"ئۇلۇق ئېرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ " 3 كە ۋەكىللىك قىلىش دەپ ئاتالغان يالغانچىلىق ھەققىدە" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆزنى "خەلق گېزىتى" 2000 - يىل 3 - ئايدا ئوتتۇرىغا چىقاردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، بۇ سۆز ھەرخىل شەكىل بىلەن زورمۇ-زور تەشۋىق قىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يالغانچىلىق تارىخىدا يەنە بىر يېڭى ئويۇن باشلاندى ۋە يالغانچىلىق يورىقى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
يالاقچىنىڭ گېپى ئۆكتەمگە ياراپ قالغان
"ئۇلۇق ئېرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "3 كە ۋەكىللىك قىلىش دەپ ئاتالغان يالغانچىلىق ھەققىدە" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خەلق گېزىتىدە جاڭ زېمىننىڭ "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن ئۇلۇق ئىدىيىسى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغاندا، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومدا، ئادەتتە جاڭ زېمىنگە نۇتۇق تېكىستى يېزىپ بېرىدىغان ۋاڭ خۇنىڭ دېگەن كىشى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جاڭ زېمىن 2000 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، گۇئاڭجۇدىكى جۇداۋ مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت يىغىنىدا ئوقۇغان تېكىستتە "كوممۇنىست پارتىيە خىتايدا باشتىن -ئاخىر ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يۆنۈلىشىگە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى" دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر يېزىلغان ئىكەن.
5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ۋاڭ خۇنىڭ ئەپەندى بۇ سۆزنىڭ كەينىگە "بۇ - بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئاساسىمىز، ھاكىمىيەت تۇتۇشمىزنىڭ كۈچ مەنبەسى " دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ تېخىمۇ كۈچەيتىپ قويغان ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا جاڭ زېمىن ئۆزى ئويلاپ چىقىپ شۇنداق بىر گەپ قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. جاڭ زېمىن ئۆزىمۇ قاچان شۇنداق تېكىستنى ئوقۇغانلىقىنى ، ئۇ گەپنىڭ نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكە ئالالمايدۇ. ھەتتا جاڭ زېمىن ئۆزىمۇ بۇ سۆزلەرنى يادلاپ ئالالمىغانلىقىدىن قارىغان، بۇ ھېچقاچان چۇڭقۇر پىكىر قىلىپ، قايتا - قايتا تەجرىبە قىلىنغان ئىدىيە ئەمەس، ئۇ پەقەت بىر خىل ئاساسسىز ماختاش ياكى ئۆكتەملىكتىنلا ئىبارەت. ھەتتا جايلاردىكى ئەمەلدارلارمۇ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۈزى بەك قېلىن ئەمەسلەر بۇ سۆزنى تىلغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىدۇ.
"3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆزنىڭ مەسخىرىگە قېلىشى
"ئۇلۇق ئېرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ " 3 كە ۋەكىللىك قىلىش دەپ ئاتالغان يالغانچىلىق ھەققىدە" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆزگە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئادەم بولمىسا كېرەك.
ھەتتا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگراممىلارنى تەييارلاپ ئاڭلاتقاندا، بۇنىڭغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلمىغان. ئۇلار ھەتتا دېھقانلارنىڭ "يېزىمىزدا بىر كۆۋرۈك سېلىندى، بۇنىڭ ئۈچۈن 3 كە ۋەكىللىك قىلىشقا رەھمەت! دېگەنلىكىنى؛ يېزا ئاياللىرىنىڭ "بىزنىڭ كېلىن سېمىز بوۋاق تۇغدى، بۇنىڭ ئۈچۈن 3 كە ۋەكىللىك قىلىشقا رەھمەت! دېگەنلىكىنى؛ شەھەرلەردە بولسا "3 كە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھاجەتخانا سالايلى" ، "قۇشخانىدا 3 كە ۋەكىللىك قىلىش روھى بىلەن ئىشلەيلى" دېگەن شۇئار يېزىپ چاپلانغانلىقىنى ئىكراندا كۆزسەتكەن. بۇلاردا كىنايە ياكى مەسخىرە بارلىقىنى پروگرام رىياسەتچىلىرى بىلمەي قالغانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر بۇ سۆزنى "ئۇلۇق ئىدىيە" دەپ ئاتاشتىن نۇمۇس قىلىپ، شۇنداق ئىشلار ئۈچۈن مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، فالۇنگوڭچىلارنىڭ تۈرمە ھاياتى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تۈرمە باشقۇرۇش ئورگانلىرى مەھبۇسلارنى ھەقسىز ئىشلىتىپ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، شەھۋانە كىتاب - ژورنال ۋە رەسىملەرنى تۈرمىدە تۈپلەپ چىقىدىكەن. بۇنداق شەھۋانە نەرسىلەرنى ئىشلەش جەريانىدا، سىياسىي قانۇن خادىملىرى ئۆزلىرىمۇ قىلغان گېپىدىن ئۆزگىچە مەنە چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ "بۇ ئىش بىۋاستە 3 كە ۋەكىللىك قىلىش مۇناسىۋەتلىك ئىش"، " 3 كە ۋەكىللىك قىلىشتىن ئىلھام ئېلىپ، بىر نەچچىنى ئارتۇق مىخلاڭلار" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بۇيرۇق بويىچە ، ئۆلكىلەردە "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەننى ئۆگىتىدىغان مەخسۇس يىغىنلاردا، بەزى ئەمەلدارلار "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" ئىدىيىسىنىڭ ئۆزى ئالىي تېخنىكىلارنى ياساپ چىقالايدۇ، ئىشچىلارنىڭ ئىشتىن بوشۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، يېزىلاردىكى يۈز مىليونلىغان ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالايدۇ" دېگەندەك مۈجىمەل سۆزلەرنى قىلسا، يەنە بەزىلىرى "سانائەتتە تەرەققى قىلغان غەرب دۆلەتلىرى نېمە ئىدىيىگە تايىنىپتىكەن، شۇنى بىر ئوقۇۋالساق بولاتتى" دەپ تېخىمۇ ئۇچۇق دارىتمىلاپ ھۇجۇم قىلغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)