"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ " 3 كە ۋەكىللىك قىلىش دەپ ئاتالغان يالغانچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن فالۇنگوڭنى باستۇرۇش توغرىسىدا چۈشۈرگەندىن كېيىن، گېزىتلاردا فالۇنگوڭنى ئەيىپلەيدىغان ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە ھەرخىل "ئۆگۈنۈش" يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ سەپەرۋەرلىك قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھېچ ئۈنۈمى بولمىغان.
جاڭ زېمىننىڭ فالۇنگوڭنى "بىدئەت" دەپ ئەيىپلەپ باستۇرۇشى
يەنجىن شەھەرلىك " 610 - نومۇرلۇق ئىشخانا" خادىمى خاۋ فېڭجۈننىڭ پاش قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا، سىياسىي بيۇرودىن ھېچكىم جاڭ زېمىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئوتتۇرىغا چىقمىغان. ساقچىلارمۇ ئۆز دائىرىسىدىكى خەلقنى نەپەس مەشقى قىلغان دەپ زورمۇ-زور تۇتۇشقا رايى بارماي، جاڭ زېمىننىڭ "فالۇنگوڭنى باستۇرۇش" بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا پاسسىپلىق قىلغان. تۇتۇپ كېلىنگەن "فالۇنگوڭچى"لارنى ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، قىيناپ ئۆزگەرتىشتىنىڭمۇ ھېچ ئۈنۈمى بولمىغان. بۇنىڭغا جاڭ زېمىن قاتتىق غەزەپلەنگەندىن كېيىن، 1999 - يىلىنىڭ بېشىدا، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنىدا بىر باشلىق "مىنىستىرلىقتىن بەلگىلىگەن جەمئىيەتتىكى ھەرخىل خۇراپىي ھەرىكەتلەرنىڭ پاكىتىنى فالۇنگوڭغا يۈكلەش يۆنىلىشى بويىچە ئىش كۆرۈپ، شۇنداق پاكىتلارنى فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۈستىگە ئارتقان بولساقمۇ، ئەمما ۋاقىت قىسقا بولغاچقا، خىزمىتىمىزنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى، ھازىر پاسسىپ ھالەتتە قېلىۋاتىمىز" دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تيەنجىن شەھەرلىك 610 - نومۇرلۇق ئىشخانا خادىملىرى خېبېي ئۆلكىسىدە دېلو تەكشۈرۈپ "پاكىت" ئىزلەشكە باشلىغان. تيەنجىن شەھەرلىك 610 - نومۇرلۇق ئىشخانىنىڭ خادىمى خاۋ فېڭجۈننىڭ پاش قىلىشىچە يەنە، ئەينى ۋاقىتتا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ "نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر" پروگراممىسىدا، خەندەن شەھەرلىك پولات شىركىتىنىڭ ئىنجېنېرى، نازىر دەرىجىلىك كادىر جىن جەنيى بوۋاينى كىشەنلەپ ئەكىلىپ، فالۇنگوڭچە نەپەس مەشقى قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە ئۈنۈمى يوق دەپ ئىسپاتلىق بەرسە، ئۇنى قاماق جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىشقا كېلىشىپ ئىسپاتلىق بەرگۈزگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، جاڭ زېمىن ئۆزى مەيدانغا چىقىپ، 1999 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى فرانسىيىدە چىقىدىغان فىگارو گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، فالۇنگوڭنى "بىدئەت" دەپ جاكارلىغان. "فالۇنگوڭ بىرنەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى" دەپ تەييارلانغان تەشۋىقات ماتېرىيالىنى، جاڭ زېمىن ئۆزى 1999 - يىللىق ئوپېك دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا دۆلەت باشلىقلىرىغا تارقاتقان.
