"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ " جاڭ زېمىننىڭ شەھۋانىي تۇرمۇشى ھەققىدە " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، 2002 - يىلى خۇنەندە نەشر قىلىنغان "دۆلەت ئانىسى سوڭ زۇيىڭ" ناملىق كىتابتا، جاڭ زېمىنىڭ شەھۋانىلىق تۇرمۇشى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، جاڭ زېمىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. بىر نەچچە ئون ئادەم بۇ كىتابقا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ دەرھال تۈرمىگە ئېلىنغان.
جاڭ زېمىننىڭ شەھۋانىي تۇرمۇشى ھەققىدە
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كىتابتا تەسۋىرلەنگەن سوڭ زۇيىڭ خانىم خۇنەننىڭ غەرب تەرىپىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان مياۋزۇ ئائىلىسىدىن تاللىنىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ناخشا- ئۇسۇل پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ناخشىسى 1991 - يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئويۇشتۇرغان باھار بايرىمى كېچىلىكىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن.
ناخشىدا داڭ چىقارغان سوڭ خانىمنى ھەربىي كومىتېت رەئىسى جاڭ زېمىن ئازادلىق ئارمىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە يۆتكەپ كېلىپ مايور دەرىجىلىك ئوفىتسېر قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جاڭ زېمىن ئازادلىق ئارمىيىنىڭ مايور دەرىجىلىك ئوفىتسېر ناخشىچىسى سوڭ خانىمنىڭ ناخشىلىرىنى زاكاز قىلىپ تۇرغان. جاڭ زېمىننىڭ سوڭ خانىمنىڭ تۇرمۇشىغا پەۋقۇلئاددە كۆڭۈل بۆلۈشى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باشلىقلىرى ئۈچۈنمۇ، ھەربىي كومىتېت رەئىسىدىن بىۋاستە "يوليورۇق" ئېلىش ئىنتايىن قولاي بولغان.
"چوڭ ئاكاڭنى ئىزلە"
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن سەھنىگە چىقىپ ئارتىسلار بىلەن كۆرۈشكەندە، سوڭ خانىمنىڭ قولىغا بىر ئىلىك خەتنى تۇتقۇزۇپ قويغان. ئۇ خەتتە "ھەر قانداق ئىش بولسا چوڭ ئاكاڭنى ئىزلە" دەپ يېزىلغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، جاڭ زېمىن "توسالغۇلارنى تازىلاش" ئۈچۈن سوڭ خانىمنى ئېرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، ئۇنى دېڭىز ئارمىيە مېھمانخانىسىدا يېتىپ قوپىدىغان قىلغان. 1926 - يىلى تۇغۇلغان جاڭ زېمىن ھەر قېتىم ئوخشىمىغان نومۇرلۇق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كېلىپ 1966 يىلى تۇغۇلغان، ياش جەھەتتە 40 ياش پەرق قىلىدىغان سوڭ خانىمنى يوقلاپ تۇرىدىغان "ئىتوت" لارنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس قىلغان پىشقەدەم رەھبەرلەر نەزەربەنتكە ئېلىنغان.
جوڭنەنخەيگە كىرىدىغان قىزىل كارت
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ " جاڭ زېمىننىڭ شەھۋانىي تۇرمۇشى ھەققىدە " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ مايور دەرىجىلىك ئوفىتسېرى سوڭ زۇيىڭ خانىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قايسى ناخشىنى ئېيتىپ، قايسى نومۇردا قانداق رول ئېلىشنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ئىمتىيازغا ئىگە. ئۇنى ھەتتا كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمۇ يوق. سوڭ خانىم سەھنىدە ناخشا ئېيتقاندا، تېلېۋىزىيە خادىملىرىنىڭ سىن ئاپپاراتنى رەھبەرلەرگە توغرىلاپ كۆرۈنۈش ئېلىشىمۇ قەتئىي چەكلەنگەن.
سوڭ خانىم 2000 - يىلى سىچۇئەنگە ئويۇن قويغىلى بارغاندا، جاڭ زېمىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت مۇھاپىزەت ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئوخشاش 1 - دەرىجىلىك قوغداشقا ئېرىشكەن. سوڭ خانىم شۇ ناخشا كېچىلىكىدە، خۇبېي خەلق ناخشىلىرىدىن "قولۋاق" دېگەن ناخشىنى ئېيتقان بولۇپ، ھەر قېتىم بۇ ناخشىنىڭ "سىڭىلچاقنى كىم يۈدۈپ ئۆتكۈزىدۇ دەريادىن" دېگەن نەقراتى باشلانغاندا، تاماشىبىنلار "جاڭ بوۋىسى يۈدۈپ ئۆتكۈزىدۇ دەريادىن" دەپ چوقان سالغان. سوڭ خانىم شۇ ئاخشىمىلا سىچۇئەندىن قايتىپ كېلىپ جاڭ زېمىنغا ئەرز قىلغان. جاڭ زېمىن سىچۇئەن ئۆلكىلىك پارتكومغا بۇ ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. سوڭ زۇيىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئارتىس، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىي ئەزاسى بولغان. كېيىن، يەنە بىر ناخشىچى سوڭ خانىمنىڭ "جوڭنەنخەيكە كېرىپ - چىقىدىغان قىزىل كارت" ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشتىن بوشۇتۇلغان. ئازادلىق ئارمىيە ئىچىدىمۇ "ئىغۋا تارقاتماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك" ھەققىدە ئىنتىزام تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان.
ئىنتېرنېتتىكى ئولتىماتوم
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 2001 - يىلى ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەت بۆلۈم باشىلىقى جاۋئەن مەشھۇر ئەرتىسلەرگە زىياپەت بەرگەندە، سوڭ خانىم تازا كېيىپ بولۇپ، ئۆزىنى تۇتالماي رەئىس جاڭ زېمىننى ئەسلەپ ھېكايە سۆزلىگەن. شائىر جاڭ جۈنيى "جاۋئەن بىلەن سوڭزۇيىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىگە تۆھمەت قىلدى" دەپ 200 پارچە نامسىز خەت تەييارلاپ قانۇن تارماقلىرىغا يوللىغان. جاڭ زېمىننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن جاۋئەن قولغا ئېلىنىپ، "پارىخورلۇق قىلغان" دېگەن جىنايى نام بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2004 - يىلى 2 - ئايدا، بۇنىڭغا قارشى ھەققانىيەتچىلىك ھېسياتى قوزغۇلۇپ، شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ماقالە يېزىپ ئىنتېرنېتكە قويغان يازغۇچى لۈ جاپىڭ قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق "ئەگەر لۈ جاپىڭنى قويۇپ بەرمىسە، جاڭ زېمىن بىلەن سوڭ زۇيىڭ ھەققىدىكى مەخسۇس سىنئالغۇ لىنتىسى ئاشكارا تارقىتىلىدۇ" دەپ ئولتىماتوم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لۈ جاپىڭ قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن "سىنئالغۇ" ھەققىدىكى گەپلەر جىمىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، لۈ جاپىڭ خۇنەندە ئىز -دېرەكسىز يوقالغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)
