"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، يەر شارى بويىچە ئەڭ كۆپ ساقچى، جاسۇسلىرى ۋە ئەڭ كېلەڭسىز تەشۋىقات تورى بار جاڭ زېمىن ئۆز ئېتىقادى بويىچە نەپەس مەشقى قىلىدىغان، ھېچقاچان قولىغا قولىغا قورال ئېلىپ بىركىمگە قارشى ھەرىكەت قىلمىغان فالۇنگوڭچىلارغا قارىتا نامىنى سېسىتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە سۇندۇرۇش، جىسمانىي جەھەتتە يوقىتىش، تۇتۇش، تۇتىۋالغاننى قاتتىق ئۇرۇش، ئۆلگۈدەك ئۇرۇش، ئۆلسە، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دەپ ئېلان قىلىش، جەسەت سۈرۈشتۈرمەسلىك، بىۋاستە كۆيدۈرىۋېتىش سىياسىتىنى قوللۇنۇپ باستۇرۇشنى يولغا قويغان.
فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن مەركىزى كومىتېتتا "610 - ئىشخانا" دەپ ئاتىلىدىغان مەخپىي ئىشخانا قۇرۇپ، جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گرىبىنى تاقىۋالغان ساقچى قوشۇنىنى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇش دېگەن شەكىل بىلەن بۇنداق ۋەھشى باستۇرۇشقا سۆرەپ كىرگەن. دۆلەتنىڭ ساقچى قوشۇنلىرى، بىخەتەرلىك خادىملىرى ئارقىلىق فالۇنگوڭچىلارنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى تەھدىت سېلىش، تىل - ھاقارەت قىلىش، خارلاش، ئۇرۇش، قىيناش، ئۆلتۈرۈشتەك ياۋۇز ۋاستىلار بىلەن باستۇرغان.
فالۇنگوڭچىلار ھەر قانداق دەھشەتلىك زۇلۇم ئاستىدىمۇ قولىغا قورال ئېلىپ قارشى ھەرىكەت قىلماي، ھەتتا قول ياندۇرماي ياكى تىل ياندۇرماي، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۈپ كەلمەكتە.
فالۇنگوڭچىلارغا قارىتىلغان ياۋۇزلۇقنىڭ مىساللىرى
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، سەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدە چېن فاڭ ئىسىملىك بىر ئايال ئىشچى ئېرى جىگەر راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ، ئىككى بالىسى بىلەن قالغاندا پېنسىيىگە چىقىرىلغان. بالىسىنىڭ چوڭى 13 ياش. ئۇنىڭ بالىلىرىغا قارىشىپ بېرىدىغان ئانىسىمۇ، كېسىلىنى داۋالىتىشقا يىتەرلىك پۇل بولمىغانلىقىتىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۆزى كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بالىلىرنى چوڭ قىلىۋېلىش ئارزۇسى بىلەن فالۇنگوڭ مەشقى قىلىپ ئۆزىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە باشلىغان. ساقچىلار ئۇنى فالۇنگوڭچى دەپ تۇتۇپ كېتىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، "يۈرەك كېسىلى ئۇچتۇمتۇت قوزغىلىپ ئۆلدى" دەپ ئېلان قىلىپلا قالماي، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە 2000 يۇئەن ئۆزگەرتىش ھەققى، 1000 يۇئەن تاماق پۇلى تۆلەپ بېرىپ جەسەتنى ئېلىپ كېتىشنى ئۇقتۇرغان. 13 ياشلىق قىز بالا ئانىسىنىڭ قانغا مىلەنگەن جەسىتىدىكى تاياق ئىزلىرىنى كۆرۈپ ھۆكۈرەپ يىغلاپ كەتكەن.
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ماسەنجا دېگەن يېرىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىدا، دۆلەت ساقچىلىرى تۇتۇپ كەلگەن 18 نەپەر فالۇنگوڭ مەشقى قىلغۇچى ئايالنى قىپ - يالىڭاچ قىلىپ تۈرمىدىكى ئەر مەھبۇسلارغا قوشۇپ قويۇپ، باسقۇنچىلىق قىلغۇزۇپ ھاقارەتلىگەن.
جىلىن ئۆلكىسىدىن بېيجىڭگە ئەرز قىلغىلى كەلگەن فالۇنگوڭچى ليۇ خانىمنى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپ "ساراڭلار دوختۇرخانىسى" غا سولاپ قويغان. ئۇ ئايال بۇ "دوختۇرخانىدا ساقچى، قامچا، توك كالتىگى دېگەندىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرمىگەن. 3 كۈندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسى مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئۆلگەن 9 ياشلىق بىر قىز بالىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئۇنى ليۇ خانىمنىڭ يېنىدا ياتقۇزۇپ قويغان. شۇ كېچىدە، بۇ 9 ياشلىق يېتىم قىزنى 3 لۈكچەك ليۇ خانىمنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ باسقۇنچىلىق قىلغان. ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىننىڭ ئادەملىرى قىلىۋىرىدىغان بۇنداق ياۋۇزلۇققا ئەركىن دۆلەتلەردە چىداشلىق بېرەلەيدىغان نورمال ئادەم تېپىلمىسا كېرەك.
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا كېلىپ چىققان 5 يۈز مىليارت قىزىل رەقەمنى كۆتۈرۈۋېتىش بەدىلىگە، ئامېرىكىغا فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۇستازى لى خوڭجى ئەپەندىنى تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى قىلغان. جاڭ زېمىن ئامېرىكىدا بۇ جىنايى مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، زېڭ چىڭخوڭ فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۇستازى لى خوڭجى ئەپەندىنى تۇتۇپ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىز قوغلايدىغان جاسۇسلارنى ئەۋەتكەن. ھەتتا لى خوڭجى ئەپەندىگە قارىتا 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلغان "ئايال پىدايى" تەشكىللىگەن. ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق سۈيىققەست قىلىشنمۇ پىلانلاپ كۆرگەن. باشقا دۆلەتلەرگىمۇ خىتاينىڭ ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق فالۇنگوڭچىلارغا نازارەت قىلىدىغان جاسۇسلارنى ئەۋەتكەن. يېقىندا ئاۋسترالىيىدە كوممۇنىست پاتىيىگە ئاسىيلىق قىلغان دىپلومات چېن يوڭلىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاۋسترالىيىدە 1000 دەك جاسۇس ئەۋەتكەنلىكىنى پاش قىلغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)