"تيەنئەنمېندە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش" ۋەقەسى
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ " 3 كە ۋەكىللىك قىلىش دەپ ئاتالغان يالغانچىلىق " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، 2001 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، خىتاينىڭ دېھقانلار كالىندارى بويىچە يېڭى يىل ھارپىسىدا، يېڭى ئىرا باشلىنىپ كەلگەن تۇنجى چاغان بايرىمىدا، كىشىلەر بايرام خوشاللىقىغا چۆمگەندە ، "بېيجىڭنىڭ يۈرىكى" دەپ تەسۋىرلىنىدىغان تيەنئەنمېن مەيدانىدا توساتتىن تۇتاشقان ئوت لاۋىلداپ، خېنەندىن كەلگەن 4 نەپەر ئايال بۇ ئوتتا كۆيۈشكە باشلىغان. ئوت يېقىلىپ بىر مىنۇت ئىچىدە بىر ئايال ئۆلگەن. ساقچىلار دەل شۇ مىنۇتتا ئوت كۆيگەن جايدا پەيدا بولۇپ، ئوتنى ئۆچۈرىۋالغان. ئوتتا كۆيۈپ يارىلانغان 4 كىشىنى "تىز قۇتقۇزۇش ئورنى"غا ئېلىپ كەتكەن. ئىككى سائەت ئىچىدە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پۈتۈن دۇنياغا "تيەنئەنمېن مەيدانىدا 5 نەپەر فالۇنگوڭچى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالدى، دەپ ئېنگىلىزچە خەۋەر بەرگەن. تېلېۋىزور ئىكرانىدا 12 ياشلىق بىر نارىسىدە قىزنىڭ كۆرۈنۈشىنى بار. تېلېۋىزور ئىكرانىدا يەنە ئاتالمىش “بىدئەت” دىننىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان 19 ياشلىق "نادان" چوكاننىڭ كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ، ئازابلىنىپ تۇرغاندىمۇ، كۆيۈپ چۈچىلە بولغان قولىنى چىقىرىپ "جەننەت" نىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش بار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، گېزىتلارنى شىخۇئا ئاگېنتلىقى ئويۇشتۇرغان تەنقىت ماقالىلىرى قاپلاپ كەتكەن. جايلاردا فالۇنگوڭغا لەنەت ئوقۇيدىغان يىغىنلار ئېچىلىشقا باشلىغان.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، "ساختا ئوت" ناملىق بىر فىلىمى 51 - قېتىملىق كولومبىيا كىنو فلىم شىركىتىنىڭ 2002 - يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ فلىمدە خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن "فالۇنگوڭچىلار ئۆزلىرى بەدىنىگە يېقىلغۇ تۆكۈپ ئۆزلىرنى ئوتتا كۆيدۈردى" دەپ ئاتالغان ۋەقە ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر، ئۇنىڭ قانداق كېسىپ قوراشتۇرۇلغانلىقى تەپسىلىي تەكشۈرىلىپ ئېنىقلاپ چىقىلغان. 45 مىنۇتلۇق بۇ فلىمدە ليۇچۈنلىن دېگەن ئايالنىڭ ئوت ئىچىدە قانداق جان تالاشقانلىقى، ئۇزۇن چاپان كېيىۋالغان بىر ئەر كىشى كېلىپ، ئۇنى بېشىغا كالتەك بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىنلا ئوت يانغان نوقتىغا ھەر تەرەپتىن ئوت ئۆچۈرىدىغان سۇيۇقلۇق چېچىلىپ ئوت ئۆچۈرىلگەنلىكى تەپسىلىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ كۆرسۈتۈلگەن. بۇ فلىمدە يەنە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوت يانغان ھامان، ئوت ئۆچۆرۈش ئەسۋابلىرى ئىشلىتىلگەنلىكى ئالدىن پىلانلاپ ۋە ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈلگەن ۋەقە ئىكەنلىكى؛ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغان ۋاڭ جىندوڭ دېگەن كىشى ھېچقاچان فالۇنگوڭچە نەپەنەس مەشقى قىلىدىغان كىشى ئەمەسلىكى، ئەگەر ئوت كۆيىۋاتقان نوقتىنىڭ 10 مىتىرلىق دائىرىسىدە ئالدىن تەييارلانغان فوتو ئاپپاراتى بولمىسا، ئۇ كىشىنىڭ كۆرۈنىشى، ۋاقىرىغان ئاۋازى شۇ قەدەر سۈزۈك ئېلىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئىشتانلىرى كۆيۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىككى پۇتىغا قىسىۋالغان يېقىلغۇ قاچىلانغان پلاستىك ئىچىملىك قاچىسى ئوتتا كۆيمەي ساقلىنىپ قېلىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى؛ 12 ياشلىق قىز بالىنىڭ ئوتتا كۆيۈپ يارىلانغان نەپەس ئورگانلىرى دوختورلار تەرىپىدىن ئاپىراتىسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەنە شىنخۇئا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىغا گەپ قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى دەلىللەنگەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)
