"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "3 كە ۋەكىللىك قىلىش دەپ ئاتالغان يالغانچىلىق ھەققىدە" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆز "خەلق گېزىتى" تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، خىتايدا ھەر قايسى ساھەدە، ھەتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ، بۇ سۆز قاتتىق قارشىلىققا ۋە تەنقىدكە ئۇچرىغان.
"3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆزگە قارىتىلغان تەنقىدلەر
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان مۇلاھىزە يىغىنلىرىدا "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆزنىڭ قانداق قىلىپ بىر "ئىدىيە" ياكى "نەزەرىيە" بولۇپ قالغانلىقى بىر "سىر" دەپ قارالغان. نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەر بۇ سۆزنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەئەسىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بەلكى بۇ سۆز خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدىمۇ بىر "سىر" دەپ قارالغان. ئۇلار بۇ سۆزنى پەقەت جاڭ زېمىننى "ئۇلۇق"، "دانا" ياكى "ئالاھىدە" ئادەم قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ نامىغا ئابىدە تىكلەش ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىغان.
كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى باۋتوڭ ئەپەندى "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەندىكى "باشتىن - ئاخىر كەڭ خەلق ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ كېلىۋاتىمىز" ، "باشتىن - ئاخىر ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىپ كېلىۋاتىمىز"، "باشتىن - ئاخىر ئىلغا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ كېلىۋاتىمىز" دېگەن سۆزلەر ھېچقانداق ئەمەلىيەت ئاساسىي بولمىغان قۇرۇق گەپ ۋە يالغانچىلىق. شۇنداقلا خەلق سايلىمىغان ئەمەلدارلار نىڭ ئۆكتەملىك قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ سودىگەرلەر تىل بىرىكتۇرىۋالغانلىقىنىڭ ئىقرارى، دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى " 3 كە ۋەكىللىك قىلىش دېگەن سۆز ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىنكى 3 يىل ئىچىدە، شۇ "ئىدىيە" بىلەن بىرەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىنىڭ مىسالىنى تاپقىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆزنىڭ ئىستىمالدىكى رولىغا ئاساسەن "جاڭ زېمىن چۈشكۈنلەشكەن ئەدىبلەرنى، مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ دۇمباقچىلىرىنى، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى بۇرۇن يوقىتىشنىڭ نىشانى قىلغان كاپىتالىستلارنى "ئىلغار مەدەنىيەت"، "ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى" دەپ ئاتاۋاتىدۇ، بۇ بىر ئالدامچىلىق. سوراپ باقايلى، ئۆزىنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى دەپ ئاتىۋالغان جاڭ زېمىن نېمە ئۈچۈن ئىشتىن بوشۇتۇلغان 30 مىليون ئىشچىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەتتا قېنىنى، بۆرىكىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان، قان سېتىش جەريانىدا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلمايدۇ؟" دېگەن.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا "جاڭ زېمىنىڭ ھەربىي ئىدىيىسى" دېگەن بىر كىتاب نەشر قىلىش توغرىسىدا مەسىلىھەت باشلانغاندا، ھەربى قىسىملار ئىچىدە جاڭ جېن، خوڭ شۆجى، ياڭ بەيبىن قاتارلىق 10 نەچچە نەپەر گېنېرال بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ خەت يېزىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار خېتىدە جاڭ زېمىننى "ئىسلاھاتقا توسقۇنلۇق قىلدى"، " ‘3 كە ۋەكىللىك قىلىشئ دېگەن بىر ئەخلەت" دەپ كۆرسەتكەن.
"3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆز ھەققىدىكى يومۇرلار
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "3 كە ۋەكىللىك قىلىش دەپ ئاتالغان يالغانچىلىق ھەققىدە" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن سۆز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خەلق ئىچىدە جاڭ زېمىن ھەققىدە ئىجاد قىلىنغان سىياسى يومۇرلار كۆپەيگەن. مەسىلەن: ئافغانىستاندا ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەلق ئىچىدە: دۆلەت باشلىقلىرى ئوساما بىنلادىننى قانداق يوقىتىشنىڭ چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، جاڭ زېمىن "ئوساما بىنلادىننى 3 كە ۋەكىللىك قىلىش دەپ سۆزلەۋېتىپ زېرىكتۈرۈپ، زېرىكتۈرۈپ يوقاتقىلى بولىدۇ" دەپ ئەقىل كۆرسىتىپتۇ، دېگەن سىياسىي يۇمۇر پەيدا بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە: جەھەننەمدە يېتىۋاتقان ماۋ زېدوڭ "جاڭ زېمىننىڭ نەچچە توم كىتابى بار ئىكەن؟" دەپ سورىغاندا، ئالۋاستىلار ساناپ باقسا "ئاران 3 ئېغىز گەپ ئىكەن"، ماۋ زېدوڭ يەنە "جاڭ زېمىن ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادەم سانى قانچىكەن" دەپ سورىغاندا، ئالۋاستىلار ساناپ باقسا "ئاران 3 ئىكەن" دېگەن سىياسىي يۇمۇر تارقالغان. خەلقنىڭ بۇنداق سىياسىي يۇمۇرلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئىجاد قىلىپ تۇرغانلىقى جاڭ زېمىننى ئىنكار قىلغانلىق ئىدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)