىقاد ۋە روھى كۈچ دېگەننى چۈشۈنىشى ھېلىمۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "سىنىپىي كۈرەش" دېگەن ئىپتىدائىي نەزىرىيىسى ئاساسىدىكى خاتا چۈشەنچە بولغاچقا، ئۇ ھازىرقى زاماندىمۇ، خەلق ئىچىدىكى نورمال ئېتىقاد ۋە مەنىۋى پائالىيەتلەرگە قارىتا يەنىلا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش، قىيناپ ئۆلتۈرۈش، يالغانچىلىق -تۆھمەت قىلىش، مىڭىسىنى يۇيۇش، تەقىپ ئاستىغا ئېلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جازالاش قاتارلىق ياۋۇزلۇق ۋاستىلىرىنى قوللانغان.
جاڭ زېمىننىڭ خەلقنى باستۇرۇش ھەققىدىكى 4 ماددىلىق يوليورۇقى
جاڭ زېمىن خەلق ئىچىدىكى ئېتىقات مەسىلىلىرىنى سەل چاغلاپ، فالۇنگوڭنى باستۇرۇش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ بارا - بارا تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانسىرى ئۇنى ۋەھىمە باسقان. ۋەھىمە باسقانسىرى، ئۇ ياۋۇزلۇق ئارقىلىق بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا يولغا يۈزلەنگەن.
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، فالۇنگوڭنى باستۇرۇش جەھەتتە، جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ چاپارمىنى لوگەنگە 4 ماددىلىق يوليورۇق بەرگەن. ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، جاڭ زېمىن لوگەنگە يوليورۇق بېرىپ بىرىنچىدىن، ئۇلارغا ، بولۇپمۇ يۇقۇرىغا ئەرز قىلغىلى كەلگەن، ماتېرىيال تەييارلاپ جەمئىيەتكە تارقىتىدىغانلارغا قاتتىق قول بولۇش كېرەك، تۇتىۋالغاننى قاتتىق ئۇرۇش، ئۆلگىدەك ئۇرۇش، ئۆلسە، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دەپ ئېلان قىلىش، جەسەت سۈرۈشتۈرمەسلىك، بىۋاستە كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بېسىم ئارقىلىق كونترول قىلىنسىلا ھېساب. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىق، ھەتتا قانۇنغىمۇ قارىماي، ھەر قانداق ۋاستىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئادەم ئۆلسە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نامىنى سېسىتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە سۇندۇرۇش، جىسمانىي جەھەتتە يوقىتىش. تۆرتىنچىدىن، ئادەتتە قىزىل ماۋزۇلۇق ھۆججەت تارقاتماي، يوليورۇقلارنى مەخپىي شفىرلىق ئالاقە يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈش، ئىمزا قويماسلىق، ھەر قانداق يوليورۇقنى "مەركەزنىڭ" دەپلا ئاتاش كېرەك. ئومۇمەن، فالۇنگوڭنى باش ئەگدۈرگىلى بولمايدۇ دېگەنگە مەن ئىشەنمەيمەن، دېگەن.
جاڭ زېمىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، لوگەن 1999 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، "فالۇن قانۇنىي تەتقىقات جەمئىيىتى" نىڭ 4 نەپەر ئەزاسىنى قولغا ئېلىپ قاماق جازاسى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىنلا، لوگەن جايلارغا بېرىپ جاڭ زېمىننىڭ نامىنى سېسىتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە سۇندۇرۇش، جىسمانىي جەھەتتە يوقىتىش، ئۆلسە، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دەپ ھېسابلاش، جەسەتنى سۈرۈشتۈرمەي بىۋاستە كۆيدۈرىۋېتىش دېگەن يوليورۇقلىرىنى ئاغزاكىي يەتكۈزۈپ باستۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
دىنىي - ئېتىقات ئەركىنلىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا قۇرۇلغان "خىتايدىكى دىنىي زىيانكەشلىك ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى" دېگەن تەشكىلات بىلەن "ئەركىن خىتاي ھەرىكىتى" دېگەن تەشكىلات 2005 - يىلى 5 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلات ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىغان.
مەخپىي ھۆججەتلەردە ساقچىلار فالۇنگوڭچىلارنى قولغا ئالغاندا "قولغا ئېلىش كىنىشكىسى" بىجىرمەيلا قولغا ئېلىۋېرىش تەكىتلەنگەن. جىلىن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەتلىرىدە "فالۇنگوڭچىلارنى بايقىغان ھامان، ئالدى بىلەن قولغا ئېلىش، رەسمىيىتىنى كېيىن تولۇقلاش كېرەك " دەپ تەكىتلەنگەن. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ "دۆلەت ئىچىدىكى تېندىنسىيە" دېگەن ئىچكى خەۋەرلىرىدە "2000 - يىلى 10 - ئايدا فالۇنگوڭچە نەپەس مەشقى قىلىدىغان 10 مىڭدەك ئادەم، مىڭدىن -مىڭدىن بىر توپ بولۇپ تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدا كوللېكتىپ ھالدا گۇمپا مەشىق قىلغان" دەپ ئىنكاس قىلىنغاندا، جاڭ زېمىن بىلەن لوگەن قاتتىق چۇچۇپ كەتكەن.
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا تەسۋىرلىنىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن، يەر شارى بويىچە ئەڭ كۆپ ساقچى، جاسۇسلىرى ۋە ئەڭ كېلەڭسىز تەشۋىقات تورى بار جاڭ زېمىن قولىغا قورال ئالمىغان، پەقەت نەپەس مەشقى قىلىدىغان فالۇنگوڭچىلارغىمۇ تاقابىل تۇرالمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن، سىياسىي بيۇرودىكى فالۇنگوڭنى باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ تاماشا كۆرىۋاتقانلىقىغا ئىچى پۇشقان، ئىچى پۇشقانسېرى ياۋۇزلىشىشقا باشلىغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)
