جاڭ زېمىننىڭ ئەسلىي قىياپىتى(10)

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "ياۋۇزلۇق ۋە قىرغىنچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كولومبىيا رادىئو شىركىتىنىڭ "60 مىنۇت" دېگەن پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاللاس ئەپەندى يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، جاڭ زېمىننى زىيارەت قىلىش ئارزۇيىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ چەتئەلگە زىيارەتكە چىقىدىغانلىقىنى ئالدىن تەشۋىق قىلىش كېرەك بولغاندا، ئاندىن 2003 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋاللاس ئەپەندىنى ۋە ئۇنىڭ 8 كىشىلىك فىلىمگە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ زىيارىتىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ بېيدەيخې سەيلىگاھىدا قوبۇل قىلغان. زىيارەت 3 سائەت داۋام قىلغان.

جاڭ زېمىننىڭ ئامېرىكا مۇخبىرى ۋاللاسنىڭ سۇئالىغا بەرگەن جاۋابلىرى

پروگراممىنى جاڭ زېمىن ئامېرىكىغا زىيارەتكە چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغان. جاڭ زېمىن شۇ قېتىمقى زىيارەتنى 'خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش' دېگەن تېمىدا بولىدۇ دەپ مۇقام بىكىتكەن. جاڭ زېمىن گېپىنى "ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىمىز، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا يامان ئەمەس كېتىۋاتىدۇ" دەپ باشلىغان. ئامېرىكا مۇخبىرى ۋاللاس ئەپەندى جاڭ زېمىننىڭ مۇقامىغا پىسەنت قىلماي، بەلكى جاڭ زېمىننىڭ ئۆزىنى "دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى كوممۇنىست مۇستەبىتى" دەپ ئاتىغاندا، جاڭ زېمىن بۇ باھاغا نارازى بولۇپ "سىز جوڭگونى 'مىڭ بىر كېچە' دېگەن ھېكايىدىكىدەك بىمەنە دەپ قارىماڭ. بىزدە خەلق قۇرۇلتىيى بار، ئۇ كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى سايلاپ چىقىدۇ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. مەن شۇ دائىمى ئەزالارنىڭ بىرى. بىزدە ئەزالارنىڭ ھەممىسى قوشۇلمىغىچە ھېچقانداق قارار ماقۇللانمايدۇ" دېگەن. بۇ سۆز ئارقىلىق جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ھەققىدە ئەقەللىي ساۋاتقىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

خىتايدا قاچان خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنى سايلاپ چىقىدىغان ئىش بولغان؟ ھەتتا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى دېگەننىمۇ خەلق ئۆزلىرى كۆرسىتىپ سايلاپ چىقمىغان تۇرسا. دۆلەتنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي ھوقۇقىدىن ئىبارەت 3 چوڭ ھوقۇقىنى جاڭ زېمىننىڭ ئۆزىلا ئىگىلىۋېلىشىنى مۇستەبىتلىك ئەمەسمۇ؟ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7 نەپەر دائىمى ئەزاسىنىڭ 6 سى قوشۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، فالۇنگوڭنى باستۇرۇشنى جاڭ زېمىن ئۆزىلا قارار قىلمىغانمۇ؟ مۇستەبىت، دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ۋاللاس ئەپەندى جاڭ زېمىندىن "نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت رەھبىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقسا بولىدىكەن، ئەمما خىتاي خەلقى دۆلەت رەھبىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقسا بولمايدىكەن؟ "دەپ سورىغاندا، جاڭ زېمىن بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرگەندىمۇ يەنە قىلچە نومۇس قىلماستىن : "مەنمۇ سايلام ئارقىلىق مەيدانغا چىققان دۆلەت رەھبىرى. ئەمما بىزنىڭ سايلام تۈزۈمىمىز ئوخشىمايدۇ" دېگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە "خىتاينىڭ ئالاھىدىلىكى" دېگەننى باھانە قىلىپ ، ئۇقۇملارنى مۈجىمەللەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ "ھەر بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمى ئوخشاش بولماسلىقىغا يول قويۇلىشى كېرەكقۇ. چۈنكى، ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ ئەنئەنىسى ئوخشىمايدۇ. مائارىپ ۋە ئىقتىساد سەۋىيىسىمۇ ئوخشىمايدۇ" دېگەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1944 - يىلى 5 - ئايدا "شىنخۇئا گېزىتى" دە "ئومۇمى سايلامنى تولۇق ۋە ئۈزۈل- كېسىل يولغا قويۇش كېرەك. خەلقنى ئومۇمى سايلامدا تەڭ - باراۋەرلىك، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن ئەمەلىي مەنپەئەتدار قىلىش كېرەك. خۇددى سۈن جوڭسەن ئەپەندى ئېيتقاندەك، يەرلىك ئۆمەكلەرنىڭ ۋە ھەر بىر خەلقنىڭ سايلاش ئەركىنلىكى، تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تەشۋىق قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش ئەركىنلىكى چوقۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك. قىسقىسى، خەلقنىڭ توپلىنىش، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش، سۆزلەش، نەشر قىلىش جەھەتلەردە تولۇق ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، "سايلام" دېگەن گېزىتتىلا ئېيتىلغان قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ" دەپ تەشۋىق قىلمىغانمىدى؟ جاڭ زېمىن، ھەتتا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان لازىم بولغاندا، گېزىت يۈزىدە ئېيتىپ قويىدىغان شۇ گەپلىرىنىمۇ يادلاپ بېرەلمەيدىغان، ئەينى زاماندىكى كوممۇنىست بوۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان شۇنداق "لاياقەتلىك" باش شۇجىمۇ-كەن؟

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ۋاللاس ئەپەندى جاڭ زېمىندىن "نېمە ئۈچۈن خىتايدا بىرلا پارتىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ؟" دەپ سورىغاندا، جاڭ زېمىن: "بىزدە نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئۆكتىچى پارتىيە بولۇشى كېرەك؟" دېگەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن 50 نەچچە يىل ئىلگىرى " دېموكراتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى دۆلەتنى بىرلا پارتىيە ئىدارە قىلىشنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت.

ئەگەر بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، دۆلەتنىڭ پۈتۈن ئىشى بىرلا پارتىيىنىڭ قولىغا قالىدۇ. ئەقىللىق-قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ. ياخشى تەكلىپلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 'دېموكراتىيە' دېگەن، مەيلى ئۇنى قانداق پەدەزلىسۇن، ئۇ بەرىبىر 'قۇرۇق گەپ' تىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ" دەپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى جاڭ زېمىن بىلمەي تۇرۇپ باش شۇجى بولغانمۇ؟ (داۋامى بار) (ۋەلى)